ئاسىيا مەركىزى تورى خەۋىرى: يېقىندا، گۇچۇڭ ناھىيەسىگە جايلاشقان جامبۇلاق سەيلىگاھى ئاپئاق قار بىلەن قاپلاندى. يىراقتىكى يېزىدا چارۋا مال ۋە دەل-دەرەخلەر جىمجىتلىققا چۆمگەن قارلىق دالىنى ھاياتىي كۈچكە تولدۇردى.
ئىگىلىنىشىچە، «جامبۇلاق» سۆزى قازاق تىلىدا «مۇقەددەس سۇ ماكانى» دېگەن مەنىدە ئىكەن. ھەممەيلەنگە تونۇشلۇق بولغان جامبۇلاق سەيلىگاھى گۇچۇڭ ناھىيەسى بەنجېگۇ بازىرىغا جايلاشقان بولۇپ، مەركىزىي شەھەر ئۈرۈمچىگە 195 كىلومېتىر كېلىدۇ. بۇ سەيلىگاھنى جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيەسى دۆلەت دەرىجىلىك قوغدىلىدىغان ئەڭ مۇكەممەل، تارىخى ئەڭ ئۇزۇن بوستانلىق مەدەنىيىتىنىڭ بىرى قىلىپ بېكىتكەن، 2003-يىلى دۆلەتلىك ئورمان باغچىسى دەپ تەستىقلانغان. بۇ جايدىكى تاش شەھەر خارابىسى، تىيانشان غەلىتە دۆڭى، مىللىي ئۆرپ-ئادەت باغچىسى، توققۇز تۇتاش كۆلچەك، مۇقەددەس كۆل قاتارلىقلار ئۆزگىچە مەنزىرە ھېسابلىنىدۇ.
(جاۋ يىڭ فوتوسى)