تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئۈرۈمچى

ئۈرۈمچى شەھىرى 20-ئوتتۇرا مەكتەپ، 23-ئوتتۇرا مەكتەپلەرنىڭ تارماق مەكتىپىنى سالىدۇ

  شەھەر ئىستېمالى سەھەر گېزىتى خەۋىرى: ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلاتتا، بۇ يىل ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ مائارىپتا ئاممىغا نەپ يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشىنى داۋاملىق ئېلىپ بارىدىغانلىقى، 20-ئوتتۇرا مەكتەپ، 23-ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ تارماق مەكتىپى قۇرۇلۇشىنى پائال ئىلگىرى سۈرۈپ، ئەلا سۈپەتلىك مائارىپ بايلىقى بىلەن تەمىنلەشنى ئۈزلۈكسىز كېڭەيتىدىغانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

  ئۈرۈمچى شەھەرلىك سىياسىي كېڭەش ئەزاسى يى شۈنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، نۆۋەتتە، ئۈرۈمچى شەھەرلىك 20-ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ تارماق مەكتىپىگە يەر تاللىنىۋېتىپتۇ، ئۇنىڭ قۇرۇلۇش كۆلىمى 80 مىڭ كىۋادرات مېتىر بولۇپ، 72 سىنىپ تەسىس قىلىنىدىكەن، ئۇنىڭ 48ى تولۇق ئوتتۇرا سىنىپى، 24ى تولۇقسىز ئوتتۇرا سىنىپى بولىدىكەن. ئۈرۈمچى شەھەرلىك 20-ئوتتۇرا مەكتەپ خەلق يولى ۋە جۇڭسەن يولى ئارىلىقىدىكى ئاۋات جاي بولغان ھارۋا بازىرى كوچىسىدىكى 54-نومۇرغا جايلاشقان بولۇپ، ھازىر 2500دىن ئارتۇق ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچى بار.

  بۇنىڭدىن باشقا، مۇخبىرنىڭ ئىگىلىشىچە، خۇاڭخې يولىغا جايلاشقان ئۈرۈمچى شەھەرلىك 23-ئوتتۇرا مەكتەپمۇ بۇ يىل يېڭى مەكتەپ رايونى سالىدىكەن. ئۈرۈمچى شەھەرلىك 20-ئوتتۇرا مەكتەپ ۋە 23-ئوتتۇرا مەكتەپ ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ئۈلگە كۆرسىتىشچان تولۇق ئوتتۇرا مەكتىپى بولۇپ، بۇ ئىككى مەكتەپنىڭ يېڭى مەكتەپ رايونى قۇرۇشى مەركىزىي شەھەرنىڭ ئەۋزەل مائارىپ بايلىقىنى تەكشى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئۈچۈن ئىكەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى