ھامىلىدار بولۇشنىڭ تەييارلىقىنى قىلىپ بولغان ئايالنىڭ سالامەتلىكى ياخشى بولسىمۇ، ھامىلىدار بولۇشتىن ئىلگىرى بىر قېتىم ئومۇميۈزلۈك سالامەتلىك تەكشۈرتكىنى ياخشى. ھامىلىدار بولۇشتىن ئىلگىرىكى تەكشۈرتۈش ئارقىلىق تۇغۇتقا ياكى ھامىلىگە زىيان يەتكۈزۈش ئېھتىماللىقى بولغان كېسەللىكلەرنى تەكشۈرۈپ چېقىپ، ھامىلىدار ئايال ۋە ئائىلىنى خاتىرجەم قىلغىلى بولىدۇ.
تېنىمىزدە كېسەللىك پەيدا قىلغۇچى نۇرغۇن باكتېرىيەلەر بار، ئۇلار سالامەتلىكىمىز ياخشى ۋاقىتتا ئۆسۈپ كۆپەيمەيدۇ ئەمما يېنىك ياللۇغلىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، شۇڭا بىز ئۇلارنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى ھېس قىلمايمىز؛ بەدەننىڭ قارشىلىق كۈچى ئاجىزلىغاندا، كېسەللىك پەيدا قىلغۇچى باكتېرىيەلەر ئۆسۈپ كۆپىيىشكە باشلايدۇ، بۇنىڭ بىلەن كېسەل بولىمىز. مەسىلەن، زۇكام، داس بوشلۇقى ياللۇغى ياكى كونا كېسەلنىڭ قوزغىلىشى ھەمشە ھاردۇق يەتكەن ياكى سوغۇق ئۆتۈپ قالغانلىقتىن بولىدۇ، چۈنكى، بۇنداق ۋاقىتتا ئادەم بەدىنىنىڭ قارشلىق كۈچى تۆۋەنلەپ، ئاسانلا كېسەل بولىدۇ.
كېسەللىك پەيدا قىلغۇچى باكتېرىيەلەر كۆپىنچە بويىدىن ئاجراشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. سالامەتلىك تەكشۈرتمىسەك، ئۇلارنى بايقىماق تەس. ھامىلىدار بولۇشتىن ئىلگىرى سالامەتلىك تەكشۈرتكەندە، دوختۇر كېسەللىك پەيدا قىلغۇچى باكتېرىيەلەرنى تەكشۈرۈپ ھەم ۋاقتىدا داۋالاپ، ھامىلىنىڭ ساغلاملىقىنى كاپالەتلەندۈرىدۇ.
«گۈزەل ئايال، بەختلىك ئائىلە» تېمىسىدىكى بىر يۈرۈش كىتابدىن ئېلىندى