تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئاپتونوم رايونىمىز ئىجتىمائىي كاپالەت ئارقىلىق ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشىنى زور كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈردى

  بۇ يىل شەھەر–يېزا ئاھالىسىنىڭ داۋالىنىش سۇغۇرتىسىغا قاتنىشىش مەخسۇس ھەرىكىتى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇلدى

  مۇخبىرىمىز لى چۈنشيا، پىراكتىكانت دىڭ جىڭ خەۋەر قىلىدۇ: پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيى دوكلاتىدا ئىجتىمائىي كاپالەت سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش ئوتتۇرىغا قويۇلدى. تۆۋەن چەكنى ساقلاش، تورنى پۇختىلاش، مېخانىزم بەرپا قىلىش تەلىپىگە ئاساسەن، ئومۇمىي خەلقنى قاپلىغان، شەھەر – يېزا بىر تۇتاش پىلانلانغان، ھوقۇق – مەسئۇلىيەت ئايدىڭ، كاپالەت مۇۋاپىق بولغان، ئىمكانىيەتلىك سىجىل بولغان، كۆپ قاتلاملىق ئىجتىمائىي كاپالەت سىستېمىسىنى ئومۇميۈزلۈك بەرپا قىلىش كېرەك. بۇ يىل ئاپتونوم رايونىمىز شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ۋە پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىجتىمائىي كاپالەت ئارقىلىق ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشىنى داۋاملىق چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈپ، ئاساسىي كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى، ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسى، ئىشسىزلىق سۇغۇرتىسى، ئىشتا يارىلىنىش سۇغۇرتىسى، تۇغۇت سۇغۇرتىسىغا قاتناشقانلارنى ئايرىم – ئايرىم ھالدا 10 مىليون 460 مىڭ كىشىگە، 18 مىليون 300 مىڭ كىشىگە، 2 مىليون 490 مىڭ كىشىگە، 2 مىليون 640 مىڭ كىشىگە، 2 مىليون 580 مىڭ كىشىگە يەتكۈزىدۇ؛ يېڭىدىن 1 مىليون 600 مىڭ ئىجتىمائىي كاپالەت كارتىسى تارقىتىپ، كۈتۈلمىگەن جىسمانىي زەخىم سۇغۇرتىسى ئومۇمىي خەلقنى قاپلاش، ئېغىر كېسەل سۇغۇرتىسى ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسىغا قاتناشقان بارلىق كىشىلەر توپىنى قاپلاشنى ئىشقا ئاشۇرىدۇ؛ خەلقنى مەركەز قىلىشتا باشتىن – ئاخىر چىڭ تۇرۇپ، كېسەللەر داۋالىنالايدىغان بولۇش، ياشانغانلار كۈتۈنەلەيدىغان بولۇش جەھەتتە داۋاملىق يېڭى ئىلگىرىلەشلەرنى قولغا كەلتۈرۈپ، ھەر مىللەت ئاممىنى ئورتاق قۇرۇش، ئورتاق بەھرىمەن بولۇش ئاساسىدىكى تەرەققىياتتا تېخىمۇ كۆپ ئېرىشىش تۇيغۇسىغا ئىگە قىلىدۇ.

  1 – ئاينىڭ 8 – كۈنى ئېچىلغان ئاپتونوم رايونلۇق ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت خىزمىتى يىغىنىدىن ئىگىلىشىمىزچە، بۇ يىل ئاپتونوم رايونىمىز ئومۇمىي خەلقنىڭ سۇغۇرتىغا قاتنىشىشىنى داۋاملىق ئىلگىرى سۈرۈپ، شەھەر – يېزا ئاھالىلىرى، كارخانا ئىشچى – خىزمەتچىلىرى، مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچىلارنى سۇغۇرتىغا قاتناشتۇرۇش مۇھىم نۇقتا قىلىنغان مەخسۇس ھەرىكەتنى قانات يايدۇرۇپ، قاتناش – تىرانسپورت، سۇچىلىق، خەلق ئاۋىياتسىيەسى، ئېنېرگىيە قاتارلىق كەسىپلەر تۈرى بويىچە ئىشتا يارىلىنىش سۇغۇرتىسىغا قاتناشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ھەرىكەتچان باشقۇرۇش ۋە كەڭ كۆلەمدە قاپلاشنى ئىشقا ئاشۇرىدىكەن. ئورگان، كەسپىي ئورۇنلارنىڭ كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى داۋاملىق ئىلگىرى سۈرۈپ، شەھەر – يېزا ئاھالىلىرىنىڭ داۋالىنىش سۇغۇرتىسى تۈزۈمىنىڭ جىپسىلاشتۇرۇلغاندىن كېيىنكى مۇقىم يۈرۈشۈشىگە كاپالەتلىك قىلىپ، ئۇزاق مۇددەتلىك پەرۋىش سۇغۇرتىسى ۋە ئىشچى – خىزمەتچىلەرنىڭ ئامبۇلاتورىيە ھەققىنى بىرتۇتاش پىلانلاشنى نۇقتىدا سىناق قىلىشنى يولغا قويىدىكەن. داۋالىنىش سۇغۇرتىسى تۆلىمى ئىسلاھاتىنى داۋاملىق ئىلگىرى سۈرىدىكەن.

  بۇلتۇر، ئاپتونوم رايونىمىز كۈتۈلمىگەن جىسمانىي زەخىم سۇغۇرتىسى، شەھەر – بازارلاردىكى ئىشچى – خىزمەتچىلەر ئېغىر كېسەل سۇغۇرتىسى قاتارلىق ئىجتىمائىي سۇغۇرتىلار ئارقىلىق ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشىنى يولغا قويدى، بۇ يىل ئاپتونوم رايونىمىز كۈتۈلمىگەن جىسمانىي زەخىم سۇغۇرتىسى سىياسىتىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، شەھەر – يېزا ئاھالىسىنىڭ ئېغىر كېسەل سۇغۇرتىسىنى مۇستەھكەملەپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئالاھىدە قىيىنچىلىقى بارلار، تۆۋەن كاپالەت ئوبيېكتلىرى، نامرات ئاھالىلەر قاتارلىق قىيىنچىلىقى بار ئاممىغا سىياسەت جەھەتتە مايىللىشىپ، ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسى، ئېغىر كېسەللەر سۇغۇرتىسىنى ئۈنۈملۈك جىپسىلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىدۇ. ئىشتا يارىلىنىش سۇغۇرتا فوندىنى ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك بىر تۇتاش پىلانلاشنى يولغا قويۇپ، ئالدىنى ئېلىش، تولۇقلىما بېرىش، سالامەتلىكنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ‹‹ئۈچ بىر گەۋدىلەشكەن›› ئىشتا يارىلىنىش سۇغۇرتا تۈزۈمى سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرىدۇ.

  ساغلاملىق بويىچە نامراتلارنى يۆلەش ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئىجتىمائىي كاپالەت ئارقىلىق ئەلگە نەپ يەتكۈزۈشىدىكى مۇھىم ۋەزىپە. بۇ يىل ئاپتونوم رايونىمىز شەھەر – يېزا ئاھالىسىنى ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسىغا قاتناشتۇرۇش مەخسۇس ھەرىكىتىنى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇپ، نامرات نوپۇسلارنىڭ شەھەر – يېزا ئاھالىلىرىنىڭ ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسىغا شەخس تاپشۇرىدىغان ھەققە ھۆكۈمەت تولۇقلىما بېرىش سىياسىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرىدۇ، 2018 – يىلى 22 ئېغىر نامرات ناھىيە، شەھەرلەردىكى ئارخىپ تۇرغۇزۇلۇپ كارتا بېجىرىلگەن نامرات ئاھالىنىڭ ھەممىسىنى شەھەر – يېزا ئاھالىلىرىنىڭ ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسىغا قاتناشتۇرۇپ، ھەممىسىگە ئىجتىمائىي كاپالەت كارتىسى تارقىتىپ، ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسى، ئېغىر كېسەل سۇغۇرتىسى قاتارلىقلارنىڭ ئۇنىۋېرسال كاپالەتلەندۈرۈش رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئېغىر نامرات رايونلاردىكى نامراتلارنىڭ كېسەل سەۋەبىدىن نامراتلىشىپ كەتمەسلىكىگە، كېسەل سەۋەبىدىن قايتا نامراتلىشىپ كەتمەسلىكىگە كاپالەتلىك قىلىدۇ.

  بۇ يىل ئاپتونوم رايونىمىز يەنە ‹‹ئالاقە تورى + ئىجتىمائىي كاپالەت›› ھەرىكىتىنى يولغا قويۇپ، كۆپ مەنبەلىك ئىجتىمائىي كاپالەت جامائەت مۇلازىمەت سۇپىسىنى قۇرۇپ، ئىجتىمائىي سۇغۇرتا مۇلازىمەت سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، ئىجتىمائىي سۇغۇرتا مۇلازىمىتىدە خەلققە تېخىمۇ قولايلىق يارىتىدۇ. ئاپتونوم رايون بويىچە بىرلىككە كەلگەن ئىجتىمائىي سۇغۇرتا جامائەت مۇلازىمەت تىزىملىكى ۋە كەسىپ تەرتىپىنى يولغا قويۇپ، ئىجتىمائىي سۇغۇرتا جامائەت مۇلازىمىتىنى ئۆلچەملەشتۈرۈشنى ئاساسىي جەھەتتىن ئىشقا ئاشۇرىدۇ. ئىجتىمائىي كاپالەت ئۇچۇر مۇلازىمەت سۇپىسى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، كەسىپ، تارماق، رايون، دەرىجە ھالقىغان ھەمكارلىشىپ ئورتاق بەھرىمەن بولۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، باشقا جايدا داۋالانغانلارنىڭ داۋالىنىش خىراجىتىنى بىۋاسىتە راسچوت قىلىشنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، تۈرلۈك ئىجتىمائىي سۇغۇرتىنىڭ ‹‹بىر تالون››لۇق راسچوتىنى ئىشقا ئاشۇرىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى