شىنجاڭ يېشىل تۈر ئامبىرى قۇرۇلۇشىدىكى تۇنجى يېشىل پۇل مۇئامىلە ئىسلاھاتىدا يېڭىلىق يارىتىش سىناق رايونىغا ئايلاندى
مۇخبىرىمىز ۋاڭ يۇڭفېينىڭ شىنجاڭ يېشىل پۇل مۇئامىلە ئىسلاھاتىدا يېڭىلىق يارىتىش سىناق رايونى يېشىل تۈر ئامبىرى ئۇچۇر ئېلان قىلىش يىغىنىدىن ئىگىلىشىچە، شىنجاڭنىڭ ئۈچ يېشىل پۇل مۇئامىلە سىناق رايونىدا جەمئىي 365 ساپ يېشىل تۈر تۈر ئامبىرىغا كىرگۈزۈلگەن، بۇ، شىنجاڭنىڭ تۇنجى يېشىل تۈر ئامبىرى قۇرۇلۇشىدىكى يېشىل پۇل مۇئامىلە ئىسلاھاتىدا يېڭىلىق يارىتىش سىناق رايونىغا ئايلىنىپ، مەملىكەت بويىچە يېشىل تۈر ئامبىرىنى قېلىپلاشقان ‹‹شىنجاڭ ئۈلگىسى›› بىلەن تەمىنلەيدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.
شىنجاڭ مەملىكىتىمىز بويىچە تۇنجى تۈركۈمدە يېشىل پۇل مۇئامىلە ئىسلاھاتىدا يېڭىلىق يارىتىشنى نۇقتىدا سىناق قىلىش يولغا قويۇلغان بەش ئۆلكە، ئاپتونوم رايوننىڭ بىرى. قومۇل شەھىرى، سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستى ۋە قاراماي شەھىرىدىن ئىبارەت ئۈچ سىناق رايونىدا يېشىل تۈر ئامبىرى قۇرۇلۇپ، يېشىل پۇل مۇئامىلە مۇلازىمىتى، يېشىل ئەمەلىي ئىقتىسادنى قوللايدىغان ۋاسىتىگە ئايلىنىپ،پۇل مۇئامىلە خەۋپ – خەتىرىنىڭ ئالدىنى ئالىدىغان ۋە يېشىل پۇل مۇئامىلىگە سىياسەت جەھەتتىن مەدەت بېرىدىغان سەھنە بىلەن تەمىنلەيدۇ، بۇ، ھەم ئېلىمىزنىڭ ئالاھىدىلىكىگە ماس كېلىدىغان، ھەم خەلقئارا ئۆلچەم بىلەن جىپسىلاشقان يېشىل تۈر ئۆلچەم سىستېمىسى ئۈستىدە ئىزدىنىشكە، يېشىل كاپالەت مېخانىزمى بىلەن تەمىنلەشكە، يەرلىك ھۆكۈمەتلەرنىڭ ئاكتىپلىقىنى قوزغاشقا پايدىلىق بولۇپ، يېشىل پۇل مۇئامىلە ئىسلاھاتىدا يېڭىلىق يارىتىش سىناق قۇرۇلۇشىدا تېزدىن ئەمەلىي ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.
شىنجاڭ يېشىل پۇل مۇئامىلە ئىسلاھاتىدا يېڭىلىق يارىتىش سىناق رايونى قۇرۇلۇشىنى جىپسىلاشتۇرۇش يىغىنى 2017 – يىلى 8 – ئايدا ۋە 10 – ئايدا بېيجىڭ ۋە قومۇلدا ئېچىلىپ، نۇقتىدا سىناق قىلىنىدىغان جايلارنىڭ جۇڭگو يېشىل ئاقىللار ئامبىرى بىلەن بولغان ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىقى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇلدى. ئۈچ جايدىكى سىناق رايونى، خەلق بانكىسى ئۈرۈمچى مەركىزىي تارماق بانكىسى، پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتى ھەم كەسپىي جەمئىيەتلەردىن كەلگەن مۇتەخەسسىس ۋە ئالاقىدار كارخانىلارنىڭ ۋەكىللىرى سىناق رايونىنىڭ يېشىل تۈرى، پۇل مۇئامىلە مەدىتى سىياسىتى، ھەمكارلىق ساھەسى بويىچە پىكىر ئالماشتۇردى.
يىغىندا، قومۇل شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتى بىلەن جۇڭگو ئېنېرگىيە قۇرۇلۇشى گۇرۇھىنىڭ جەنۇب قۇرۇلۇش مەبلەغ سېلىش چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق كېلىشىمى ئىمزالىدى، ئۈچ سىناق رايونىدىكى سودا – سانائەت بانكىسى، يېزا ئىگىلىك بانكىسى، جۇڭگو بانكىسى قاتارلىق 14 پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتى بىلەن 42 كارخانا 14 تۈرلۈك ھەمكارلىق كېلىشىمى ئىمزالىدى، كېلىشىم ئومۇمىي سوممىسى 18 مىليارد 997 مىليون يۈەنگە يېتىپ، سىناق رايونىنىڭ يېشىل تەرەققىياتىغا پائال كۈچ قوشتى.