يۈزنى يۇيۇش
يۈز چاپلىقى ئىشلىتىشتىن بۇرۇن، يۈزنى پاكىز يۇيۇپ ئاندىن چاپلاش كېرەك، بولمىسا يۈزدىكى مەينەت قالدۇقلار يۈز چاپلىقىنىڭ جەۋھىرى بىلەن تەر تۆشۈكچىلىرىگە سىڭىپ، يۈزدە دانىخورەك پەيدا قىلىدۇ. شۇڭا، يۈز چاپلاق ئىشلىتىشنىڭ توغرا ئۇسۇلى بولسا بىرىنچى قەدەمدە يۈزنى پاكىز يۇيۇشتۇر.
يۈزگە ئىسسىق ئۆتكۈزۈش
كۆپلىگەن خانىم-قىزلار بۇ باسقۇچنى ئۇنتۇپ قالىدۇ، يۈز چاپلىقىنى تېرىگە بىۋاسىتە چاپلىغاندىن يۈزگە ئاۋۋال ئىسسىق ئۆتكۈزۈپ، ئاندىن چاپلىغاندا ئۈنۈمى زور بولىدۇ.
يۈز جەۋھىرى سۈرۈش
يۈز چاپلىقى ئىشلىتىشتىن بۇرۇن، يۈزگە يۈز جەۋھىرى سۈرۈپ، ئاندىن چاپلىغاندا ئوزۇقلۇقنىڭ سۈمۈرۈلۈشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، تېرىنى ياخشىلايدۇ. ( ئاقارتىش يۈز چاپلىقىنى ئىشلىتىشتىن ئىلگىرى نەملىك ساقلاش جەۋھىرىنى سۈركىگەندە، يۈزگە سۇ تولۇقلاپ، ئاقارتىش ئۈنۈمىگە يەتكىلى بولىدۇ)
يۈز چاپلىقى چاپلاش
نۇرغۇن خانىم-قىزلار يۈز چاپلىقى چاپلىغاندا تەكشى چاپلىيالمايدۇ، توغرا بولغان چاپلاش ئۇسۇلىنى قوللانغاندا يۈز چاپلىقىنى چاپلاش ئەمەلىيەتتە بەك ئاددىيلىشىدۇ.
يۈز چاپلىقىنى ئېلىش
يۈز چاپلىقىنى ئالغاندا توغرا ئۇسۇل بىلەن ئېلىش كېرەك، مەسىلەن يۈزنىڭ تۆۋەن قىسمىدىن ئۈستىگە قاراپ ئېلىش كېرەك، ئەگەر خاتا ئۇسۇل ئۇزۇن مەزگىل داۋاملاشسا تېرە بوشىشىپ، ساڭگىلاش ئەھۋالى كېلىپ چىقىدۇ.
نەملىك ساقلاش جەۋھىرى سۈرۈش
يۈز چاپلىقى چاپلاپ بولغاندىن كېيىن، نەملىك ساقلاش جەۋھىرىنى سۈرۈپ بەرسىڭىز تېرىگە سۇ تولۇقلاپ، تېرىنىڭ نەملىكىنى ئاشۇرىدۇ.