شەھەر ئىستېمالى سەھەر گېزىتى خەۋىرى: شىنجاڭلىق قۇش ھەۋەسكارى چېن ۋېنجيې خوتەن ۋىلايىتى كېرىيە ناھىيەسىدىكى بىر شاللىق ۋە سۇلۇ يەردىن ئۆتۈپ كېتىۋېتىپ،12 كۈلرەڭ تۇرنىنىڭ يېمەكلىك ئىزدەپ ئۇچۇپ يۈرگەنلىكىنى بايقىدى. شىنجاڭ قۇشلارنى تاماشا قىلىش جەمئىيىتىنىڭ باشلىقى گوۋ جۈننىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، بۇ خوتەن ۋىلايىتىدە قىشلاۋاتقان كۈلرەڭ تۇرنىلارنىڭ تۇنجى قېتىم بايقىلىشى ۋە سۈرەتكە تارتىۋېلىنىشى ئىكەن. ھازىرغا قەدەر، باي، قاراشەھەر، كېرىيە ناھىيەلىرىدە قىشلاۋاتقان كۈلرەڭ تۇرنىلار توپى بايقالغان.
تونۇشتۇرۇلۇشىچە، ئىلگىرى ئىلىم-پەن ساھەسىدىكىلەر ئىزچىل ھالدا كۈلرەڭ تۇرنىنى يۈننەن، گۇيجۇ قاتارلىق جايلاردا قىشلايدۇ،يەنى پەقەت كۈزدە جەنۇبقا كۆچۈش جەريانىدىلا شىنجاڭدىن ئۆتىدۇ، دەپ قاراپ كەلگەن. بىراق، 2016-يىلى يانۋارنىڭ ئاخىرلىرى شىنجاڭ قۇشلارنى تاماشا قىلىش جەمئىيىتى ۋە جۇڭگو ھايۋانات ئىلمىي جەمئىيىتى قۇششۇناسلىق شۆبە جەمئىيىتى قاتارلىق تارماقلار شىنجاڭدا قىشلايدىغان قۇش تۈرلىرىنى تەكشۈرگەندە، باي ناھىيەسىدىكى ئېتىزلىقتا ئارقا-ئارقىدىن 2760 كۈلرەڭ تۇرنىنىڭ قىشلاۋاتقانلىقىنى بايقىغان، 2017-يىلى دېكابىردا، شىنجاڭ قۇشلارنى تاماشا قىلىش جەمئىيىتى قاراشەھەر ناھىيەسىدە قىشلاۋاتقان يەنە بىر توپ كۈلرەڭ تۇرنىنى بايقىغان.
كۈلرەڭ تۇرنا دۆلەتلىك 2-دەرىجىلىك قوغدىلىدىغان قۇش، ئۇ چوڭ تەنلىك لەيلەك ئاياغلىقلار تۈرىگە كىرىدۇ، تۈزلەڭلىكلەردە، ئوت-چۆپلۈكتە، سۇلۇ يەرلەردە 5-10دىن توپ بولۇشۇپ يۈرۈيدۇ، كۆچۈش مەزگىلىدە 40-50ى بىر بولۇپ كۆچىدۇ، قىشلىغاندا بولسا دائىم نەچچە يۈزى بىر توپ بولۇپ ئۇچىدۇ. دۆلىتىمىزدە كۈلرەڭ تۇرنىنىڭ كۆپىيىدىغان يېرى شىنجاڭ بايىنبۇلاق ۋە دۆلىتىمىز شەرقىي شىمالىنىڭ غەربى ۋە جەنۇبىي قىسىملىرى بولۇپ، ئۇلار ئاساسەن يۈننەن-گۇيجۇ ئېگىزلىكى ۋە چاڭجياڭ دەرياسىنىڭ جەنۇبىدىكى رايونلاردا قىشلايدۇ.