15-يانۋار، بىڭتۈەن 2-شى 21-تۇەن 11-ليەندىكى يۇقىرى ئۆلچەملىك ئۈلگە كۆرسىتىش پارنىكىدىكى تۇپراقسىز ئۆستۈرۈلگەن شوخلا ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى گۇەن جۈەنجۈەنگە خۇشاللىق ئېلىپ كەلدى.
شىنجاڭ ئىقتىساد گېزىتى خەۋىرى: يېقىنقى يىللادىن بۇيان، بىڭتۈەن 2-شى 21-تۇەنى ئۈلگە كۆرسىتىپ يېتەكلەش + كېڭەيتىش ۋە ئومۇملاشتۇرۇش ئۇسۇلىنى قوللىنىپ، زور كۈچ بىلەن ئەسلىھەلىك يېزا ئىگىلىكىنى راۋاجلاندۇرۇپ، كۆپ خىل ئىگىلىك، كۆپ مەنبەلىك كىرىمنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن تۈرتكىلىك رول ئوينىدى.
13-يانۋار، كۇچا ناھىيەسىنىڭ ئۇلۇغچات بازىرىدىكى ئەسلىھەلىك يېزا ئىگىلىكى بازىسى مايسا يېتىشتۈرۈش مەركىزىنىڭ تېخنىكا خادىمى جۇ ۋېنچىڭ باكتېرىيە يوقاتقۇچ دورا پۈركۈش ئەسۋابى ئارقىلىق كۆكتات مايسىلارغا دورا پۈركىمەكتە. بۈگۈنكى كۈندە ئۇلۇغچات بازىرىدىكى ئەسلىھەلىك يېزا ئىگىلىكى بازىسى شۇ جايدىكى دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشتىكى يېڭى يارقىن نۇقتىغا ئايلاندى.