شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 1 – ئاينىڭ 16 – كۈنى تېلېگراممىسى. ‹‹رەئىس شى جىنپىڭنىڭ يېڭى يىللىق تەبرىك سۆزى(2014 – 2018)›› ناملىق كىتابنى خەلق نەشرىياتى نەشر قىلدى، بۈگۈندىن باشلاپ مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى شىنخۇا كىتابخانىلىرىدا تارقىتىلدى.
بۇ كىتابقا دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ 2014 – يىلىدىن 2018 – يىلىغىچە ئېلان قىلغان يېڭى يىللىق تەبرىك سۆزىدىن جەمئىي بەش پارچە كىرگۈزۈلگەن. ئالاقىدار مەزمۇنلارنى جانلىق ئەكس ئەتتۈرۈش ئۈچۈن، بۇ كىتابقا سىن كىتاب ئىشلەش ئۇسۇلى قوللىنىلىپ، بەش قېتىملىق يېڭى يىللىق تەبرىك سۆزىنىڭ سىن كۆرۈنۈشى ئىككىلىك كود نومۇرى ئارقىلىق كىتابقا كىرگۈزۈلگەن، ئوقۇرمەنلەر يېزىقنى ئوقۇش بىلەن بىللە، يەنە يان تېلېفون ئارقىلىق ئىككىلىك كودنى سىكاننېرلاپ ۋىدىيو مەزمۇنىنى كۆرەلەيدۇ.