تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

شىنجاڭ قەشقەر ئۇنىۋېرسال باجدىن خالىي رايونىنىڭ بۇلتۇرقى سودا سوممىسى 60 مىليون دوللاردىن ئاشتى

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى، ئۈرۈمچى، 1 – ئاينىڭ 17 – كۈنى تېلېگراممىسى. شىنجاڭ قەشقەر تاموژنىسى ئېلان قىلغان ئىستاتىستىكىلىق سانلىق مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە، قەشقەر ئۇنىۋېرسال باجدىن خالىي رايونىنىڭ بۇلتۇرقى ئىمپورت – ئېكسپورت سودا سوممىسى 60 مىليون 49 مىڭ دوللارغا يېتىپ، ئالدىنقى يىلنىڭ ئوخشاش مەزگىلىدىكىدىن %17718.7 ئاشقان، توشۇلغان مالنىڭ مىقدارى 1856 توننىغا يېتىپ، ئالدىنقى يىلنىڭ ئوخشاش مەزگىلىدىكىدىن %1650.9 ئاشقان.

  قەشقەر ئۇنىۋېرسال باجدىن خالىي رايونى 2014 – يىلى 9 – ئايدا گوۋۇيۈەننىڭ تەستىقلىشى بىلەن تەسىس قىلىنغان، 2015 – يىلى 4 – ئايدا تاموژنا پېچىتى بىلەن توشۇش يولغا قويۇلۇپ، جەنۇبىي شىنجاڭ رايونىدىكى تۇنجى، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ئىككىنچى ئۇنىۋېرسال باجدىن خالىي رايونغا ئايلانغان.

  قەشقەر ئالاھىدە رايونى باشقۇرۇش كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى، ئۇنىۋېرسال باجدىن خالىي رايونى باشقۇرۇش كومىتېتىنىڭ مۇدىرى بەي سەن مۇنداق دېدى: قەشقەر ئۇنىۋېرسال باجدىن خالىي رايونىنىڭ 2016 – يىلىدىكى ئىمپورت – ئېكسپورت سودا سوممىسى 337 مىڭ دوللار ئىدى. 2017 – يىلى قەشقەر ئۇنىۋېرسال باجدىن خالىي رايونىدا يىۋۇ (شەرقىي جۇڭگو يۆنىلىشى)دىن يولغا چىقىدىغان، قەشقەردىن ئۆتۈپ ئوتتۇرا، جەنۇبىي ئاسىياغا بارىدىغان كۆپ شەكىللىك بىرلەشمە تىرانسپورت پويىز لىنىيەسى، باۋدىڭ (بېيجىڭ، تيەنجىن، خېبېي يۆنىلىشى)دىن يولغا چىقىدىغان، قەشقەردىن ئۆتۈپ ئوتتۇرا، جەنۇبىي ئاسىياغا بارىدىغان كۆپ شەكىللىك بىرلەشمە تىرانسپورت پويىز لىنىيەسى، شېنجېن – گۇاڭجۇ (جەنۇبىي جۇڭگو يۆنىلىشى)دىن يولغا چىقىدىغان، قەشقەردىن ئۆتۈپ ئوتتۇرا، جەنۇبىي ئاسىياغا بارىدىغان كۆپ شەكىللىك بىرلەشمە تىرانسپورت پويىز لىنىيەسى قاتارلىق ئەشيا ئوبوروت يوللىرى ئېچىلدى، ئەتراپتىكى دۆلەتلەرگە ئېكسپورت قىلىنىدىغان تاۋارلار قەشقەر ئۇنىۋېرسال باجدىن خالىي رايونىدا تارقىتىلىدىغان ۋە يىغىپ قاچىلىنىدىغان بولدى. بۇ سودا سوممىسىنىڭ تېز ئېشىشىدىكى مۇھىم سەۋەب.

  ئۇنىڭدىن باشقا، بۇلتۇر قەشقەر ئۇنىۋېرسال باجدىن خالىي رايونى پىششىقلاش سودىسىدا بۆسۈش ھاسىل قىلغان، ئېلېكتىرونلۇق پىششىقلاش كەسپىنىڭ مال مىقدارى 15 مىليون 440 مىڭ دوللارغا يەتكەن؛ باجدىن خالىي ئامباردا ساقلاش، باجدىن خالىي كۆرگەزمە قىلىپ سېتىش سودىسى قاتارلىق گۈللەنمە كەسىپلەرنىڭ تەرەققىياتى بىر قەدەر تېز بولغان، باجدىن خالىي ئامباردا ساقلاش كەسپىنىڭ كىرىمى 45 مىليون دوللاردىن ئاشقان.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى