تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

شېنجېننىڭ ياردىمىدە 10 مىڭدىن ئارتۇق نامرات ئائىلە نامراتلىقتىن قۇتۇلدى

  جۇڭگو ئاخبارات تورى خەۋىرى: 15-يانۋار، شىنجاڭ قەشقەر ئىقتىساد تەرەققىيات رايونىدىكى شېنجېن كەسىپلەر باغچىسى ئىچىدىكى كىيىم-كېچەك زاۋۇتىدا قەمبەرگۈل روزى كىيىم تىكىۋاتاتتى. بىر ھەپتىدىن كېيىن، ئۇ تىككەن كىيىملەر نەچچە مىڭ كىلومېتىر يىراقلىقتىكى شېنجېنغا يەتكۈزۈلىدۇ.

 بۇ زاۋۇت باش ئىشتابى شېنجېنغا جايلاشقان، 1600 ئادەم بىرلا ۋاقىتتا ئىشلەپچىقىرىش بىلەن شۇغۇللىنالايدىغان شىنجاڭ «مېيلىئو» كىيىم-كېچەك زاۋۇتى بولۇپ، ھەر يىلى 2 مىليون 500 مىڭ قۇر كىيىم-كېچەك لايىھەلەپ، تىكەتتى. قەمبەرگۈل روزى بۇ زاۋۇتنىڭ ئاددىي ئىشچىسى ھېسابلىنىدۇ. ئۇ ئىككى يىل ئىلگىرى ماھارەت جەھەتتە تەربىيەلەنگەندىن كېيىن دېھقاندىن ئىشچىغا ئايلانغانىدى. ئۇ ھازىر ئېيىغا 2500 يۈەن مائاش ئالالايدۇ. ئىلگىرى ئۇنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتى پۇلىغا تايىنىپ كۈن ئالاتتى.

  2016-يىلى، شېنجېن شەھەرلىك ۋېي يۈەندا ئوقەتچىلىك شىركىتى قەشقەردە «گۇاڭخۇڭ» ئېنېرگىيە پەن-تېخنىكا شىركىتىنى ئەنگە ئالدۇرۇپ قۇرۇپ چىقتى. نۆۋەتتە، بۇ شىركەتنىڭ 351 ئىشچىسى بار بولۇپ، ھەرئايدا ئىشلەپچىقىرىدىغان LED پارقىراق بۇيۇملىرى 1 مىليوندىن ئاشىدۇ. بۇ مەھسۇلاتلار ھىندىستان، ئىران قاتارلىق دۆلەتلەردە سېتىلىدۇ.

    قەشقەر قەدىمىي «يىپەك يولى»دىكى مۇھىم ئۆتەڭ، شۇنداقلا «يىپەك يولى» ئىقتىسادىي بەلبېغىدىكى تارماق نۇقتا، قەشقەرنىڭ غەربنى ئېچىۋېتىش ئورۇن ئەۋزەللىكى روشەن بولۇپ، سەككىز دۆلەت ئارقىلىق ئاسىيا-ياۋروپا ئەللىرى بىلەن تۇتۇشىدۇ.

 2010-يىلى، ئېلىمىز يېڭى بىر نۆۋەتلىك شىنجاڭغا ساھەلەر بويىچە ياردەم قىلىش خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇپ، شېنجېن شەھىرى قەشقەر شەھىرى، تاشقورغان ناھىيەسىگە ساھەلەر بويىچە ياردەم قىلىشقا بېكىتىلدى شۇنداقلا رايونىمىز بىلەن بىرلىكتە قەشقەر ئىقتىسادىي تەرەققىيات رايونىنى ئورتاق قۇرۇپ چىقتى. شۇنىڭدىن باشلاپ شېنجېن كەسىپلەر باغچىسى بارلىققا كېلىپ، يۇقىرى ئۆلچەملىك، مۇكەممەل، يۈرۈشلەشكەن كەسىپلەر باغچىسىغا ئايلىنىپ، دۆلەت ئىچىدىكى كارخانا-گۇرۇھلارنى جەلپ قىلدى.

 زۇلپىيە نۇرمۇھەممەت ناھايىتى تەلەيلىك قىز. چۈنكى ئۇ غۇلجا تېببىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەن ئىدى، خەنزۇچىسىمۇ ناھايىتى ياخشى ئىدى. 2016-يىلى ئۇ «مېيلىئو» زاۋۇتىغا تەرجىمانلىققا قوبۇل قىلىنىپ، ئىچكىرىدىن كەلگەن ئۇستاملار بىلەن يەرلىكتىكى ئىشچىلار ئارىسىدا تەرجىمانلىق قىلىش ۋە خىزمەت مىقدارىنى ئىستاتىستىكا قىلىشقا مەسئۇل بولدى. خىزمەت ئىپادىسى ئالاھىدە بولغانلىقتىن، ھازىر ئۇ سېخنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى بولدى. مائاشىمۇ ئۆستى. ئۇ : «مەن بۇ پۇرسەتنى ناھايىتى قەدىرلەيمەن.» دېدى.

 بۇ زاۋۇتنىڭ مۇئاۋىن باش دېرىكتورى ۋۇ چىۋۇنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، ھازىر بۇ زاۋۇت يېتەرلىك زاكاز قوبۇل قىلغان بولۇپ، ئىشلەپچىقىرىلغان مەھسۇلاتلار شېنجېن ۋە پاكىستانغا سېتىلىدىكەن.

 شېنجېن كەسىپلەر باغچىسى ئەنئەنىۋىي كەسىپلەردىن توقۇلمىچىلىق، كىيىم-كېچەك كەسىپلىرىدىن باشقا، يۇقىرى، يېڭى تېخنىكا كارخانىلىرىنىڭ جەمگاھىغا ئايلاندى.

  شېنجېن ۋېي يۈەندا ئوقەتچىلىك شىركىتى LEDپارقىراق بۇيۇملارنى ئىشلەپچىقىرىدىغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئاساسلىق بازىرى ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە جەنۇبىي ئاسىيادا. بۇ شىركەت 2016-يىلى قەشقەردە گۇاڭخۇڭ ئېنېرگىيە پەن-تېخنىكا شىركىتىنى ئەنگە ئالدۇرۇپ قۇرۇپ چىقتى. نۆۋەتتە، بۇ شىركەتنىڭ 351 ئىشچىسى بار بولۇپ، ھەرئايدا ئىشلەپچىقىرىدىغان LED پارقىراق بۇيۇملىرى 1 مىليوندىن ئاشىدۇ. بۇ مەھسۇلاتلار ھىندىستان، ئىران قاتارلىق دۆلەتلەردە سېتىلىدۇ.

  بۇ شىركەتتە پىراكتىكا قىلىۋاتقان قەشقەر سۇچىلىق، سۇ ئېلىكتىر مەكتىپى ئوقۇغۇچىسى ھەسەنجان توختى بارلىق ئىش تەرتىپلىرىگە پىششىق بولۇپ كەتتى. ئۇ ھەر ئايدا 2000 يۈەندىن ئارتۇق مائاش ئالىدۇ. بۇ يىل ئىيۇلدا ئوقۇش پۈتكۈزگەندىن كېيىن شېنجېنغا بېرىپ مائاشى تېخىمۇ يۇقىرى خىزمەتتىن بىرنى تېپىشنى كۆڭلىگە پۈكتى.

  شېنجېن كەسىپلەر باغچا رايونىدا ھازىر 76 كارخانا مەبلەغ سېلىپ ئىشلەپچىقىرىشقا كىرىشكەن بولۇپ، يەرلىكتىكى 13 مىڭدىن ئارتۇق ئادەمنى مۇقىم ئىش ئورنى بىلەن تەمىنلىدى، ئۇلارنىڭ كۆپىنچىسى نامرات ئائىلىلەردىن كەلگەن ياشلار ئىدى.

 قەشقەر ئىقتىساد تەرەققىيات رايونى پارتىيە خىزمىتى كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، بۆلەك رايونى باشقۇرۇش كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى، شېنجېن شەھىرىنىڭ ساھەلەر بويىچە شىنجاڭغا ياردەم قىلىش خىزمىتى ئالدىنقى سەپ قوماندانلىق ئىشتابىنىڭ مۇئاۋىن باش قوماندانى يۈەن فۇيوڭ مۇنداق دېدى: شېنجېن كەسىپلەر تەرەققىيات باغچىسى كۆپ يىللىق تەرەققىيات ئارقىلىق، كۆلەملىشىپ، ئىشلەپچىقىرىش جەمگاھىغا ئايلاندى. نۆۋەتتە، 76 كارخانا مەبلەغ سېلىپ ئىشلەپچىقىرىشقا كىرىشكەن بولۇپ، يەرلىكتىكى 13 مىڭدىن ئارتۇق ئادەمنى مۇقىم ئىش ئورنى بىلەن تەمىنلىدى .

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى