تەڭرىتاغ تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   نەزەرىيە

يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى

  شىنجاڭ جۇڭگوچە سوتسىيالىزم نەزەرىيە سىستېمىسى تەتقىقات مەركىزى

  شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى پارتىيەمىزنىڭ جۇڭگوچە سوتسىيالىزم مۇساپىسىدىكى نەزەرىيەدە سىجىل يېڭىلىق يارىتىش ۋە ئەمەلىي ئىزدىنىش تەجرىبىلىرىنىڭ يەكۈنى، ماركسىزمنى جۇڭگوچىلاشتۇرۇشنىڭ ئەڭ يېڭى نەزەرىيەۋى نەتىجىسى بولۇپ، ئىزچىل چىڭ تۇرۇش شەرت. جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ يېڭى دەۋرگە كىرىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۇلۇغ مۇساپىسىدە، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ ئىستراتېگىيە يۈكسەكلىكىدە تۇرۇپ، يېڭى ۋەزىيەتتىكى شىنجاڭ خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش توغرىسىدا بىر قاتار مۇھىم سۆزنى ئوتتۇرىغا قويۇپ ۋە مۇھىم يوليورۇق بېرىپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى بېيىتىپ ۋە راۋاجلاندۇرۇپ، ئۇنى شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمىغا ئايلاندۇرۇپ، يېڭى دەۋردە شىنجاڭ خىزمىتىنى ياخشى ئىشلىشىمىز ئۈچۈن ئىلگىرىلەش يۆنىلىشىنى كۆرسىتىپ بەردى، تۈپ قوللانما ۋە قۇدرەتلىك ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ بىلەن تەمىنلىدى.

  بىرىنچى، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ روھىي ماھىيىتىنىڭ تولۇق نامايەندىسى

  يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى شىنجاڭنى مۇقىم قىلىش ۋە ئەمىن تاپقۇزۇش ئىشلىرىغا يېتەكچىلىك قىلىشنىڭ جانلىق ئەمەلىيىتىدە، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ روھىي ماھىيىتى ۋە ئاساسىي پىرىنسىپىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، شىنجاڭ مەسىلىسى ۋە شىنجاڭ خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش توغرىسىدا بىر قاتار مۇھىم ھۆكۈم ۋە تونۇشنى ئوتتۇرىغا قويدى، ئۇنىڭ نۇقتئىنەزەرى ئېنىق، ئىدىيەسى چوڭقۇر، مەزمۇنى مول.

  1.خەلقنى مەركەز قىلغان ئاساسىي مەيدان روشەن نامايان قىلىندى

  شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ۋە ئاساسىي تەدبىرىدە، ئومۇمىي دۆلەت خەۋپسىزلىكى قارىشىدا چىڭ تۇرۇش تەلەپ قىلىنىپ، دۆلەت خەۋپسىزلىكىنى قوغداش پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ تۈپ مەنپەئىتى، دەپ كۆرسىتىلدى، تۈرلۈك سىڭدۈرمىچىلىك، ئاغدۇرمىچىلىق، بۇزغۇنچىلىق ھەرىكەتلىرى، زوراۋانلىق، تېررورلۇق ھەرىكەتلىرى، مىللىي بۆلگۈنچىلىك ھەرىكەتلىرى، دىنىي ئەسەبىيلىك ھەرىكەتلىرىنىڭ قاتتىق ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنىڭغا قاقشاتقۇچ زەربە بېرىش تەلەپ قىلىندى. يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىدە ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››كە قارشى كۈرەش قىلىشنىڭ مۇھىم ئەھمىيىتى، شۇنداقلا ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››نىڭ خىرىسىنى مەغلۇپ قىلىشنىڭ ھەر مىللەت ئاممىنىڭ خاتىرجەم ياشىشىنىڭ ئېھتىياجى، ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىق ئومۇمىيىتىنىڭ ئېھتىياجى ئىكەنلىكى چوڭقۇر شەرھلەندى. مىللىي بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش، ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى قوغداشنىڭ دۆلەتنىڭ ئالىي مەنپەئىتى، شۇنداقلا شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ تۈپ مەنپەئىتىگە چېتىشلىق ئىكەنلىكى تەكىتلەندى. مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى كۈچەيتىشنىڭ ھەر مىللەت ئاممىنىڭ جان تومۇرى، شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتى ۋە ئىلگىرىلىشىنىڭ تۈپ ئۇل تېشى، 1 مىليارد 300 مىليوندىن ئارتۇق جۇڭگو خەلقىنىڭ ئورتاق ئىرادىسى ئىكەنلىكى تەكىتلەندى. ھەر مىللەت ئاممىنى ئەڭ زور دەرىجىدە ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ ۋە ئۇلارغا تايىنىپ، ھەر بىر مىللەت، ھەر بىر پۇقرانى جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن تۆھپە قوشۇشقا يېتەكلەپ، ۋەتەننىڭ گۈللىنىش، تەرەققىي قىلىش نەتىجىلىرىدىن ئورتاق بەھرىمەن قىلىش كېرەك.

  2. مەسىلە يۆنىلىش قىلىنغان ئەمەلىي نۇقتىئىنەزەر روشەن نامايان قىلىندى

  يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى شىنجاڭ خىزمىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، شىنجاڭنىڭ مۇھىم ئىستراتېگىيەلىك ئورنىغا، ساقلانغان ئالاھىدە زىددىيەتلەرگە ئاساسەن، مەسىلىنى يۆنىلىش قىلىپ، شىنجاڭ مەسىلىسىدە ئەڭ ئۇزاققا مۇناسىۋەتلىك بولغىنى يەنىلا مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى مەسىلىسى، شىنجاڭدىكى ئەڭ چوڭ ئاممىۋى خىزمەت مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ۋە دىنلار ئىناقلىقى، زوراۋانلىق، تېررورلۇق ھەرىكەتلىرىگە قاتتىق زەربە بېرىشنى چوقۇم ھازىرقى كۈرەشنىڭ مۇھىم نۇقتىسى قىلىش، شىنجاڭ خىزمىتىنى ئۆلچەيدىغان ئەڭ تۈپ ئۆلچەم بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنىڭ ئۈنۈمى ۋە تىنچ، ئىتتىپاق بولغان سىياسىي ۋەزىيەت، شۇنداقلا ئىناق، مۇقىم بولغان ئىجتىمائىي ۋەزىيەت، دەپ بىر قاتار مۇھىم ھۆكۈملەرنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، شىنجاڭنىڭ مۇقىملىقى ۋە تەرەققىياتىغا تەسىر يەتكۈزۈۋاتقان ئەڭ چوڭ، ئەڭ تۈپ ئەمەلىي مەسىلىلەرنى توغرا ئىگىلىدى.

  3.ماركسىزملىق پىكىر قىلىش ئۇسۇلى ۋە خىزمەت ئۇسۇلى روشەن نامايان قىلىندى

  يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ماركسىزملىق دىيالېكتىك ماتېرىيالىزم، تارىخىي ماتېرىيالىزملىق پىكىر قىلىش ئۇسۇلى ۋە خىزمەت ئۇسۇلىدىن پايدىلىنىپ، دۆلەت ئىستراتېگىيەسى يۈكسەكلىكى ۋە ئومۇمىيەت نەزەرى بىلەن شىنجاڭ خىزمىتىنى پىلانلاپ، شىنجاڭ خىزمىتىنى دۆلەتنىڭ ئومۇمىي ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىسى ئاساسىدا بىرلىككە كەلتۈرۈپ، ئومۇمىيلىق بىلەن خاسلىقنى تولۇق بىرلەشتۈردى. شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقىدىكى ئاساسىي زىددىيەتلەرنى چىڭ تۇتۇپ، مۇقىملىق بىلەن تەرەققىياتنىڭ مۇناسىۋىتىنى دىيالېكتىك تونۇپ ۋە بىر تەرەپ قىلىپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكنى ئىشقا ئاشۇرۇش باش نىشانىنى ئېنىق ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىككە پايدىلىق بولۇش – بولماسلىقنى تۈرلۈك خىزمەتلەرنى ئۆلچەشنىڭ مۇھىم ئۆلچىمى قىلدى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، تەرەققىيات يەنىلا شىنجاڭدىكى بارلىق مەسىلىنى ھەل قىلىشنىڭ ئاچقۇچى، تەرەققىياتنى خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاش، ئىتتىپاقلىقنى ئىلگىرى سۈرۈش، كىشىلەر قەلبىنى مۇجەسسەملەشتە ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك، دەپ تەكىتلىدى.

  ئىككىنچى، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ مۇھىم نەزەرىيەۋى نەتىجىسى

  1.پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى، بولۇپمۇ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانى يېڭى دەۋردىكى شىنجاڭدىكى بارلىق خىزمەتلەرنىڭ تۈپ مىزانى

  يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى زىچ چۆرىدەپ، كىشىلەرنىڭ مۇقىملىققا، تەرەققىياتقا ئىنتىلىش دەۋر باش تېمىسىنى تولۇق ئىگىلەپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ۋە ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى ئىلگىرى سۈرۈشنى نىشان، شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشنى يېتەكچى، ئىقتىسادىي تەرەققىيات ۋە خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاشنى ئاساس قىلىپ، مىللەتلەرنىڭ ئالاقىلىشىشى، ئالماشتۇرۇشى، ئارىلىشىشىنى كۈچەيتىپ، زوراۋانلىق، تېررورلۇق ھەرىكەتلىرىگە قانۇن بويىچە قاتتىق زەربە بېرىپ، دىنىي ئەسەبىي ئىدىيەنىڭ سىڭىپ كىرىشى ۋە يامرىشىنى قەتئىي توسۇپ، كىشىلەرنىڭ قەلبى پارتىيەگە مايىل بولغان، ئىستىل دۇرۇس، كەيپىيات توغرا بولغان ئىجتىمائىي مۇھىت بەرپا قىلىپ، كىشىلەر قەلبىنى ۋە كۈچنى مۇجەسسەملەپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ۋە ئىجتىمائىي ئىناقلىق، مۇقىملىقنى ئىلگىرى سۈردى.

  2. پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى پارتىيەنىڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش قانۇنىيىتى، سوتسىيالىستىك قۇرۇلۇش قانۇنىيىتى، ئىنسانىيەت جەمئىيىتىنىڭ تەرەققىيات قانۇنىيىتىنىڭ ئىلمىي تەتبىقلىنىشى ۋە جانلىق ئەمەلىيىتى

  يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ ئۇلۇغ مۇساپىسىدە، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى باشتىن – ئاخىر شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، ‹‹كىشىلەر رايىنىڭ مايىل ياكى ئەمەسلىكى››دىن ئىبارەت ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش قانۇنىيىتىنىڭ نېگىزىنى چىڭ تۇتۇپ، ھەر مىللەت خەلقنىڭ تىنچلىق، ئىتتىپاقلىقتىن ئىبارەت تۈپ مەنپەئىتىنى ياخشى رېئاللاشتۇرۇش، ياخشى قوغداشقا كۈچەپ، ‹‹ئىجتىمائىي ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى ئازاد قىلىپ ۋە راۋاجلاندۇرۇپ، خەلق تۇرمۇشىنى ئۈزلۈكسىز ياخشىلاش››تىن ئىبارەت سوتسىيالىستىك قۇرۇلۇش قانۇنىيىتىنىڭ مۇھىم نۇقتىسىنى چىڭ تۇتۇپ، خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈش ۋە ياخشىلاشقا كۈچەپ، ‹‹ئىجتىمائىي ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرى بىلەن ئىشلەپچىقىرىش مۇناسىۋەتلىرى، ئىقتىسادىي بازىس بىلەن ئۈستقۇرۇلما››دىن ئىبارەت ئىنسانىيەت جەمئىيىتىنىڭ تەرەققىيات قانۇنىيىتىنىڭ ئاچقۇچىنى چىڭ تۇتۇپ، ھەر مىللەت خەلقنىڭ گۈزەل تۇرمۇش ئېھتىياجىنى ئۈزلۈكسىز قاندۇرۇپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ پارتىيەنىڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش قانۇنىيىتى، سوتسىيالىستىك قۇرۇلۇش قانۇنىيىتى، ئىنسانىيەت جەمئىيىتىنىڭ تەرەققىيات قانۇنىيىتىدىن پايدىلىنىپ، شىنجاڭ خىزمىتىنىڭ نىشانى، تەلىپى ۋە ئىلگىرىلەش يۆنىلىشىگە يېتەكچىلىك قىلغانلىقىنى پۈتۈنلەي يېڭى نەزەر بىلەن روشەن نامايان قىلدى.

  3. پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ شىنجاڭدىكى كونكرېت نامايەندىسى

  باش شۇجى شى جىنپىڭ 2014 – يىلى شىنجاڭنى كۆزدىن كەچۈرۈپ ھەم مەركەزنىڭ 2 – قېتىملىق شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئېچىپ، شىنجاڭ خىزمىتىنى مىسلىسىز يۈكسەكلىككە كۆتۈردى. باش شۇجى شى جىنپىڭ 2017 – يىلى 12 – نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 5 – يىغىنىغا قاتنىشىۋاتقان شىنجاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشقاندا مۇھىم سۆز قىلىپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى يەنىمۇ بېيىتىپ ۋە راۋاجلاندۇرۇپ، ‹‹ئۈچ مۇناسىۋەتلىك››، ‹‹ئىككى ئالاھىدە››نى ئېنىق ئوتتۇرىغا قويدى. شىنجاڭ خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشنىڭ ئاچقۇچى پارتىيەدە، يېڭى تەرەققىيات قارىشىنى ھەقىقىي ئىزچىللاشتۇرۇش، ئاسمىنى كۆك، تاغلىرى يېشىل، سۈيى سۈزۈك گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىش، خەلق تۇرمۇشىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن كاپالەتلەندۈرۈش ۋە ياخشىلاش، نامراتلارنى دەل جايىدا يۆلەش، نامراتلىقتىن دەل جايىدا قۇتۇلدۇرۇشنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈش، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ئۈزلۈكسىز مۇستەھكەملەش كېرەك، دەپ بىر قاتار مۇھىم يوليورۇقلارنى بەردى. بۇلار پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنىڭ شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى ئىكەنلىكىنى تولۇق نامايان قىلدى، پارتىيە رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇش، ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش، يېڭى تەرەققىيات قارىشىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، خەلق خوجايىن بولۇش، دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش، جۇڭخۇانىڭ مۇنەۋۋەر مەدەنىيىتىگە ۋارىسلىق قىلىش، خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈش ۋە ياخشىلاش، گۈزەل جۇڭگو قۇرۇش، ئومۇمىي دۆلەت خەۋپسىزلىكى قارىشىدا چىڭ تۇرۇش، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىش قاتارلىق جەھەتلەردە، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ ئاساسىي مەزمۇنى ۋە ئاساسىي تەدبىرىنى بىرقەدەر مەركەزلىك نامايان قىلدى.

  ئۈچىنچى، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى يېڭى دەۋردىكى شىنجاڭ ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىنى يېڭى مەنزىلگە يېتەكلىدى

  1.باش نىشان قەتئىي بوشاشماي زىچ چۆرىدىلىپ، ۋەتەننى پارچىلايدىغان، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ۋە ئىجتىمائىي مۇقىملىققا بۇزغۇنچىلىق قىلىدىغان بارلىق بۆلگۈنچى كۈچلەرگە قارشى ئۇلۇغ كۈرەش ئېلىپ بېرىلدى

  پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيى دوكلاتىدا مۇنداق كۆرسىتىلدى: ئۇلۇغ ئارزۇنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن ئۇلۇغ كۈرەش قىلىش شەرت، دۆلىتىمىزنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى، خەۋپسىزلىكى، تەرەققىيات مەنپەئىتىنى تېخىمۇ ئاڭلىق قوغداپ، ۋەتەننى پارچىلايدىغان، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ۋە ئىجتىمائىي مۇقىملىققا بۇزغۇنچىلىق قىلىدىغان بارلىق ھەرىكەتلەرگە قەتئىي قارشى تۇرۇش كېرەك. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىنىڭ ئېلىمىزنىڭ ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىق ئومۇمىيىتىگە، ۋەتەننىڭ بىرلىكى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى، دۆلەت خەۋپسىزلىكىگە، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىگە مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكىنى چوڭقۇر تونۇپ، مۇقىملىقنى قوغداشنى مۇھىم سىياسىي ۋەزىپە قىلىپ، ئىستراتېگىيەلىك ئومۇمىيەت يۈكسەكلىكىدە تۇرۇپ، كەلگۈسى پىلان تۈزۈپ، ئاساسنى پۇختىلاش تەدبىرلىرىنى قوللىنىپ، ئەمىنلىك ۋەزىيىتى يارىتىپ، ئەبەدىي ئەمىنلىك ئىشلىرىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى زىچ چۆرىدەپ، بۆلگۈنچىلىككە قارشى كۈرەشتە تەشەببۇسكارلىق ھوقۇقىنى پۇختا ئىگىلەپ، زوراۋانلىق، تېررورلۇق ھەرىكەتلىرىگە قاتتىق زەربە بېرىشنى ھازىرقى كۈرەشنىڭ مۇھىم نۇقتىسى قىلىشتا تەۋرەنمەي چىڭ تۇرۇپ، ئىلمىي، قاتتىق بولغان بىر يۈرۈش تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقى قوغداش ‹‹بىرىكمە مۇشت›› تەدبىرىنى تۈزۈپ، مەۋقەنى بالدۇر تۇتۇش، كىچىكىدىن باشلاپ تۇتۇش، تېز ھەم ياخشى تۇتۇشقا قارىتىپ، چالا قويماسلىق، بوشلۇق قويماسلىق، يوچۇق قويماسلىقنى تىرىشىپ ئىشقا ئاشۇرۇپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنىڭ ئەمەلىيلىشىشىگە كاپالەتلىك قىلدى.

  2.شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ بۈيۈك ئىتتىپاقلىقى قەتئىي بوشاشماي كۈچەيتىلىپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت ئۇلۇغ ئارزۇنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا قەلب ۋە كۈچ مۇجەسسەملەندى

  باش شۇجى شى جىنپىڭ 2015 – يىلى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 60 يىللىقىغا ‹‹گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇپ، ۋەتەن ئارزۇسىنى بىرلىكتە ئىشقا ئاشۇرايلى›› دەپ بېغىشلىما يېزىپ بەردى، باش شۇجى شى جىنپىڭ 2017 – يىلى 1 – ئاينىڭ 11 – كۈنى قۇربان تۇلۇمنىڭ ئەۋلادلىرىغا جاۋاب خەت يېزىپ، ئۇلارنى قۇربان تۇلۇمغا ئوخشاش يۇرتداشلىرى بىلەن بىللە پارتىيەنى، ۋەتەننى، جۇڭخۇا مىللىتى چوڭ ئائىلىسىنى سۆيۈشنىڭ ئۈلگىلىرىدىن بولۇشقا ئىلھاملاندۇرۇپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئانارنىڭ دانىسىدەك زىچ ئۇيۇشۇپ، پارتىيەنىڭ رەھبەرلىكىدە شىنجاڭنىڭ تېخىمۇ گۈزەل كەلگۈسىنى يارىتىشىنى ئۈمىد قىلدى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم ‹‹مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش››، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى بىرلەشمە دوستلۇق پائالىيىتى ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ‹‹تۇغقانلىشىش ھەپتىلىكى›› پائالىيىتىنى كەڭ قانات يايدۇرۇپ، ھەر مىللەت كادىرلار، ئامما ئارىسىدىكى كۆپ قاتلاملىق، كۆپ شەكىللىك ئالاقىنى، مىللەتلەرنىڭ ئالاقىلىشىشى، ئالماشتۇرۇشى، ئارىلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنىڭ ئەمەلىيەت ئاساسىنى پۇختىلىدى. دىننى سوتسىيالىستىك جەمئىيەتكە ئۇيغۇنلىشىشقا پائال يېتەكلەپ، دىنلار ئىناقلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، جەمئىيەتنى ئىدارە قىلىشنىڭ ئاممىۋى ئاساسىنى پۇختىلىدى. جۇڭگوچە سوتسىيالىزم، سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشى، جۇڭگو ئارزۇسى تەشۋىق – تەربىيەسىنى كەڭ قانات يايدۇرۇپ، ئىتتىپاقلىشىپ ئورتاق كۈرەش قىلىشنىڭ ئىدىيەۋى ئاساسىنى مۇستەھكەملىدى.

  3.خەلق تۇرمۇشى قەتئىي بوشاشماي كاپالەتلەندۈرۈلۈپ ۋە ياخشىلىنىپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئۇلۇغۋار ئىشلىرىنىڭ شىنجاڭدا تېخىمۇ ياخشى، تېخىمۇ تېز راۋاجلىنىشى ئىلگىرى سۈرۈلدى

  ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ‹‹خەلقنى مەركەز قىلىش›› ئىدىيەسىنى زىچ چۆرىدەپ، خەلقنىڭ گۈزەل تۇرمۇش ئېھتىياجىنى ئۈزلۈكسىز قاندۇرۇپ، ئىشقا ئۇرۇنلاشتۇرۇشنى بىرىنچى ئورۇنغا قويۇش، مائارىپنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇشتا چىڭ تۇرۇپ، ئومۇمىي خەلق سالامەتلىكىنى ھەقسىز تەكشۈرۈش قاتارلىق چوڭ – چوڭ خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشلىرىنى يولغا قويۇپ، ئىجتىمائىي كاپالەت سىستېمىسىنى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتۈرۈپ، يېزا مەجبۇرىيەت ئەمگىكى سىياسىتىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلدىن قالدۇرۇپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسىنى ئۈزلۈكسىز ئاشۇردى. يېڭى تەرەققىيات قارىشىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، تەرەققىيات نەتىجىلىرىدىن ھەر مىللەت ئاممىغا نەپ يەتكۈزدى. يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى قۇرۇش مۇھىم پۇرسىتىنى چىڭ تۇتۇپ ۋە ئۇنىڭدىن ياخشى پايدىلىنىپ، ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول›› قۇرۇلۇشىغا پائال ئاتلاندى. ئېكولوگىيەنى قوغداشنى بىرىنچى ئورۇنغا قويۇشتا چىڭ تۇرۇپ، ئېكولوگىيەنى قوغداش تۆۋەن چېكىنى قاتتىق ساقلىدى. نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭىنى قەتئىي تەۋرەنمەي ئىلگىرى سۈرۈپ، نامراتلارنى دەل جايىدا يۆلەشتە، نامراتلىقتىن دەل جايىدا قۇتۇلدۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاستنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭىنىڭ ئاساسىي جەڭگاھى قىلىپ، قاتتىق جەڭدە تىرىشىپ غەلىبە قىلىش، 2020 – يىلىغا بارغاندا پۈتۈن مەملىكەت خەلقى بىلەن بىللە ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەتكە قەدەم قويۇشقا كاپالەتلىك قىلدى.

  4.يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نوپۇزى ۋە مەركەزلىك بىر تۇتاش رەھبەرلىكى قەتئىي بوشاشماي قوغدىلىپ، پارتىيە قۇرۇلۇشىدىن ئىبارەت يېڭى ئۇلۇغ قۇرۇلۇش ئىلگىرى سۈرۈلدى

  ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم سىياسىي قۇرۇلۇشنى باشتىن – ئاخىر ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نوپۇزى ۋە مەركەزلىك بىر تۇتاش رەھبەرلىكىنى قەتئىي قوغداپ، سىياسىي ئاڭ، ئومۇمىيەت ئېڭى، يادرو ئېڭى، بىردەكلىك ئېڭىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن باشتىن – ئاخىر بىردەك بولۇپ، ئىدىيەدە، سىياسىيدا، ھەرىكەتتە يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن يۈكسەك بىردەكلىكنى ساقلىدى. پارتىيە پارتىيەنى باشقۇرۇش، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشتا، پارتىيە قۇرۇلۇشىدىن ئىبارەت يېڭى ئۇلۇغ قۇرۇلۇشنى ئىزچىل ئىلگىرى سۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، كادىرلارنىڭ ئىستىلىنى ياخشىلاشنى شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈشنىڭ مۇھىم كاپالىتى قىلىپ، ‹‹سۆزنى ئۆگىنىش، ئىستىلنى ياخشىلاش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈش›› مەخسۇس پائالىيىتىنى كەڭ قانات يايدۇرۇپ، ‹‹تۆت خاھىش››، ‹‹تۆت كەيپىيات››نى قەتئىي تۈزەپ، پولاتتەك ئىنتىزام ۋە پۇختا ئىستىل ئارقىلىق، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ مۇھىم سىياسەت – فاڭجېنلىرىنى ھەقىقىي ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە كاپالەتلىك قىلىپ، ھەر مىللەت ئاممىغا پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنىڭ ئۈنۈمىنى ھەقىقىي ھېس قىلدۇرۇپ، بىر مەقسەتتە ھەمكارلىشىپ باش نىشاننى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنىڭ قۇدرەتلىك كۈچىنى مۇجەسسەملىدى.

  ئەمەلىيەت شۇنى ئىسپاتلىدىكى، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى، بولۇپمۇ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانى يېڭى ۋەزىيەتتە شىنجاڭ خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشنىڭ يادرولۇق مۇھىم مەزمۇنى بولۇپ، ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن ھەم تامامەن توغرا، جەزمەن ئۇزاققىچە چىڭ تۇرۇش، قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇش شەرت.

  (قەلەم تەۋرەتكۈچى: شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى پارتكومىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى چەي لىن)

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تەڭرىتاغ تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • تىك چوققىدىكى «يار ئۈستىدە ئېچىلغان گۈل»
  • كۈز ئايلىرىدا گۈزەل تۈسكە كىرگەن قايدۇ دەرياسى
  • ئالتۇن كۈزدە بايىنغۇلىندا ساياھەت قىزىپ كەتتى
ئالاقىلىشىڭ ئەسەر ئەۋەتىڭ خەت قالدۇرۇڭ تورىمىز ئىختىيارى مۇخبىرلار خەت ساندۇقى