تەڭرىتاغ تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   نەزەرىيە

باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ يادروسى، پۈتۈن پارتىيەنىڭ يادروسىلىق ئورنىنى قوغداشتىكى ئىدىيەۋى ئاڭلىقلىق ۋە ھەرىكەت ئاڭلىقلىقىنى كۈچەيتىش كېرەك

  ئىلاۋە: ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنىڭ پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ روھى، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى، بولۇپمۇ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى قەتئىي بوشاشماي ئۆگىنىشى ۋە ئىزچىللاشتۇرۇشىغا يېتەكچىلىك قىلىش ئۈچۈن، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى مۇتەخەسسىس، ئالىملارنى يۈكسەكلىككە، ھارارەتكە ئىگە بىر يۈرۈش تەشۋىقات شەرھىي نەزەرىيە ماقالىلىرىنى يېزىشقا تەشكىللىدى، بۇ ماقالىلەر بۈگۈندىن باشلاپ كەينى – كەينىدىن ئوقۇرمەنلەر بىلەن يۈز كۆرۈشىدۇ. مۇتەخەسسىس، ئالىملارنىڭ تەتقىقاتى ۋە چۈشەندۈرۈشى ئارقىلىق ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنىڭ سىياسىي تونۇشى، ئىدىيەۋى تونۇشى، ھېسسىيات تونۇشىنى تېخىمۇ كۈچەيتىپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نوپۇزى ۋە مەركەزلىك بىرتۇتاش رەھبەرلىكىنى قەتئىي قوغداپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئۇلۇغ بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈشنى مېڭىسىگە، قېنىغا سىڭدۈرۈپ، قەلب ۋە كۈچنى مۇجەسسەملەپ، جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى تىرىشىپ ئىشقا ئاشۇرۇشىغا ياردەم بېرىش ۋە رىغبەتلەندۈرۈشنى ئۈمىد قىلىمىز.

  باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ يادروسى، پۈتۈن پارتىيەنىڭ يادروسىلىق ئورنىنى قوغداشتىكى ئىدىيەۋى ئاڭلىقلىق ۋە ھەرىكەت ئاڭلىقلىقىنى كۈچەيتىش كېرەك

  شىنجاڭ جۇڭگوچە سوتسىيالىزم نەزەرىيە سىستېمىسى تەتقىقات مەركىزى

  پارتىيە 18 – قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، باش شۇجى شى جىنپىڭ پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ ۋە يېتەكلەپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يېڭى دەۋرىنى ئېچىش ئۇلۇغ ئەمەلىيىتى جەريانىدا، ماركسىزمچى سىياسىيون، نەزەرىيەچى، مۇتەپەككۇر ھەم ئىستراتېگىيەچىگە خاس قالتىس تالانتى ۋە ئاجايىپ قابىلىيىتى ئارقىلىق پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ چىن قەلبىدىن قەدىرلىشى ۋە قەتئىي ھىمايە قىلىشىغا ئېرىشىپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ يادروسىغا، پۈتۈن پارتىيەنىڭ يادروسىغا، خەلقنىڭ داھىيسىغا، ئارمىيەنىڭ باش قوماندانىغا، يېڭى دەۋردىكى ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش ۋە زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنىڭ باش لايىھەلىگۈچىسىگە، يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ يول باشلىغۇچىسىغا ئايلاندى، باش شۇجى شى جىنپىڭ شىنجاڭدىكى 23 مىليوندىن ئارتۇق ھەر مىللەت خەلقنىڭ يۆلەنچۈكى ۋە غەمگۈزارى. بىز پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ يادروسى، پۈتۈن پارتىيەنىڭ يادروسىلىق ئورنىنى قوغداشتىكى ئىدىيەۋى ئاڭلىقلىق ۋە ھەرىكەت ئاڭلىقلىقىنى كۈچەيتىپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نوپۇزى ۋە مەركەزلىك بىرتۇتاش رەھبەرلىكىنى قەتئىي قوغداپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىغا يېتىشتە يېڭى كەيپىيات ۋە يېڭى نەتىجىلەرنى نامايان قىلىشىمىز كېرەك.

  بىرىنچى، يادرونى قوغداش، يادرونى ھىمايە قىلىش، يادروغا سادىق بولۇش ماركسىزملىق پارتىيەنىڭ ئېسىل ئەنئەنىسى ۋە ئۆزگىچە ئەۋزەللىكى

  بىر پارتىيە ئۈچۈن ئېيتقاندا، رەھبەرلىك يادروسى  ئىنتايىن مۇھىم. يادرو ـــ ماگنىت تېشى ھېسابلىنىدۇ، يادرو بولغاندىلا مەركەزداش چەمبەر شەكىللىنىدۇ، بىر مەقسەتتە بولىدىغان قۇدرەتلىك كۈچ مۇجەسسەملىنىدۇ. يادرونى قوغداش، يادرونى ھىمايە قىلىش، يادروغا سادىق بولۇش ماركسىزملىق پارتىيەنىڭ مۇھىم ئالاھىدىلىكى.

  1.يادرونى قوغداش، يادرونى ھىمايە قىلىش، يادروغا سادىق بولۇش ماركسىزملىق پارتىيەنىڭ ئېسىل ئەنئەنىسى

  ماركسىزملىق پارتىيە ماركسىزملىق پارتىيە قۇرۇش تەلىماتى ئاساسىدا قۇرۇلغان سىياسىي تەشكىلات. ماركس ياۋروپادىكى ئىشچىلار ھەرىكىتى ۋە خەلقئارا كوممۇنىزم ھەرىكىتىگە يېتەكچىلىك قىلىش ئەمەلىيىتى جەريانىدا، نۇرغۇن ماركسىزملىق پارتىيەلەر ماركسنى يادرو دەپ ھۆرمەتلىگەن، ماركس ئەمەلىيەتتە ئاشۇ پارتىيەلەرنىڭ ئىدىيە جەھەتتىكى جېنى، سىياسىي جەھەتتىكى بايرىقى، ھەرىكەت جەھەتتىكى يېتەكچىسى بولغان. ماركس ۋاپات بولغاندىن كېيىن، ئېنگلىس خەلقئارا كوممۇنىزم ھەرىكىتىنىڭ يادروسىغا ئايلىنىپ، خەلقئارا كوممۇنىزم ھەرىكىتىنىڭ توغرا يۆنىلىشنى بويلاپ تەرەققىي قىلىشىغا يېتەكچىلىك قىلغان. لېنىن: ‹‹پارتىيەگە ئادەتتە ئىناۋىتى ئەڭ يۇقىرى، تەسىرى ئەڭ كۈچلۈك، تەجرىبىسى ئەڭ مول، سايلىنىپ ئەڭ مۇھىم ۋەزىپىگە قويۇلۇپ، داھىي دەپ ئاتالغان كىشىلەردىن تەشكىللەنگەن بىرقەدەر مۇقىم گۇرۇھلار رىياسەتچىلىك قىلىدۇ›› دەپ كۆرسەتكەن. لېنىن يادرولۇقىدىكى بولشېۋىكلار خەلققە رەھبەرلىك قىلىپ، ئۆكتەبىر ئىنقىلابىنىڭ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرگەن، لېنىن پۈتۈن بولشېۋىكلار پارتىيەسى ھىمايە قىلىدىغان، خەلق قەدىرلەيدىغان يادروغا ئايلانغان. يادرونى قوغداش، يادرونى ھىمايە قىلىش، يادروغا سادىق بولۇش باشتىن – ئاخىر ماركسىزملىق پارتىيەنىڭ ئېسىل ئەنئەنىسى.

  2.يادرونى قوغداش، يادرونى ھىمايە قىلىش، يادروغا سادىق بولۇش ماركسىزملىق پارتىيەنىڭ ئۆزگىچە ئەۋزەللىكى

  تاغنىڭ چوققىسى، قوشۇننىڭ يېتەكچىسى بولىدۇ. يادرو كۈچنى مۇجەسسەملەيدۇ، ئۇ ئىتتىپاقلىق، بىرلىكنىڭ كاپالىتى. يېتەكچىسى يوق، قۇمدەك چېچىلاڭغۇ باشقا پارتىيەلەرگە ئوخشىمايدىغىنى شۇكى، ماركسىزملىق پارتىيە يادرونى قوغداپ، يادرونى ھىمايە قىلىپ، يادروغا سادىق بولىدىغان سېلىشتۇرغۇسىز ئۆزگىچە ئەۋزەللىككە ئىگە. ماركسىزملىق پارتىيە پۈتۈن پارتىيەدە يادرو بولغاندىلا پارتىيەنىڭ ئىدىيە جەھەتتىكى يۈكسەك بىرلىكى، سىياسىي جەھەتتىكى يۈكسەك ئىتتىپاقلىقى، ھەرىكەت جەھەتتىكى يۈكسەك بىردەكلىكىگە كاپالەتلىك قىلغىلى بولىدىغانلىقىنى چوڭقۇر بىلىدۇ. ماركسىزملىق پارتىيە يادرونى قوغداش، يادرونى ھىمايە قىلىش، يادروغا سادىق بولۇشنى پارتىيە قۇرۇشنىڭ تۈپ پىرىنسىپى قىلغاچقا باشتىن – ئاخىر ئىتتىپاقلىق ۋە بىرلىكنى ساقلىيالىدى، ئۇ كۈچلۈك سىياسىي رەھبەرلىك كۈچى، ئىدىيەۋى يېتەكچىلىك كۈچى، ئاممىۋى تەشكىللەش كۈچى، ئىجتىمائىي چاقىرىق كۈچىگە ئىگە بولغاچقا، پارتىيەنىڭ تولۇپ تاشقان ھاياتىي كۈچى ۋە كۈچلۈك جەڭگىۋارلىقىغا كاپالەتلىك قىلالىدى.

  3.يادرونى قوغداش، يادرونى ھىمايە قىلىش، يادروغا سادىق بولۇش پارتىيەمىزنىڭ ئەنئەنىۋى تەجرىبىسى

  پارتىيەمىز 96 يىلدىن بۇيان جۇڭگو خەلقىنىڭ بەختىنى كۆزلەش، جۇڭخۇا مىللىتىنى گۈللەندۈرۈش ئۈچۈن كۈرەش قىلىش جەريانىدا، پارتىيەنىڭ رەھبەرلىك يادروسىنى تىكلەش ۋە قوغداشتىن ئىبارەت شەرەپلىك تارىخىي ئەنئەنە ۋە تەجرىبىنى شەكىللەندۈرۈپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نوپۇزى ۋە مەركەزلىك بىر تۇتاش رەھبەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىپ، ئارقا – ئارقىدىن ئۇلۇغ غەلىبىلەرنى قولغا كەلتۈردى. پارتىيەمىز ئىنقىلاب، قۇرۇلۇش، ئىسلاھاتنىڭ ئوخشاش بولمىغان مەزگىللىرىدە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەۋلادمۇئەۋلاد رەھبەرلىك كوللېكتىپلىرىنى شەكىللەندۈردى. 96 يىلدىن بۇيان، پارتىيەمىزنىڭ كىچىكلىكتىن زورىيىپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئورنىدىن دەس تۇرۇشى، بېيىشىدىن قۇدرەت تېپىشىغىچە بولغان ئۇلۇغ سەكرەشنى ئىشقا ئاشۇرالىشىدىكى ئەڭ مۇھىم سەۋەب شۇكى، پارتىيەمىز باشتىن – ئاخىر پارتىيەنىڭ يادروسىنى قوغداش، يادروسىنى ھىمايە قىلىش، يادروسىغا سادىق بولۇشتىن ئىبارەت شەرەپلىك ئەنئەنىگە ئىگە.

  ئىككىنچى، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ يادروسى ۋە پۈتۈن پارتىيەنىڭ يادروسىغا ئايلىنىشى پارتىيەنىڭ رايى، خەلقنىڭ رايى

  پارتىيە 18 – قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، باش شۇجى شى جىنپىڭ نۇرغۇن يېڭى تارىخىي ئالاھىدىلىككە ئىگە ئۇلۇغ كۈرەشلەرگە رەھبەرلىك قىلىش ۋە ئۇنى قانات يايدۇرۇش جەريانىدا، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ يادروسى ۋە پۈتۈن پارتىيەنىڭ يادروسىغا ئايلاندى، بۇ، پارتىيەنىڭ رايى، خەلقنىڭ رايى، ھەممەيلەننىڭ ئارزۇسى، ئۇ شۇنداق بولۇشقا مۇناسىپ، ئىسمى جىسمىغا لايىق يادرو، بۇ، تارىخنىڭ تاللىشى، خەلقنىڭ تاللىشى، دەۋرنىڭ تاللىشى بولۇپ، پۈتۈن پارتىيەنىڭ ئورتاق ئىرادىسىنى ئەكس ئەتتۈردى، ئېلىمىزدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئورتاق ئارزۇسىنى نامايان قىلدى.

  1. باش شۇجى شى جىنپىڭ قەتئىي ئىشەنچ ۋە ئېتىقادقا ئىگە

  باش شۇجى شى جىنپىڭ ئېتىقاد، ئىشەنچ ئىنتايىن مۇھىم دەپ كۆپ قېتىم تەكىتلەپ، ئېتىقاد، ئىشەنچنىڭ قىممىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، غايە، ئېتىقاد بولمىسا، غايە، ئېتىقاد چىڭ بولمىسا، روھىي جەھەتتە ‹‹كالتسىي كەملىك›› كۆرۈلۈپ، ‹‹ئۇستىخان شالاڭلىشىش كېسىلى››گە گىرىپتار بولىمىز، دەپ كۆرسەتكەن. باش شۇجى شى جىنپىڭ: كوممۇنىستلارنىڭ ئاساسى ماركسىزمغا بولغان ئېتىقادتا، كوممۇنىزم ۋە سوتسىيالىزمغا بولغان ئىشەنچتە، دەپ كۆرسەتتى؛ ماركسىزم ۋە كوممۇنىزم غايىسى كوممۇنىستلارنىڭ ‹‹جان تومۇرى ۋە روھى››، ھەرقانداق سىناققا بەرداشلىق بېرەلىشىدىكى ‹‹مەنىۋى تۈۋرۈك›› دەپ ئوتتۇرىغا قويدى؛ ئېتىقادنى قەتئىي ساقلايدىغان پولات ئىستىھكامنى مۇستەھكەملەشنى تەلەپ قىلدى. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ كۈچلۈك سىياسىي ئىرادىگە ئىگە بولۇشىدىكى ئاساس دەل ئۇنىڭدا پولاتتەك ئېتىقاد ۋە ئىشەنچنىڭ بولغانلىقىدا.

  2. باش شۇجى شى جىنپىڭ روشەن خەلقچىل مەيدانغا ئىگە

  باش شۇجى شى جىنپىڭ پارتىيەنىڭ يىلتىزى خەلقتە، پارتىيەنىڭ كۈچى خەلقتە؛ خەلقنى مەركەز قىلىدىغان تەرەققىيات ئىدىيەسىدە، خەلقنىڭ سۇبيېكتلىق ئورنىدا چىڭ تۇرۇش كېرەك؛ خەلقنىڭ گۈزەل تۇرمۇشقا بولغان ئىنتىلىشىنى كۈرەش نىشانى قىلىش كېرەك، دەپ كۆپ قېتىم تەكىتلىدى. پارتىيە 18 – قۇرۇلتىيىدىن بۇيانقى بەش يىلدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ پارتىيەمىزگە رەھبەرلىك قىلىپ، خەلقچىل مەيداندا چىڭ تۇرۇپ، تەرەققىيات داۋامىدا خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈپ ۋە ياخشىلاپ، خەلقنى ئىسلاھات، تەرەققىيات نەتىجىلىرىدىن تېخىمۇ كۆپ بەھرىمەن قىلدۇرغاچقا، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلق تېخىمۇ كۈچلۈك ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسىغا ئىگە بولدى.

  3.باش شۇجى شى جىنپىڭ قالتىس سىياسىي ئەقىل – پاراسەتكە ئىگە

  باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: يۇقىرى دەرىجىلىك كادىرلار ‹‹چوڭ ۋەزىيەتنى كۆزىتىشكە، چوڭ ئىشلارنى پىلانلاشقا، ئاڭلىق ھالدا ئومۇمىيەت ئاساسىدا مەسىلىلەر ئۈستىدە پىكىر يۈرگۈزۈشكە، خىزمەت ئىشلەشكە ماھىر بولۇشى؛ چوڭ ۋەزىيەتنى كۆزىتىشى، چوڭ ئىشلارنى پىلانلىشى، خىزمەتتىكى تەشەببۇسكارلىق ھوقۇقىنى چىڭ ئىگىلىشى؛ دۇنياۋى نەزەر، تارىخىي نەزەر دائىرىسىنى كېڭەيتىپ، چوڭ ۋەزىيەتنى كۆزىتىش، چوڭ ئومۇمىيەت ئۈستىدە ھۆكۈم چىقىرىش، چوڭ ئىشلارنى پىلانلاش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشى؛ ئومۇمىي ۋەزىيەتنى پىلانلاشتا ھەم خەلقنى كۆزدە تۇتۇشى، تېخىمۇ مۇھىمى، ۋەزىيەتنى كۆزدە تۇتۇشى كېرەك››. پارتىيە 18 – قۇرۇلتىيىدىن بۇيانقى بەش يىلدا، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش ۋە سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىدا تارىخىي مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈرەلىشىمىزنىڭ ئاساسى دەل باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئىنسانىيەت جەمئىيىتىنىڭ تەرەققىيات ۋەزىيىتىنى كۆزىتىشكە ماھىر بولۇپ، ئىچكى – تاشقى ۋەزىيەت ئۆزگىرىشىگە ئاساسەن ئىستراتېگىيەلىك ھۆكۈم چىقىرىپ، ئىستراتېگىيەلىك نىشان تۈزۈپ، ئىستراتېگىيەلىك مۇھىم نۇقتىلارنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزمدىن ئىبارەت بۇ غايەت زور پاراخوتنىڭ يېڭى دەۋرگە كىرىشىگە يېتەكچىلىك قىلغانلىقىدا.

  4. باش شۇجى شى جىنپىڭ قەيسەر ئىرادىگە ۋە پەزىلەتكە ئىگە

  باش شۇجى شى جىنپىڭ شىمالىي شەنشىدىكى يېزىدا يەتتە يىل زىيالىي ياش بولۇپ تۇرغان مەزگىلدە، تۇرمۇشنىڭ جاپالىق ئىكەنلىكىنى چوڭقۇر ھېس قىلغان. ئەپكەش كۆتۈرۈپ مۈرىسىنىڭ نەچچە قات تېرىسى سويۇلۇپ كەتكەنلىكىدىن تارتىپ ئەپكەشنىڭ جاپاسىدىن قورقمايدىغان بولغۇچە؛ نۇرغۇن ئوڭۇشسىزلىقنى باشتىن كەچۈرۈپ ئالىي مەكتەپتە ئوقۇغاندىن تارتىپ نۇرغۇن جايدا ئوخشاش بولمىغان رەھبەرلىك ئورنىدا چېنىقىپ، نۇرغۇن جاپا تارتىپ، خەۋپ – خەتەر ۋە خىرىسلارغا دۇچ كەلگەن بولسىمۇ، ھەرگىز بەل قويۇۋەتمىگەن، ئىرادىسىدىن يانمىغان. پارتىيە 18 – قۇرۇلتىيىدىن بۇيانقى بەش يىلدا، پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىدا ئومۇميۈزلۈك، ئىجادىي مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈرەلىشىمىزنىڭ ئاچقۇچى دەل يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئېگىلمەس – سۇنماس ئىرادىسى، قەيسەرلىك بىلەن كۈرەش قىلىش خىسلىتى ۋە ئۇيۇل تاشتەك مۇستەھكەم ئىرادىسى ئارقىلىق پارتىيە ۋە خەلققە رەھبەرلىك قىلىپ، قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنى جاسارەت بىلەن يېڭى دەۋرگە باشلىغانلىقىدا.

  5. باش شۇجى شى جىنپىڭ كۈچلۈك تارىخىي مەسئۇلىيەتچانلىققا ئىگە

  باش شۇجى شى جىنپىڭ تارىخىي مەسئۇلىيەتچانلىققا ئىگە بولۇش كېرەكلىكىنى كۆپ قېتىم تەكىتلەپ: بىز كوممۇنىستلارنىڭ غەم – ئەندىشە ئېڭى پارتىيە، دۆلەت ۋە خەلقنىڭ غېمىدە بولۇش ئېڭىدۇر، بۇ بىر مەسئۇلىيەت، تېخىمۇ مۇھىمى، ئېغىر يۈكنى زىممىگە ئېلىشتۇر، دەپ كۆرسەتكەن. مەسئۇلىيەتنى دادىل زىممىگە ئېلىپ، زىددىيەتتىن ئۆزىنى قاچۇرماسلىق كېرەك، دەپ تەكىتلىگەن. ھوقۇق بولغان ئىكەن، جەزمەن مەسئۇلىيەت بولۇش، مەسئۇلىيەت بولغان ئىكەن، جەزمەن زىممىگە ئېلىش، ئەڭ ئېغىر يۈكنى كۆتۈرۈش، قىيىن مەسىلىنى ھەل قىلىشقا جۈرئەت قىلىش كېرەك، دەپ ئوتتۇرىغا قويغان. كادىرلاردىن بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئېلىشنى تەلەپ قىلغان. قاتلاممۇقاتلام مەسئۇل بولۇپ، ھەممە ئادەم مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئېلىشنى تەلەپ قىلغان. پارتىيە 18 – قۇرۇلتىيىدىن بۇيانقى بەش يىلدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ كۈچلۈك تارىخىي مەسئۇلىيەتچانلىق بىلەن پارتىيە ۋە خەلقنى يېتەكلەپ، ئۇزاقتىن بۇيان ھەل قىلىشنى ئويلىغان بولساقمۇ ھەل بولمىغان كۆپلىگەن قىيىن مەسىلىنى ھەل قىلىپ، ئىلگىرى قىلماقچى بولغان بولساقمۇ قىلالمىغان كۆپلىگەن چوڭ ئىشلارنى قىلىپ، پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىدا تارىخىي ئۆزگىرىش بولۇشقا تۈرتكە بولدى.

  6.باش شۇجى شى جىنپىڭ قالتىس سىياسىي سەنئەتكە ئىگە

  باش شۇجى شى جىنپىڭ پىشقان سىياسىي سەنئەتكە ئىگە بولۇپ، خەلقئارا سىياسىي سورۇنلاردا ئېغىر – بېسىق، تەمكىن بولۇپ، ئۆزىگە ئىشىنىپ، چوڭ دۆلەتنىڭ داھىيسىغا خاس ئۆزگىچە سالاپىتىنى نامايان قىلىپ، دۇنيا ئەھلىنىڭ تەرىپلىشىگە سازاۋەر بولدى. دۆلەتنى ئىدارە قىلىش، ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش جەھەتتە، باش شۇجى شى جىنپىڭ ھەم دېموكراتىيەنى جارى قىلدۇرۇشقا ئەھمىيەت بەردى، ھەم مەركەزلىك بىر تۇتاش رەھبەرلىك قىلىشقا ماھىر بولدى، ھەم قەتئىي ئىستراتېگىيەلىك جاسارەتكە، ھەم خەلقنى ئۆز قېرىندىشىدەك سۆيىدىغان چاكارلىق روھقا ئىگە بولغاچقا، پارتىيە ۋە خەلقنىڭ چوڭقۇر ھىمايىسىگە ئېرىشتى. پارتىيە 18 – قۇرۇلتىيىدىن بۇيانقى بەش يىلدا، پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىدا يۈز بەرگەن غايەت زور ئۆزگىرىش باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ يادروسى، پۈتۈن پارتىيەنىڭ يادروسى بولغانلىقى، قالتىس سىياسىي سەنئەتكە ئىگە بولغانلىقى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك.

  ئۈچىنچى، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ يادروسى، پۈتۈن پارتىيەنىڭ يادروسىلىق ئورنىنى قەتئىي قوغداپ، ھىمايە قىلىپ، ئۇنىڭغا سادىق بولۇپ، باش نىشانغا يېتىشتە يېڭى نەتىجىلەرنى نامايان قىلىش كېرەك

  باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ يادرولۇق ئورنىنى قوغداش پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نوپۇزى ۋە مەركەزلىك بىر تۇتاش رەھبەرلىكىنى قوغداش بىلەن يۈكسەك بىردەكلىككە ئىگە. شىنجاڭدا باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ يادروسى، پۈتۈن پارتىيەنىڭ يادروسىلىق ئورنىنى قوغداش، ھىمايە قىلىش ۋە ئۇنىڭغا سادىق بولۇشتا يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن ئىدىيەدە، سىياسىيدا، ھەرىكەتتە يۈكسەك بىردەكلىكنى ساقلاپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، باش نىشانغا يېتىشتە يېڭى نەتىجىلەرنى نامايان قىلىش كېرەك.

  1.ھېسسىيات جەھەتتە يادرونى قەتئىي قەدىرلەپ، دىققەتنى باش نىشانغا مەركەزلەشتۈرۈشتە يېڭى نەتىجىلەرنى نامايان قىلىش كېرەك

  ھېسسىيات جەھەتتە يادرونى قەدىرلەش يادرونى قوغداش، يادرونى ھىمايە قىلىش، يادروغا سادىق بولۇشتىكى ئاساس. ھېسسىيات جەھەتتە يادرونى قەدىرلەشنى دىققەتنى باش نىشانغا مەركەزلەشتۈرۈشنىڭ قۇدرەتلىك كۈچىگە ئايلاندۇرۇش كېرەك. ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانى نۇرغۇن يېڭى تارىخىي ئالاھىدىلىككە ئىگە ئۇلۇغ كۈرەشلەرنى قىلىشنىڭ جانلىق ئەمەلىيىتى، ‹‹تۆت ئاڭ››نى كۈچەيتىش، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر – ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇش، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن يۈكسەك بىردەكلىكنى ساقلاشنىڭ كونكرېت ئىپادىسى، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنىڭ يادرولۇق مۇھىم مەزمۇنى، شىنجاڭنىڭ تۈرلۈك خىزمەتلىرىگە يېتەكچىلىك قىلىشنىڭ ئومۇمىي پىروگراممىسى، شىنجاڭ خىزمىتىنىڭ كۆزلەش نۇقتىسى ۋە كۈچەش نۇقتىسى. ھەر مىللەت كادىرلار، ئامما ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانى بايرىقىنى جەۋلان قىلدۇرۇپ، باش نىشاننى بارلىق خىزمەتلەرگە يېتەكچىلىك قىلىدىغان ئومۇمىي پىروگراممىغا، ئىدىيەۋى تونۇشنى بىرلىككە كەلتۈرىدىغان ئۆلچەمگە ئايلاندۇرۇپ، باشتىن – ئاخىر باش نىشاننى قەلبىگە پۈكۈپ، باش نىشاننى زىممىسىگە ئېلىپ، باش نىشاننى چىڭ تۇتۇپ، دىققەتنى ھەر ۋاقىت باش نىشانغا مەركەزلەشتۈرۈپ، باش نىشان ئارقىلىق ئىدىيەنى، تونۇشنى، قەدەمنى، ھەرىكەتنى بىرلىككە كەلتۈرۈشى كېرەك.

  2. قەتئىي ھالدا ئىدىيەدە يادرونى تونۇپ، باش نىشاننى كۆزلەشتە يېڭى نەتىجىلەرنى نامايان قىلىش كېرەك

  ئىدىيەدە يادرونى تونۇش يادرونى قوغداش، يادرونى ھىمايە قىلىش، يادروغا سادىق بولۇشتىكى ئالدىنقى شەرت. ئىدىيەدە يادرونى تونۇشنى باش نىشاننى كۆزلەشنىڭ قۇدرەتلىك كۈچىگە ئايلاندۇرۇش كېرەك. قەتئىي بوشاشمايدىغان ئىرادە بىلەن قەلب ۋە روھنى مۇجەسسەملەپ، ئىرادىدە قەتئىي تەۋرەنمەي پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بېكىتكەن شىنجاڭ خىزمىتى باش نىشانىنى قەتئىي كۆزلەپ، باش نىشاننى چىڭ تۇتۇپ، ‹‹شىنجاڭدا مۇقىملىققا مۇناسىۋەتسىز ئورۇن، مۇقىملىققا مۇناسىۋەتسىز تارماق، مۇقىملىققا مۇناسىۋەتسىز ئادەم يوق›› دېگەن ئىدىيەنى پۇختا تۇرغۇزۇپ، تارقاق دىققەتنى باش نىشانغا مەركەزلەشتۈرۈپ، تارقاق نەزەرنى باش نىشانغا يىغىپ، كاشىلا سەۋەبىدىن باش نىشاندىن ئىبارەت بۇ قورۇلنى ھەرگىز كۆزدىن يوقىتىپ قويماي، قىيىنچىلىق سەۋەبىدىن باش نىشاندىن ئىبارەت بۇ بەلگىدىن ھەرگىز چەتنەپ كەتمەي، باش نىشاننى باشتىن – ئاخىر شىنجاڭنىڭ بارلىق خىزمىتىدىكى قورۇل ۋە نىشان مەركىزى قىلىش كېرەك.

  3.قەتئىي ھالدا سىياسىيدا يادرونى قوغداپ، باش نىشانغا بويسۇنۇشتا يېڭى نەتىجىلەرنى نامايان قىلىش كېرەك

  قەتئىي ھالدا سىياسىيدا يادرونى قوغداش يادرونى ھىمايە قىلىش، يادروغا سادىق بولۇشتىكى مۇھىم مەزمۇن. سىياسىيدا يادرونى قوغداشنى باش نىشانغا بويسۇنۇشنىڭ كۈچلۈك ھەرىكەتلەندۈرگۈچ ئېنېرگىيەسىگە ئايلاندۇرۇش كېرەك. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ يادرولۇق ئورنىنى قوغداشنى تۈپ سىياسىي پىرىنسىپ قىلىپ، ئۇنى يىلىكىمىز، قېنىمىز ۋە پارتىيەۋىلىكىمىزگە سىڭدۈرۈپ، پولاتتەك ئىنتىزامغا ئايلاندۇرۇپ، روھىمىزنىڭ ئەڭ چوڭقۇر قاتلىمىدا سىياسىي ئاڭ، ئومۇمىيەت ئېڭى، يادرو ئېڭى، بىردەكلىك ئېڭىنى پۇختا تۇرغۇزۇپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نوپۇزى ۋە مەركەزلىك بىر تۇتاش رەھبەرلىكىنى قەتئىي قوغدىشىمىز كېرەك. سىياسىيدا يادرونى قوغداشنى ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنىڭ سىياسىي مەيدانى، سىياسىي ئاڭلىقلىقىنى ئۆلچەيدىغان مۇھىم ئۆلچەم قىلىشىمىز كېرەك، شىنجاڭ گەرچە پايتەخت بېيجىڭدىن يىراق بولسىمۇ، لېكىن ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى، پارتىيە ئەزالىرى ۋە ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنىڭ قەلبىنىڭ يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن باشتىن – ئاخىر زىچ جەمبەرچاس باغلانغانلىقىنى نامايان قىلىپ، ھەرقانداق ۋاقىت، ھەرقانداق ئەھۋالدا ئىدىيەدە، سىياسىيدا، ھەرىكەتتە يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن يۈكسەك بىردەكلىكنى ساقلىشىمىز، ھەرقانداق ۋاقىت، ھەرقانداق ئەھۋالدا سىياسىي مەيدان، سىياسىي يۆنىلىش، سىياسىي پىرىنسىپ، سىياسىي يولدا يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن يۈكسەك بىردەكلىكنى ساقلىشىمىز كېرەك.

  4.قەتئىي ھالدا تەشكىلىي جەھەتتە يادروغا بويسۇنۇپ، باش نىشانغا مۇلازىمەت قىلىشتا يېڭى نەتىجىلەرنى نامايان قىلىش كېرەك

  تەشكىلىي جەھەتتە يادروغا بويسۇنۇش يادرونى قوغداش، يادرونى ھىمايە قىلىش، يادروغا سادىق بولۇشتىكى نېگىز. تەشكىلىي جەھەتتە يادروغا بويسۇنۇشنى باش نىشانغا مۇلازىمەت قىلىشنىڭ كۈچلۈك ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچىگە ئايلاندۇرۇش كېرەك. بۇ، ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى، پارتىيەلىك رەھبىرىي كادىرلاردىن باش شۇجى شى جىنپىڭ بىلەن، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى بىلەن، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن، پارتىيەنىڭ ئاساسىي نەزەرىيەسى، ئاساسىي لۇشيەنى ۋە ئاساسىي تەدبىرى بىلەن، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر – ئورۇنلاشتۇرمىلىرى بىلەن پائال بىردەكلىكنى ساقلاپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەشەببۇسىغا قەتئىي ئاۋاز قوشۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى قارار قىلغانلىرىنى قەتئىي ئىجرا قىلىپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى چەكلىگەنلىرىنى قەتئىي قىلماي، مەڭگۈ بوشاشمايدىغان روھىي ھالەت ۋە توختىماي ئىلگىرىلەيدىغان كۈرەش جاسارىتى، قەتئىي تەۋرەنمەيدىغان ئىرادە بىلەن باش نىشانغا كۈچەپ مۇلازىمەت قىلىپ، باش نىشانغا يېتىشكە يېڭى تۆھپە قوشۇشنى تەلەپ قىلىدۇ.5. قەتئىي ھالدا ھەرىكەتتە يادروغا يېقىندىن ئەگىشىپ، باش نىشاننى ئەمەلىيلەشتۈرۈشتە يېڭى نەتىجىلەرنى نامايان قىلىش كېرەك

  ھەرىكەتتە يادروغا يېقىندىن ئەگىشىش يادرونى قوغداش، يادرونى ھىمايە قىلىش، يادروغا سادىق بولۇشتىكى ئاچقۇچ. دىققەتنى يادروغا دەل توغرىلاپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ قەدىمىگە يېقىندىن ئەگىشىپ، قەدەم بىردەكلىكىنى ساقلاپ، بىر يۆنىلىشتە ئىلگىرىلەپ، قىل دېگەننى قىلىپ، قىلما دېگەننى قىلماي، ھەرىكەت يۆنىلىشىنى ۋاقتىدا توغرىلاپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى كەم – كوتسىز ئىزچىللاشتۇرۇپ، شىنجاڭ خىزمىتى باش نىشانىنى ئەينەن ئەمەلىيلەشتۈرۈشىمىز، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداش ‹‹بىرىكمە مۇشت››ىنى ھەقىقىي ياخشى ئېتىشىمىز، شەكىلۋازلىق قىلىشتىن ساقلىنىپ، بارلىق مۇقىملىقنى قوغداش خىزمىتىنى ئىنچىكە، كونكرېت ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە كاپالەتلىك قىلىپ، باش نىشاننى ھەقىقىي ئەمەلىيلەشتۈرۈشىمىز كېرەك.

  يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئۇلۇغۋار ئىشلىرى بىزنى ئىلھاملاندۇرماقتا، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكنى قوغداش مۇقەددەس بۇرچى بىزنى چاقىرماقتا. ھەر مىللەت كادىرلار، ئامما چوقۇم پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، يادرو ئېڭىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، يادرونى قوغداش، يادرونى ھىمايە قىلىش، يادروغا سادىق بولۇش ئاڭلىقلىقىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى قەتئىي تەۋرەنمەي ئىزچىللاشتۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىنىڭ يېڭى غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈپ، يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ شىنجاڭ سەھىپىسىنى پۈتۈش ئۈچۈن بوشاشماي كۈرەش قىلىشى كېرەك.

  (قەلەم تەۋرەتكۈچى: شىنجاڭ پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتى ماركسىزم ئىنستىتۇتىنىڭ پىروفېسسورى لياڭ يۈچۈن)

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تەڭرىتاغ تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • فىلىم: يېشىل سەددىچىن سېپىلى — كۆكيار
  • قوشماقلاشقان تۇغقانلار فوتو سۈرەت كۆرگەزمىسىدە
  • كۈز ئايلىرىدا گۈزەل تۈسكە كىرگەن قايدۇ دەرياسى
ئالاقىلىشىڭ ئەسەر ئەۋەتىڭ خەت قالدۇرۇڭ تورىمىز ئىختىيارى مۇخبىرلار خەت ساندۇقى