تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مۇھىم خەۋەر

شى جىنپىڭ كېلىشكىنى بويىچە ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ترامپ بىلەن تېلېفونلاشتى

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 1 – ئاينىڭ 16 – كۈنى تېلېگراممىسى. دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 1 – ئاينىڭ 16 – كۈنى كېلىشكىنى بويىچە ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ترامپ بىلەن تېلېفونلاشتى.

  شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: ئۆتكەن بىر يىلدا، جۇڭگو – ئامېرىكا مۇناسىۋىتى ئومۇمىي جەھەتتىن مۇقىم بولدى ھەم مۇھىم ئىلگىرىلەشلەر قولغا كەلتۈرۈلدى. جۇڭگو – ئامېرىكا مۇناسىۋىتىنىڭ ساغلام، مۇقىم تەرەققىياتىنى ساقلاش ئىككى دۆلەت ۋە ئىككى دۆلەت خەلقلىرىنىڭ مەنپەئىتىگە ئۇيغۇن، شۇنداقلا خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئورتاق ئارزۇسى. ئىككى تەرەپ يۇقىرى قاتلامدىكىلەر ۋە ھەر دەرىجىلىكلەر ئالاقىسىنى ساقلاپ، تۆت يۇقىرى دەرىجىلىكلەر سۆھبىتى مېخانىزمىنىڭ رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇشى ھەم مۇۋاپىق پەيتتە ئىككىنچى نۆۋەتلىك سۆھبەتنى ئۆتكۈزۈشى كېرەك. جۇڭگو – ئامېرىكىنىڭ ئىقتىساد – سودا ھەمكارلىقى ئىككى دۆلەت خەلقلىرىگە كۆپلەپ ئەمەلىي نەپ يەتكۈزىدۇ. ئىككى تەرەپ ئىجابىي ئۇسۇلدىن پايدىلىنىپ، ئۆزئارا بازارنى ئېچىۋېتىش، ھەمكارلىق نەتىجىسىنى كېڭەيتىش ئارقىلىق ئىككى تەرەپ كۆڭۈل بۆلىدىغان ئىقتىساد – سودا مەسىلىلىرىنى مۇۋاپىق ھەل قىلىشى كېرەك. ئىككى تەرەپ ئارمىيە، قانۇن ئىجراسى، زەھەر چەكلەش، ئادىمىيەت، يەرلىك قاتارلىق جەھەتلەردىكى ھەمكارلىقنى پائال ئىلگىرى سۈرۈشى، زور خەلقئارا ۋە رايون مەسىلىلىرىدە قويۇق ئالاقە ۋە ماسلىشىشنى ساقلىشى كېرەك. ئىككى تەرەپ تەڭ ئىلگىرىلەپ، ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىپ، دىققەتنى ھەمكارلىققا قارىتىپ، سەزگۈر مەسىلىلەرنى ئىجابىي ئۇسۇل ئارقىلىق بىر تەرەپ قىلىپ، بىر – بىرىنىڭ يادرولۇق مەنپەئىتى ۋە كۆڭۈل بۆلىدىغان مۇھىم مەسىلىلەرگە ھۆرمەت قىلىپ، جۇڭگو – ئامېرىكا مۇناسىۋىتىنىڭ ساغلام، مۇقىم تەرەققىي قىلىش ۋەزىيىتىنى قوغدىشى كېرەك.

  ترامپ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئامېرىكا جۇڭگو بىلەن بولغان مۇناسىۋەتكە ۋە ئامېرىكا – جۇڭگو ھەمكارلىقىغا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىدۇ، جۇڭگو بىلەن بىرلىكتە يۇقىرى قاتلامدىكىلەر ھەم ھەر دەرىجىلىكلەر ئالاقىسىنى كۈچەيتىپ، ئەمەلىي ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى كېڭەيتىپ، ئىككى دۆلەتنىڭ ئىقتىساد – سودىسىدىكى مەسىلىلەرنى ياخشى بىر تەرەپ قىلىپ، ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتىنىڭ تېخىمۇ زور تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشنى خالايدۇ.

  شى جىنپىڭ تەكلىپكە بىنائەن چاۋشيەن يېرىم ئارىلىنىڭ ھازىرقى ۋەزىيىتى توغرىسىدا كۆز قارىشىنى چۈشەندۈرۈپ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: چاۋشيەن يېرىم ئارىلى ۋەزىيىتىدە بەزى پايدىلىق ئۆزگىرىشلەر پەيدا بولدى. تەرەپلەر تەستە قولغا كەلگەن پەسىيىش يۈزلىنىشىنى داۋاملاشتۇرۇشقا ئورتاق تىرىشىپ، سۆھبەتنى قايتا باشلاشقا شارائىت يارىتىشى كېرەك. چاۋشيەن يېرىم ئارىلىنى يادروسىزلاشتۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، چاۋشيەن يېرىم ئارىلىنىڭ تىنچلىقى، مۇقىملىقىنى قوغداش تەرەپلەرنىڭ ئورتاق مەنپەئىتىگە ئۇيغۇن، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ بۇ مەسىلىدە ئىتتىپاقلىقنى قوغدىشى ئىنتايىن مۇھىم. جۇڭگو ئامېرىكىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان خەلقئارا جەمئىيەت بىلەن بىرلىكتە زىچ ئالاقىلىشىپ، ئۆزئارا ئىشىنىپ، ئۆزئارا ھۆرمەتلەپ، ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، چاۋشيەن يېرىم ئارىلى مەسىلىسىنىڭ مۇۋاپىق ھەل قىلىنىش يۆنىلىشىگە قاراپ ئۈزلۈكسىز ئىلگىرىلىشىگە تۈرتكە بولۇشنى خالايدۇ.

  ترامپ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئامېرىكا جۇڭگونىڭ چاۋشيەن يېرىم ئارىلى مەسىلىسىدىكى مۇھىم رولىغا ئەھمىيەت بېرىدۇ، جۇڭگو بىلەن بولغان ئالاقە، ماسلىشىشنى داۋاملىق كۈچەيتىشنى خالايدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى