تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

بۇ يىل شىنجاڭ يېزىلىرىدا 300 مىڭ ئائىلىگە ئەمىن ئۆي سېلىپ بېرىلىدۇ

  ئەمىن ئۆي قۇرۇلۇشى 22 ئېغىر نامرات ناھىيە، شەھەرگە چېتىلىدۇ

  مۇخبىرىمىز ما يىنىڭ خەۋەر قىلىدۇ: پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيى دوكلاتىدا مۇنداق كۆرسىتىلدى: ‹‹خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈش ۋە ياخشىلاشتا خەلق ئەڭ كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان، ئەڭ بىۋاسىتە، ئەڭ رېئال مەنپەئەت مەسىلىسىنى چىڭ تۇتۇپ، ھەم چامىمىزنىڭ يېتىشىچە ئىشلەپ، ھەم ھالىمىزغا بېقىپ ئىش كۆرۈپ، ئىشنى ئىشقا، يىلنى يىلغا ئۇلاپ ئىشلەش لازىم››. پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇش، ئاممىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسىنى تېخىمۇ كۈچەيتىش ئۈچۈن، ئاپتونوم رايون بۇ يىل يېزىلاردا 300 مىڭ ئائىلىگە ئەمىن ئۆي سېلىپ بېرىشنى پىلانلىغان، بۇنىڭ ئىچىدە يېزىلاردىكى ئارخىپ تۇرغۇزۇلۇپ كارتا بېجىرىلگەن نامرات ئائىلىلەر، تۆۋەن كاپالەتلىك ئائىلىلەر، يېزىلاردىكى ئايرىم بېقىلىدىغان ئالاھىدە قىيىنچىلىقى بارلار، نامرات مېيىپلەردىن ئىبارەت تۆت نۇقتىلىق ئوبيېكتقا تەۋە ئائىلە 210 مىڭ، ئادەتتىكى ئائىلە 90 مىڭ ئىكەن.

  ئاپتونوم رايونلۇق يېزا ئەمىن ئۆي قۇرۇلۇشى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى ئىشخانىسىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى دەي شياۋمىن مۇنداق دېدى: ئاپتونوم رايون بۇ يىل يېزىلارنىڭ ئەمىن ئۆي قۇرۇلۇشىدا 22 ئېغىر نامرات ناھىيە، شەھەر، 192 ئېغىر نامرات يېزا، 1926 ئېغىر نامرات كەنتتىكى تۆت نۇقتىلىق ئوبيېكتقا تەۋە 161 مىڭ 300 ئائىلىنىڭ تۇرالغۇ بىخەتەرلىك مەسىلىسىنى مەركەزلىك ھەل قىلىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، يەنە ئاپتونوم رايوندىكى ئېغىر نامرات بولمىغان ناھىيە، شەھەرلەرنىڭ يېزىلىرىدىكى تۆت نۇقتىلىق ئوبيېكتقا تەۋە 48 مىڭ 700 ئائىلىنىڭ ئۆي مەسىلىسىنى نۇقتىلىق ھەل قىلىدۇ.

  بۇ يىل يېزىلاردىكى تۆت نۇقتىلىق ئوبيېكتقا تەۋە 161 مىڭ 300 ئائىلىگە ئۆي سېلىشتا پەرقلىق مەبلەغ ياردىمى سىياسىتى يولغا قويۇلىدۇ، ئۆي كۆلىمى 40 كىۋادرات مېتىردىن 60 كىۋادرات مېتىر ئارىلىقىدا كونترول قىلىنىدۇ، مەركەزنىڭ ھەر بىر ئائىلىگە بېرىدىغان ياردەم پۇلى 14 مىڭ يۈەن، ئاپتونوم رايوننىڭ ھەر بىر ئائىلىگە بېرىدىغان ياردەم پۇلى 8000 يۈەن ۋە شىنجاڭغا ياردەم بېرىدىغان ئۆلكە، شەھەرلەرنىڭ ھەر بىر ئائىلىگە بېرىدىغان ياردەم پۇلى 10 مىڭ يۈەن بولۇش ئاساسىدا، شىنجاڭغا ياردەم بېرىدىغان ئۆلكە، شەھەرلەر ھەر بىر ئائىلىگە يەنە 10 مىڭ يۈەن خەتەرلىك ئۆيلەرنى ئۆزگەرتىش مەخسۇس مەبلىغى بېرىدۇ، ھەر بىر ئائىلىگە بېرىلىدىغان ياردەم پۇلىنىڭ ئۆلچىمى ئوتتۇرىچە 42 مىڭ يۈەنگە يەتكۈزۈلىدۇ.

  شۇنىڭ بىلەن بىللە، جايلار يېزا – بازارلارنىڭ ئومۇمىي يىرىك پىلانىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، تۈرلۈك بايلىقلارنى ياخشى تەقسىملەپ، كەنت قۇرۇلۇشى پىلانىنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يېزىلارنىڭ ئەمىن ئۆي قۇرۇلۇشىنى يولغا قويۇشقا ئىلمىي يېتەكچىلىك قىلىپ، ‹‹تەبىئەتكە ھۆرمەت قىلىش، تەبىئەتكە ماسلىشىش، تەبىئەتنى قوغداش›› خىزمەت پىرىنسىپىگە ئاساسەن، بىر كەنتتە بىر پىلان، بىر ئائىلىگە بىر لايىھە بولۇشتا چىڭ تۇرۇپ، يېزىلارنىڭ ئەمىن ئۆي قۇرۇلۇشى ۋە يېڭى يېزا قۇرۇلۇشى، كەنتلەرنى ھەر تەرەپلىمە تۈزەش، گۈزەل يېزا قۇرۇلۇشى قاتارلىقلارنى ئورگانىك بىرلەشتۈرۈپ، باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، يېڭىدىن سېلىنىدىغان، ئۆزگەرتىلىپ كېڭەيتىپ سېلىنىدىغان، ئۆزگەرتىلىپ مۇستەھكەملىنىدىغان يېزا ئۆيلىرىدە دەۋر قىياپىتى، رايون ئالاھىدىلىكى ۋە مىللىي ئالاھىدىلىكنى نامايان قىلىپ، ئەتراپتىكى تەبىئىي مۇھىت بىلەن ماسلاشتۇرۇپ، كەنت قىياپىتىنى ئومۇمىي جەھەتتىن كۆرۈنەرلىك ئۆزگەرتىشنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.

  ئاپتونوم رايون يەنە 22 ئېغىر نامرات ناھىيە، شەھەر قاراشلىق ۋىلايەت، ئوبلاست ۋە ناھىيە، شەھەرلەردىن كۆپ تەرەپتىن مەبلەغ توپلاپ، يېزىلاردىكى قىيىنچىلىقى بار ئاممىنىڭ ئۆي سېلىشىغا ياردەم بېرىش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، ‹‹دېھقانلار ئۆزى سېلىش، ئەمگەك ۋە كۈچ چىقىرىش، ئۆزئارا ياردەم بېرىش، جەمئىيەت يۆلەش، كارخانا ياردەم بېرىش›› قاتارلىق ئۈنۈملۈك ئۇسۇللار ئارقىلىق يېزىلاردىكى تۆت نۇقتىلىق ئوبيېكتقا تەۋە ئائىلىلەرنىڭ يېڭى ئۆيگە كۆچۈپ كىرىشىگە كاپالەتلىك قىلىشنى تەلەپ قىلدى.

  پىلانغا ئاساسەن، شىنجاڭ 2019 – يىلىنىڭ ئاخىرىدا 22 ئېغىر نامرات ناھىيە، شەھەرنى ‹‹ئىككىدىن خالاس قىلىش، ئۈچتە كاپالەتلەندۈرۈش›› بويىچە تۇرالغۇ بىخەتەرلىك كاپالىتىگە ئىگە قىلىش خىزمىتىنى ئومۇميۈزلۈك تاماملايدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئاپتونوم رايون يېزىلىرىدىكى تۆت نۇقتىلىق ئوبيېكتقا تەۋە ئائىلىلەرنى بىخەتەر تۇرالغۇ ئۆيگە ئىگە قىلىشنى تولۇق ئىشقا ئاشۇرۇپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ۋەزىپىسىنى ئۆز قەرەلىدە تاماملاشقا كاپالەتلىك قىلىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى