تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

«كۆپچىلىكنى گۈزەل تۇرمۇشنى بىرلىكتە كۈتۈۋېلىشقا يېتەكلەيمەن»

         ئۆز خەۋىرىمىز : «ئۇيغۇر قېرىنداشلار، كۆزىمىزنى يوغان ئاچايلى! بىز ھەر مىللەت قېرىنداش ئاچا - سىڭىللار، ئاكا - ئۇكىلار بىلەن مۈرىنى - مۈرىگە تىرەپ، ئىتتىپاقلىشىپ، جاسارىتىمىز ۋە دادىللىقىمىز بىلەن باشقىلارنىڭ چۈشىنىشى ۋە ھۆرمىتىنى قولغا كەلتۈرەيلى، تۆھپىمىز ئارقىلىق غۇرۇرىمىزنى قايتا تىكلەيلى، سەمىمىيىتىمىز ئارقىلىق گۈزەل كەلگۈسىنى يارىتايلى!»

ئوبۇلقاسىم مەتتۇرسۇن ئاممىغا پارتىيە 19-قۇرۇلتىيى روھىنى يەتكۈزمەكتە.

      2017-يىلى باھاردا، «ئۇيغۇر قېرىنداشلارغا خىتاب» ساداسى تىيانشاننىڭ جەنۇب-شىمالىدا ياڭرىدى. بۇ خەتنىڭ ئاپتورى ئاقسۇ ۋىلايىتى ئاۋات ناھىيەلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ھاكىم ئوبۇلقاسىم مەتتۇرسۇن بولۇپ، 5-نۆۋەتلىك ئاپتونوم رايونلۇق ئەخلاق نەمۇنىچىلىرىنى باھالاشتا « ئىتتىپاقلىق-دوستلۇق نەمۇنىچىسى» شەرىپىگە ئېرىشتى.

     «ئۇيغۇر قېرىنداشلارغا خىتاب» نى يېزىشتىكى ئىلھام

      ئوبۇلقاسىم مەتتۇرسۇن «ئۇيغۇر قېرىنداشلارغا خىتاب» نى يېزىشتىن بۇرۇن خوتەن ۋىلايىتى كېرىيە ناھىيەسى جاي يېزىلىق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، يېزا باشلىقى ئىدى. ئەينى ۋاقىتتا، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم ئاپتونوم رايوننىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا تېررورلۇققا قارشى، مۇقىملىقنى قوغداش قەسەمياد يىغىنلىرىنى ئاچتى. بۇنىڭدىن قاتتىق ئىلھام ئالغان ئوبۇلقاسىم مەتتۇرسۇن ئاساسىي قاتلام پارتىيەلىك كادىر بولۇش سۈپىتى بىلەن باش نىشاننى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن بىر كىشىلىك تۆھپە قوشۇشنى ئويلىدى.

     شۇنىڭ بىلەن، ئوبۇلقاسىم مەتتۇرسۇن ئۈچ كۈن ۋاقىت سەرپ قىلىپ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى، ئۇلۇغ ۋەتەنگە بولغان مىننەتدارلىق ساداسى، ۋەتەنگە، خەلققە بولغان ساداقەتمەنلىك ساداسى ۋە « ئۈچ خىل كۈچ» كە قارشى قەتئىي كۈرەش قىلىش ئىرادىسى ئىپادىلەنگەن «ئۇيغۇر قېرىنداشلارغا خىتاب» نى يېزىپ چىقتى ھەمدە بۇنى ئۈندىدار ئارقىلىق تارقاتتى. ھەش-پەش دېگۈچە پۈتۈن شىنجاڭدىكى تورداشلارنىڭ دوستلار چەمبىرىكىدە «خىتاب» ساداسى ياڭرىدى. ھەرقايسى تاراتقۇلار بۇ «خىتاب» نى تارقاتتى.

ئوبۇلقاسىم مەتتۇرسۇن مەكتەپلەردە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى لېكسىيەسى سۆزلىمەكتە.

     «خىتاب»تىن ئىلھام ئالغان ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىسى بەس-بەستە : «ئوبۇلقاسىم مەتتۇرسۇن يۈرەك سۆزىمىزنى ئېيتتى.» دېيىشتى. رايونىمىزنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ھەر مىللەت كادىر، ئامما كۆكرەك كېرىپ ئوتتۇرىغا چىقىپ، ۋەتەننىڭ بىرلىكى ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قوغداش ئىرادىسىنى بىلدۈرۈپ، «ئۈچ خىل كۈچ» نىڭ ئەپتى-بەشرىسىنى ئېچىپ تاشلاش ۋە ئۇلار بىلەن ئاداققىچە كۈرەش قىلىش قەسىمىنى بەردى. ئوبۇلقاسىم مەتتۇرسۇن داۋاملىق تۈردە باش تېما نۇتۇقى سۆزلەپ، يۇرتداشلارنى پارتىيەگە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈش، پارتىيەنىڭ گېپىنى ئاڭلاش، پارتىيەگە ئەگىشىپ مېڭىش، «ئۈچ خىل كۈچ» بىلەن چەك-چېگرىنى ئايرىش ۋە ئاداققىچە كۈرەش قىلىشقا چاقىرىق قىلدى.

     كۆپچىلىكنىڭ قوللىغانلىقىدىن ئوبۇلقاسىم مەتتۇرسۇن ناھايىتى خۇشال بولدى، ئۆزىنىڭ توغرا قىلغانلىقىنى چوڭقۇر ھېس قىلدى.

     سەبىي قەلبدە بىخلانغان  «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ئۇرۇقى»

     ئوبۇلقاسىم مەتتۇرسۇننى ئوبدان تونۇيدىغان كىشىلەر ئۇنىڭ قىلغان بۇ ئىشلىرىدىن قىلچە ئەجەپلىنىپ كەتمەيدۇ.

     ئوبۇلقاسىم مەتتۇرسۇن  1976-يىلى، كېرىيە ناھىيەسىدە تۇغۇلغان. بۇ مەملىكەتلىك ئەمگەك نەمۇنىچىسى قۇربان تۇلۇمنىڭ يۇرتى، بۇ يۇرتتا مىللەتلەر ئىتتىپاقلىق ناخشىلىرى ھەرۋاقىت ياڭراپ تۇرىدۇ.

     ئۇ كىچىكىدىنلا ئانىسىدىن قۇربان تۇلۇمنىڭ ئېشەككە مېنىڭ بېيجىڭغا بارغانلىقىدەك ھېكايىنى ئاڭلاپ چوڭ بولغانىدى. ئۆيدىكى باشقا چوڭلارمۇ ئۇنىڭغا كونا جەمئىيەتتىكى بەختسىزلىكلەر ۋە يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغاندىن بۇيانقى يۇرتىدىكى ئۆزگىرىشلەر توغرىسىدا سۆزلەپ بېرەتتى ... «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ئۇرۇقى» ئۇنىڭ سەبىي قەلبىدىلا بىخلانغانىدى.

ئوبۇلقاسىم مەتتۇرسۇن ئېتىز بېشىدا ئاممىغا پارتىيە 19-قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى يەتكۈزمەكتە.

     1995-يىلى مايدا، ئالىي مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان ئوبۇلقاسىم مەتتۇرسۇن جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ ئەزاسى بولدى. 1997-يىل سېنتەبىردە ئوقۇش پۈتكۈزۈپ، يۇرتى كېرىيە ناھىيەسىنىڭ توغراغاز يېزىسىدا خىزمەت قىلىشنى تاللىدى. بۇ يەردە تۇرغان ئون يىلدىن ئارتۇق ۋاقىتتا، ئۇ ئىزچىل تۈردە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى خىزمىتىنى مۇھىم ئورۇنغا قويدى. ئۇ ھەركۈنى ئېتىز-قىرلارغىچە بېرىپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ يۈرەك ساداسىنى ۋە ئېھتىياجى توغرىسىدا ئېيتقانلىرىنى كۆڭۈل قويۇپ ئاڭلايتتى.

     جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ باشقا يېزا-بازارلىرىغا ئوخشاش، توغراغاز يېزىسىدىمۇ قۇرغاقچىلىق بولۇپ، سۇ كەمچىل ئىدى. سۇ قىس بولغانلىقتىن، سۇغۇرۇش مەزگىلىدە دېھقانلار ئارىسىدا ئۇرۇش-جېدەللەر بولۇپ قالاتتى. بىرەر ئىش بولسىلا دېھقانلار ئەڭ ئاۋۋال ئوبۇلقاسىم مەتتۇرسۇننى ئېسىگە ئالاتتى، ئۇمۇ ھەمىشە ئۆز ۋاقتىدا ئىشلارنى ئادىل بىر تەرەپ قىلاتتى، مەسئۇلىيەتتىن باش تارتمايتتى، يان باسمايتتى. كۆپچىلىكنىڭ ھەممىسى ئۇنىڭغا قايىل بولاتتى.

     2008-يىلى، توغراغاز يېزىسىنىڭ 20 مىڭ مو كۆلەمدىكى چىلانلىق يېرى ئېغىر سۇ كەمچىل بولۇش قىيىنچىلىقىغا دۇچ كەلدى. ئەسلىدە بار بولغان سۇ بىلەن پەقەت 10 مىڭ مو يەرنىلا سۇغارغىلى بولاتتى. ئۇ پۈتۈن يېزىدىكى دېھقان-چارۋىچىلارنى سەپەرۋەر قىلىپ، ھەممەيلەن بىرلىكتە ئۆيلىرىدىكى چېلەك، چۆگۈنلەرنى كۆتۈرۈپ چىقىپ، قالغان 10 مىڭ مو يەرنىمۇ سۇغۇردى.

     شەرەپتىن ئىلھام ئېلىپ باش بولۇپ ماڭىمەن

     «ئۇيغۇر قېرىنداشلارغا خىتاب» بىلەن ئوبۇلقاسىم مەتتۇرسۇننى ھەممە جايغا، ھەممە ئادەمگە تونۇتتى. ئۇ داۋاملىق تۈردە ئەمەلىي ھەرىكىتى بىلەن مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قوغدىدى.

ئوبۇلقاسىم مەتتۇرسۇن ئاممىغا پارتىيەنىڭ ئېتىبار سىياسەتلىرىنى يەتكۈزمەكتە.

  2017-يىل ئۆكتەبىردە، ئوبۇلقاسىم مەتتۇرسۇن پارتىيە 19-قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىلى سۈپىتىدە بېيجىڭغا بېرىپ پارتىيە 19-قۇرۇلتىيىغا قاتناشتى. 18-ئۆكتەبىر، ۋەكىللەر ئىچىدىن تاللاپ چىقىلغان 19 ۋەكىلنىڭ بىرى بولۇش سۈپىتى بىلەن  «ۋەكىللەر  يولى» دا تۇنجى مەيدان زىيارەت پائالىيىتىگە قاتنىشىپ، دۆلەت ئىچى-سىرتىدىن كەلگەن نەچچە يۈز مۇخبىرنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلدى. مۇخبىرلارنىڭ سورىغان سوئالىغا جاۋاب بەردى.

   ئوبۇلقاسىم مەتتۇرسۇن بۇ قىممەتلىك دەقىقىلەرنى چىڭ تۇتۇپ، دۆلەت ئىچى-سىرتىدىن كەلگەن مۇخبىرلارغا باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ قۇربان تۇلۇمنىڭ ئەۋلادلىرىغا ئىلھام بېرىش ئۈچۈن يازغان خېتىدىكى سۆزلەرنى ئېيتىپ بەردى ھەمدە شىنجاڭلىقلارغا ۋاكالىتەن شىنجاڭدىكى ھەرمىللەت خەلقىنىڭ ئىتتىپاقلىشىپ، مەڭگۈ پارتىيەنىڭ گېپىنى ئاڭلاپ، پارتىيەگە ئەگىشىپ ماڭىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. يۇرتىغا قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، ئۇ يېزا-كەنتلەرگە، ئاھالىلەر كومىتېتلىرىغا، مەكتەپلەرگە بېرىپ كەڭ پارتىيە ئەزالىرىغا، ئاممىغا پارتىيە 19-قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى يەتكۈزدى، ئەڭ ئاددىي، ئاممىباپ، چۈشىنىشلىك تىللار بىلەن ئۆزىنىڭ يىغىندا ھېس قىلغانلىرىنى يۇرتداشلارغا بايان قىلدى.

    ئۇ ئاۋات ناھىيەسىگە كېلىپ ئىشقا چۈشكەندىن بۇيان، يەرلىكنىڭ ئىقتىسادىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش بىلەن بىرگە، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى خىزمىتىنى چىڭ تۇتۇپ ئىشلىدى.

   2017-يىلنىڭ كېيىنكى يېرىمىدە، ئاۋات ناھىيەسى ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ 450 دىن ئارتۇق ئېشىنچا ئەمگەكچىنى ئەنخۇي ئۆلكىسىنىڭ خېفىي شەھىرىگە ئىشلەشكە ئەۋەتتى. 9-يانۋار، بۇ ئىشچىلار ئارىسىدىكى تۇغقان يوقلاشقا كەلگەن بىر نەچچەيلەن، خېفىيدىكى ئاۋاتلىق ئىشچىلارغا ۋاكالىتەن ناھىيەلىك پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتىگە لەۋھە تەقدىم قىلىپ ئۆزلىرىنىڭ مىننەتدارلىقىنى ئىپادىلىدى.

ئوبۇلقاسىم مەتتۇرسۇن كارخانىلاردا پارتىيە 19-قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى يەتكۈزمەكتە.

     ئوبۇلقاسىم مەتتۇرسۇن بۇ ياشلارنى ۋەتەننىڭ بىرلىكى ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قوغداش، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى كۆز قارچۇقىنى ئاسرىغاندەك ئاسراش، ھاياتىنى قەدىرلىگەندەك قەدىرلەشكە ئىلھاملاندۇردى.

     ئاپتونوم رايونلۇق ئەخلاق نەمۇنىچىسى مۇكاپات لوڭقىسىنى قولىغا ئالغان ئوبۇلقاسىم مەتتۇرسۇن مۇنداق دەپ بىلدۈردى: بۇنىڭدىن كېيىن، بۇ شەرەپتىن ئىلھام ئېلىپ، پارتىيە ۋە خەلققە تېخىمۇ سادىق بولۇپ، باش بولۇپ مېڭىپ، ۋەتەننىڭ بىرلىكى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قوغداپ، شىنجاڭ خىزمىتىدىكى باش نىشان ئۈچۈن يېڭى تۆھپىلەرنى قوشىمەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى