تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ خەلقئارالىق يول تىرانسپورت لىنىيەسى ئومۇمىي سانى جەھەتتە مەملىكەت بويىچە ئالدىنقى قاتاردا تۇردى 

 خەلقئارالىق يول-ترانسپورت تورى دەسلەپكى قەدەمدە شەكىللەندى

  ئاپتونوم رايونىمىزدىكى خەلقئارالىق يول-تىرانسپورت لىنىيەسىنىڭ ئومۇمىي سانى مەملىكەتنىڭ ئالدىنقى قاتارىدا تۇرىدۇ

 جۇڭگو ئاخبارات تورى، ئۈرۈمچى، 15-يانۋار خەۋىرى: مۇخبىرنىڭ 15-يانۋار ئېچىلغان 2018-يىللىق قاتناش ــ تىرانسىپورت خىزمەت يىغىنىدىن ئىگىلىشىچە، 2017-يىلى ئاپتونوم رايوننىڭ غەربكە ئېچىۋېتىش ئىستىراتېگىيەسىدە كۆرۈنەرلىك نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلگەن، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ خەلقئارا تىرانسىپورت لىنىيەسىنىڭ ئومۇمىي سانى 111 غا يېتىپ، مەملىكەت بويىچە ئالدىنقى قاتارغا ئۆتكەن.

 ئاپتونوم رايونىمىز ئەتراپتىكى سەككىز دۆلەت بىلەن چېگرىلىنىدىغان بولۇپ، چېگرا لىنىيەسى 5700 كىلومېتىردىن ئاشىدۇ، مەملىكەت بويىچە قوشنا دۆلىتى ئەڭ كۆپ، چېگرا سىزىقى ئەڭ ئۇزۇن رايون ھېسابلىنىدۇ. ئاپتونوم رايونىمىزغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، خەلقئارا يول تىرانسىپورتىنى زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇرۇش، ئاپتونوم رايون ئىقتىسادىي جەمئىيەت تەرەققىياتى ۋە چەت ئەل بىلەن سودا ئالاقە قىلىدىغان يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايون قۇرۇلۇشىنىڭ ئېھتىياجى ھېسابلىنىدۇ.

  ھازىر دۆلىتىمىز قازاقىستان، قىرغىزىستان، پاكىستان، موڭغۇلىيە، تاجىكىستان بىلەن ئىككى تەرەپ خەلقئارا يول-تىرانسپورت كېلىشىمىنى ئىمزالىغان، جۇڭگو-پاكىستان-قازاقىستان-قىرغىزىستان، جۇڭگو-قازاقىستان-رۇسىيە، جۇڭگو- تۈركىيە، جۇڭگو-قىرغىزىستان قاتارلىق كۆپلىگەن چېگرىلىنىدىغان دۆلەتلەر بىلەن يول تىرانسپورت كېلىشىمى، بىتىمىنى ئىمزالىغان. ھازىر جۇڭگو-قىرغىزىستان-ئۆزبېكىستان ۋە جۇڭگو-قازاقىستان-رۇسىيە خەلقئارا يول ئەشيا ئوبوروت لىنىيەسى ئېچىلىپ، ئوتتۇرا ئاسىيا، غەربىي ئاسىياغا قاتنايدىغان خەلقئارا يول تىرانسىپورت ئەندىزىسى دەسلەپكى قەدەمدە شەكىللەنگەن.

 بۈگۈنكى كۈندە ئۈرۈمچىنى مەركەز قىلغان، ئەتراپتىكى دۆلەتلەرگە چىقىشتىكى كۆپ قاتلاملىق، كۆپ تەرەپلىمىلىك خەلقئارا تىرانسىپورت تورى دەسلەپكى قەدەمدە شەكىللىنىپ، شىنجاڭ خەلقئارا يول تىرانسپورتى مەملىكتىمىز ۋە ئەتراپتىكى دۆلەتلەر بىلەن ئىككى تەرەپلىك مۇناسىۋەت ئورنىتىلغان ۋە دوستلۇق مۇناسىۋەتنى ئىلگىرى سۈرىدىغان مۇھىم كۆۋرۈك بولۇپ قالغان.

 «13-بەش يىل» لىق پىلان مەزگىلىدە، ئاپتونوم رايونلۇق قاتناش-تىرانسىپورت نازارىتى ئالاقىدار تارماقلار بىلەن ئاكتىپ ماسلىشىپ، «خەلقئارا يول-تىرانسپورت ئەھدىنامىسى TIR» سىناق خىزمىتىنى باشلىغان. تەتقىقاتتا خەلقئارا يول تىرانسىپورت ئاپتوموبىللىرىنى تەكشۈرۈش تەرتىپكە سېلىپ، ئاپتوموبىللارنىڭ ئىلتىماس قىلىش رەسمىيەتلىرىنى ئورتاق بەھرىلىنىدىغان لايىھە قاتارىغا كىرگۈزۈپ، خەلقئارا يول تىرانسىپورتنى نازارەت قىلىش ۋە مۇلازىمەت ئۇچۇر سىستېمىسىنى ياخشىلاپ، خەلقئارا يول تىرانسىپورتىنىڭ ئۆز ئارا تۇتىشىشچانلىقىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش كېرەكلىكى ئوتتۇرىغا قويۇلغان.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى