تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

باھار شامىلى ئىللىتقان شەنبە بازار

  ـــــ قۇربان تۇلۇمنىڭ يۇرتىدىكى بىر يىلدىن بۇيانقى ئۆزگىرىشلەرگە نەزەر

  مۇخبىرىمىز لۇ يەن

  كېرىيە ناھىيەسىنىڭ شەنبە بازار بازىرىدا چوڭ دەرۋازىلىق بىر ئۆي بولۇپ، دەرۋازىنى ئېچىپ كىرىشىڭىزگىلا قۇربان تۇلۇمنىڭ ماۋجۇشى بىلەن قىزغىن قول ئېلىشىپ كۆرۈشۈۋاتقاندىكى چوڭايتىلغان سۈرىتىنى كۆرىسىز، بۇ، قۇربان تۇلۇمنىڭ قىزى توختىخان قۇرباننىڭ ئۆيى، بۇ يەردىكىلەرنىڭ ھەممىسى قۇربان تۇلۇمنىڭ بېيجىڭغا بېرىپ ماۋجۇشى بىلەن كۆرۈشكەنلىكى ھەققىدىكى ھېكايىنى ئوبدان بىلىدۇ.

  باش شۇجى شى جىنپىڭ 2017- يىلى 1- ئاينىڭ 11- كۈنى قۇربان تۇلۇمنىڭ قىزى توختىخان قۇربانغا جاۋاب خەت يېزىپ، قۇربان تۇلۇمنىڭ ئەۋلادلىرى ۋە يۇرتداشلارنى پارتىيەنى، ۋەتەننى، جۇڭخۇا مىللىتى چوڭ ئائىلىسىنى قىزغىن سۆيىدىغان نەمۇنىچىلاردىن بولۇشقا ئىلھاملاندۇردى.

  باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ سەمىمىي تەلىمى مەيىن باھار شامىلىدەك دولقۇن پەيدا قىلىپ، كەنت ئاھالىسىنى چوڭقۇر تەسىرلەندۈردى، كۈچلۈك روھلاندۇردى.

  بۇ بىر يىلدىن بۇيان، شەنبە بازار بازىرىدا نۇرغۇن ئۆزگىرىش بولدى.

  «ۋۇجۇدۇم كۈچ- قۇۋۋەتكە تولدى»

  1- ئاينىڭ 12- كۈنى شەنبە بازار بازىرىنىڭ ئۇرۇق مەيدان كەنتىگە مۇخبىرلىققا بېرىپ، توختىخان قۇرباننىڭ قوشنىسى مەڭلەشخان مەتسەيدىنىڭ ئۆيىگە كىردىم. بۇ ئۆي قول ھۈنەرۋەنچىلىك بۇيۇملىرى كۆرگەزمىخانىسىغا ئوخشايدىكەن. مەڭلەشخان مەتسەيدى گۈللۈك كۆڭلەك، گۈللۈك پاختىلىق چاپان كىيىۋالغان، چېچىغا ھال رەڭ لېنتا تاقىۋالغانىدى، ئۇ ناھايىتى تەجرىبىلىك ۋە تېتىك كۆرۈنەتتى. ئۇ ماڭا 50 نەچچە ئايال بىلەن بىللە توقۇغان گىلەم، كەشتە، ئىلمە توقۇلما بۇيۇملىرى ۋە تىككەن مىللىيچە كىيىم- كېچەكلەرنى كۆرسەتتى، بۇلار رەڭگارەڭ جۇلالىنىپ كۆزنى قاماشتۇراتتى.

  مەڭلەشخان مەتسەيدى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ جاۋاب خەت يازغانلىقى توغرىسىدا توختىلىپ، ھاياجانلانغان ھالدا مۇنداق دېدى: باش شۇجىنىڭ جاۋاب خېتىنى ئوقۇپ، كۆڭلۈم يورۇپ كەتتى. كىچىكىمدە قۇربان تۇلۇمنى كۆرگەنىدىم، مەن قۇربان تۇلۇمنىڭ بالىلىرىنىڭ قوشنىسى، بۇ يىل 63 ياشقا كىرگەن بولساممۇ، ياشاندىم، دەپ دەم ئالسام بولمايدۇ، كەنتتىكى ئاياللارنى داۋاملىق بىرلىكتە بېيىشقا يېتەكلەيمەن.

  ئىلگىرى جاپالىق كۈنلەرنى باشتىن كەچۈرگەن مەڭلەشخان مەتسەيدى پارتىيە ۋە دۆلەتتىن تولىمۇ مىننەتدار ئىكەن. مەڭلەشخان مەتسەيدىنىڭ تۆت پەرزەنتىنىڭ ھەممىسى ئالىي مەكتەپتە ئوقۇپتۇ، ئۈچ پەرزەنتى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىگە ئەزا بوپتۇ. ئۇ مۇنداق دېدى: مەن پۇقرا تەشۋىقاتچى، ناھىيەمىزدىكى كەنتلەردە پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى تەشۋىق قىلىپ، يۇرتىمىزدا بولغان ئۆزگىرىشلەرنى سۆزلىدىم، ھەر جۈمە كۈنى ئىشچىلارغا دەرس ئۆتۈپ، ئۇلارنى مىننەتدارلىق بىلدۈرۈشنى بىلىدىغان لاياقەتلىك ئانىلاردىن بولۇپ، تىرىشىپ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇشقا ئىلھاملاندۇرىمەن.

  ھازىر، كەنتتىكى 56 كىشى مەڭلەشخان مەتسەيدى ئاچقان كېرىيە ناھىيەلىك «ئۇز چېۋەر» خەلقئارا سودا چەكلىك شىركىتىدە ئىشلەپ، ئايدا 1500 يۈەندىن 2500 يۈەنگىچە ئىش ھەققى ئالىدىكەن. مەڭلەشخان مەتسەيدى بۇ يىللىق پىلانى ئۈستىدە توختىلىپ، تولۇپ تاشقان ئىشەنچ بىلەن مۇنداق دېدى: يەنە 50 كىشىنى قوبۇل قىلىپ، ئىشلەپچىقىرىش كۆلىمىنى كېڭەيتىپ، ئارقا ھويلىدا دېھقانلار ئارامگاھى ۋە تاللا بازىرى ئېچىپ، ياشلارنى يېقىن ئەتراپتا ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئويلاۋاتىمەن.

  مەن شەنبە بازار بازىرىنىڭ سىكىداشمان كەنتىگە بېرىپ، كېرىيە ناھىيەسىدىكى ئىشلەپچىقىرىش ماھىرى مەمەت تۆمۈر بىلەن كۆرۈشتۈم. مەمەت تۆمۈر مۇنداق دېدى: قۇربان تۇلۇمنىڭ ھېكايىسىنى ھەممىمىز بىلىمىز، مەن 2017- يىلى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ جاۋاب خېتىنى ئۆگىنىپ ناھايىتى تەسىرلەندىم، پۈتۈن ۋۇجۇدۇم كۈچكە تولدى، شۇنىڭ بىلەن يەنە 50 مو يەردىكى يۇلغۇنلۇققا توشقانزەدىكى تېرىدىم، يەنە ئۆرۈك، ياڭاق كۆچىتى تىكتىم، كەنتتىكى بەش ئائىلە ماڭا ئوخشاش يەر تېرىپ، ئىشلەپچىقىرىشنى راۋاجلاندۇردى.

  مەمەت تۆمۈرنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇ بۇلتۇر 60 مىڭ يۈەن كىرىم قىپتۇ، بۇنىڭ ئىچىدە كۆكتاتتىن قىلىنغان كىرىم 20 مىڭ يۈەنگە يېتىدىكەن.

  مەن يەنە بۇ كەنتتىكى باقمىچىلىق چوڭ ئائىلىسى ياسىن ئەيسانىڭ ئۆيىگە كىردىم، ئۇنىڭ ئائىلىسى بۇلتۇر قوي بېقىپ 35 مىڭ يۈەن كىرىم قىپتۇ. ياسىن ئەيسا مۇنداق دېدى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ جاۋاب خېتىنى كۆپ قېتىم ئۆگەندۇق، پارتىيەگە قەتئىي مىننەتدارلىق بىلدۈرۈپ، پارتىيەنىڭ گېپىنى ئاڭلاپ، پارتىيەگە ئەگىشىپ مېڭىپ، تىرىشىپ ئىشلەپ باي بولىمىز.

  «تېخىمۇ ياخشى تەرەققىيات پۇرسىتىگە ئىگە بولدۇق»

  شەنبە بازار بازىرىدا يېڭىدىن دېھقان- چارۋىچىلار ئىگىلىك تىكلەش، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش بويىچە يېتىشتۈرۈش رايونى قۇرۇلۇپتۇ. 2017- يىلىدىن بۇيان، بۇ يەرگە كىيىم- كېچەك زاۋۇتى، ئاياغ زاۋۇتى، توقۇمىچىلىق زاۋۇتى، گىلەم زاۋۇتى قاتارلىقلار ئارقا- ئارقىدىن ماكانلىشىپ، جۇش ئۇرۇپ راۋاجلىنىپتۇ.

  شەنبە بازار بازىرىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ئېلىجان غالىبنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، بۇ يېتىشتۈرۈش رايونى تيەنجىن شەھىرىنىڭ زور كۈچ بىلەن قوللىشى ئارقىسىدا قۇرۇلغان ئىكەن، ھازىرغىچە 30 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىنىپتۇ، 600دىن كۆپرەك كەنت ئاھالىسى بۇ يەردە ئىشقا ئورۇنلىشىپتۇ.

  شەنبە بازار بازىرىنىڭ 11 كەنتىدىن كەلگەن 60 نەچچە كىشى دېھقان- چارۋىچىلار ئىگىلىك تىكلەش، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش بويىچە يېتىشتۈرۈش رايونىدىكى «سەككىز كىچىك قۇرۇلۇش − ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش كىچىك قۇرۇلۇشى» تەربىيەلەش مەركىزىدە تەربىيەلىنىۋاتقان بولۇپ، ئۇلار تىككەن كارىۋات بۇيۇملىرىنىڭ بازىرى ئىنتايىن ئىتتىك ئىكەن.

  شەنبە بازار بازىرى تۆۋەن داشمان كەنتىنىڭ ئاھالىسى ھەۋزىگۈل غوجائابلا بۇ يەردە 15 كۈن تەربىيەلەنگەندىن كېيىن مۇستەقىل مەشغۇلات قىلالايدىغان بوپتۇ. ئىلگىرى ھەۋزىگۈل غوجائابلا ئائىلىسىنىڭ يىللىق كىرىمى ئاران 3000 يۈەندىن ئاشاتتىكەن، ھەۋزىگۈل غوجائابلا بۇ يەردە ئىشلىگەندىن كېيىن، ھازىر كۈنىگە 15 يوتقان كىرلىكى تىكىدىكەن ھەم شاگىرت تەربىيەلەيدىكەن، رەسمىي ئىشچى بولسا ئايدا 3000 يۈەن كىرىم قىلالايدىكەن.

  يۈسۈپجان ئىسمائىل بۇ كارخانىنىڭ خوجايىنى بولۇپ، ئۇنىڭ يوتقان كىرلىكى سودىسى قىلىۋاتقىنىغا سەككىز يىل بوپتۇ، پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىنىڭ دوكلاتىنى ئۆگەنگەندىن كېيىن يۈسۈپجان ئىسمائىلنىڭ تەپەككۇرى تېخىمۇ ئېچىلىپتۇ. ئۇ زاۋۇتىنى دېھقان- چارۋىچىلار ئىگىلىك تىكلەش، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش بويىچە يېتىشتۈرۈش رايونىغا كۆچۈرۈپ كېلىپ، بۇلتۇر رەسمىي تىجارەت باشلاپتۇ. تىجارەت باشلاپ يېرىم ئايدىن كۆپرەك ۋاقىتتىلا، خوتەن، قەشقەر قاتارلىق جايلاردىن قوبۇل قىلغان زاكاز بارغانسېرى كۆپىيىپتۇ، قەشقەردىنلا 3000 يۈرۈش كارىۋات بۇيۇمى زاكاز ئاپتۇ. ھازىر، ئىشەنچكە تولغان يۈسۈپجان ئىسمائىل قەرز پۇل ئېلىپ كۆلەمنى كېڭەيتىش ھەم توقۇمىچىلىق زاۋۇتى قۇرۇشقا تەييارلىق قىلىۋېتىپتۇ، زاۋۇت ئىشقا كىرىشسە، 150تىن ئارتۇق كىشىنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرغىلى بولىدىكەن.

  يۈسۈپجان ئىسمائىل مۇنداق دېدى: پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىنىڭ دوكلاتىدا يېزا- كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسى ئوتتۇرىغا قويۇلدى، بىز تېخىمۇ ياخشى تەرەققىيات پۇرسىتىگە ئېرىشتۇق. مەن قۇربان تۇلۇمنىڭ ھېكايىسىنى بىلىمەن، يەنە باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ جاۋاب خېتىنىمۇ ئۆگەندىم، باش شۇجى شى جىنپىڭ ئاددىي دېھقانغا جاۋاب خەت يېزىپ، دېھقانلارغا كۆڭۈل بۆلدى، بۇنىڭدىن بەك ئىلھاملاندۇق.

  بۇلتۇر 10- ئايدا، يەنى پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىنىڭ ئېچىلىش ھارپىسىدا، يۈسۈپجان ئىسمائىل پارتىيەگە كىرىش ئىلتىماسى يېزىپتۇ، ئۇ ھازىر دۆلەت ئورتاق تىل- يېزىقىنى ئۆگىنىۋېتىپتۇ، ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇ چاغاندىن كېيىن خاڭجۇغا بېرىپ، ئۇستا تەكلىپ قىلىپ، ئىشلەمچىلەرنى تەربىيەلەيدىكەن، ئۇ يەنە يوتقان كىرلىكىنىڭ تۈرىنى كۆپەيتىشنى، ماركا ئىلتىماس قىلىشنى، بازىرىنى ئىچكىرى ئۆلكىلەرگىچە كېڭەيتىشنى ئويلىشىۋېتىپتۇ.

  مەن يۈسۈپجان ئىسمائىل بىلەن خوشلىشىپ، دېھقان- چارۋىچىلار ئىگىلىك تىكلەش، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش بويىچە يېتىشتۈرۈش رايونىدىكى شىنجاڭ شېڭخېڭ ئىلمە توقۇلما بۇيۇملىرى چەكلىك شىركىتىگە باردىم. بۇ شىركەتنىڭ مەسئۇلى سۇ شۇجۈەن مۇنداق دېدى: شىركىتىمىز ئاساسلىقى موتوسىكلىت، ئاپتوموبىللارنىڭ ئورۇندۇق سېلىنچىسى ئىشلەپچىقىرىدۇ، يەرلىكتىن 270تىن ئارتۇق كىشىنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇردۇق. بۇ جايدىكى ئىشچىلار ئۆگىنىشكە ئامراق، غەيرەتلىك، شىركەتنىڭ كەلگۈسىگە ئىشەنچىم كامىل.

  مەن سېختا ئايال ئىشچىلارنىڭ سېلىنچا توقۇۋاتقانلىقىنى كۆردۈم. تاغداشمان كەنتىدىن كەلگەن 25 ياشلىق رىزۋانگۈل مەتتۇرسۇن مۇنداق دېدى: بۇ يەردە ئىشلەۋاتقىنىمغا يېرىم ئاي بولدى، ھازىر ئىككى كۈندە ئاپتوموبىل ئورۇندۇق سېلىنچىسىدىن بىرنى پۈتتۈرۈپ، 150 يۈەن تاپالايمەن.

  سېختىكى ئاياللاردىن باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ جاۋاب خېتىنى ئۆگەنگەن- ئۆگەنمىگەنلىكىنى سورىۋېدىم، ئۇلار بىردەك: كۆپ قېتىم ئۆگەندۇق، دەپ جاۋاب بېرىشتى.

  تاغداشمان كەنتىدىن كەلگەن ئوغۇلخان مەتسالى راۋان خەنزۇ تىلىدا مۇنداق دېدى: بىز جاۋاب خەتنى ئوقۇدۇق، پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىنىڭ دوكلاتىنىمۇ ئۆگەندۇق، ھازىر ئىدىيەمىزدە ئۆزگىرىش بولدى، كۆپچىلىك سىرتلارغا چىقىپ ئىشلەشنى، تېخنىكا ئۆگىنىشنى خالايدۇ. بۇلتۇر ئۈچ ئاي پاختا تېرىپ، 10 مىڭ يۈەندىن كۆپ كىرىم قىلدىم.

  كەنتتىكى ئۆزگىرىشلەرنى تىلغا ئالغاندا، ئۇلار ھاياجانلانغان ھالدا مۇنداق دېدى: بىر يىلدىن بۇيان كەنتتىكى يوللار ئاسفالتلاشتى، كەنتتە يەنە ئۆستەڭ ياسالدى، ئۆيلىرىمىزگە تۇرۇبا سۈيى تۇتاشتۇرۇلدى، ھەقسىز سالامەتلىك تەكشۈرتۈشتىن بەھرىمەن بولۇۋاتىمىز. ھازىر دۆلەت ئورتاق تىل- يېزىقىنى ئۆگىنىۋاتىمىز، پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىنىڭ دوكلاتىنى ئۆگىنىش قىزغىنلىقىمىز يۇقىرى. پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىنىڭ دوكلاتىنى ئۆگەنگەندىن كېيىن تولىمۇ ھاياجانلاندۇق، نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ بېيىش ئىشەنچىمىز تېخىمۇ ئاشتى.

  شەنبە بازار بازارلىق پارتكومنىڭ شۇجىسى لو ئەيكې مۇنداق دېدى: ئىلگىرى دېھقانلار ئۆيدىن چىقىشنى ئانچە خالىمايتتى، ھازىر بەزى دېھقانلار بىزنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئىزدەپ، ئىشلەش ئويىنىڭ بارلىقىنى، ئىچكىرى ئۆلكىلەرگە بېرىپ ئىشلىگۈسى بارلىقىنى ئېيتىدۇ. 2017- يىلى پۈتۈن بازار بويىچە 3876 كىشى سىرتقا چىقىپ ئىشلىدى، بۇنىڭ ئىچىدە 151 كىشى جېجياڭ ئۆلكىسى ۋە خېبېي ئۆلكىسىگە باردى. بۇ يىل 1- ئاينىڭ 9- كۈنى يەنە 32 كىشى تيەنجىنگە ئىشلىگىلى ماڭدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى