تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەملىكەت

ئېلىمىز 2017–يىللىق ئارخېئولوگىيەلىك يېڭى بايقاشلارنى ئېلان قىلدى

بۇ شىنجاڭ جېمىنەي ناھىيەسىدىكى تۇڭتيەن غارى خارابىسىنىڭ تاشقى كۆرۈنۈشى.

  شىنخۇا تورى خەۋىرى: كەسپىي مۇتەخەسسىسلەر ئۆمىكى باھالىغان 2017–يىللىق ئارخېئولوگىيەلىك يېڭى بايقاشلار 16-يانۋار بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلگەن جۇڭگو ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسى ئارخېئولوگىيە مۇنبىرىدە ئېلان قىلىندى.

  ئىگىلىنىشىچە، شىنجاڭ جېمىنەي ناھىيەسىدىكى تۇڭتيەن غارى خارابىسى، جىنەن شەھىرى جاڭچيۇ رايونىدىكى جياۋجيا يېڭى تاش قوراللار دەۋرى خارابىسى، فۇجيەن مىڭشى ناھىيەسىدىكى نەنشەن خارابىسى، خۇبېي جىڭشەن ناھىيەسىدىكى سۇ جيالۇڭ جۇ سۇلالىسى خارابىسى، خېبېي ئۆلكىسى شىڭتاڭ ناھىيەسىنىڭ جەنۇبىي كۆۋرۈك بازىرىدىكى شەرقىي جۇ سۇلالىسى خارابىسى ۋە جىلىن ئەنتۇ ناھىيەسىدىكى باۋما شەھەرچىسى جىن سۇلالىسى خارابىسى قاتارلىقلار 2017-يىللىق جۇڭگو ئارخېئولوگىيەلىك يېڭى بايقاشلار قاتارىغا كىرگۈزۈلگەن.

بۇ مۇتەخەسسىسلەرنىڭ 2017-يىلى 16-ئاۋغۇستا شىنجاڭ جېمىنەي ناھىيەسىدىكى تۇڭتيەن غارى خارابىسىدا نەق مەيداندا تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغان كۆرۈنۈشى.

بۇ جىنەن شەھىرى جاڭچيۇ رايونىدىكى جياۋجيا يېڭى تاش قوراللار دەۋرى خارابىسىنىڭ قېزىلغان نەق مەيدان كۆرۈنۈشى.

بۇ جىنەن شەھىرى جاڭچيۇ رايونىدىكى جياۋجيا يېڭى تاش قوراللار دەۋرى خارابىسىدىن قېزىۋېلىنغان بىر قىسىم ساپال بۇيۇملار.

بۇ فۇجيەن مىڭشى ناھىيەسىدىكى نەنسەن خارابىسىنىڭ قېزىلغان نەق مەيدان كۆرۈنۈشى.

بۇ فۇجيەن مىڭشى ناھىيەسىدىكى نەنسەن خارابىسىنىڭ  پۈتۈن كۆرۈنۈشى.

بۇ خۇبېي جىڭشەن ناھىيەسىدىكى سۇ جيالۇڭ جۇ سۇلالىسى خارابىسىنىڭ كۆرۈنۈشى.

بۇ خۇبېي جىڭشەن ناھىيەسىدىكى سۇ جيالۇڭ جۇ سۇلالىسى خارابىسىدىن قېزىۋېلىنغان برونزا قوراللار.

بۇ خېبېي ئۆلكىسى شىڭتاڭ ناھىيەسىنىڭ جەنۇبىي كۆۋرۈك بازىرىدىكى شەرقىي جۇ سۇلالىسى خارابىسى

بۇ 2017-يىلى 12-ئىيۇن خېبېي ئۆلكىسى شىڭتاڭ ناھىيەسىنىڭ جەنۇبىي كۆۋرۈك بازىرىدىكى شەرقىي جۇ سۇلالىسى خارابىسىنىڭ قېزىلغان نەق مەيدان كۆرۈنۈشى.

بۇ جىلىن ئەنتۇ ناھىيەسىدىكى باۋما شەھەرچىسى جىن سۇلالىسى خارابىسىدىن قېزىۋېلىنغان قاشتېشى تەزىيەنامىنىڭ قالدۇقى.

بۇ جىلىن ئەنتۇ ناھىيەسىدىكى باۋما شەھەرچىسى جىن سۇلالىسى خارابىسىنىڭ كۆرۈنۈشى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى