14-يانۋار كومسۇمۇل بازىرىنىڭ يۇقارقى جام كەنتىدە ئۆتكۈزۈلگەن قوشقار سوقۇشتۇرۇش مۇسابىقىسىدىن كۆرۈنۈش.
ئىختىيارى مۇخبىرىمىز مۇتەللىپ ئابدۇراھمان خەۋىرى، فوتوسى: ئونسۇ ناھىيە كومسۇمۇل بازىرىنىڭ ھەرقايسى كەنتلىرىدە تۇرۇشلۇق «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتىدىكى كادىرلار يېقىنقى كۈنلەردە كەنتتىكى ھەر مىللەت ئاممىنى تەشكىللەپ ئارقان تارتىشىش، قوچقار، توخو سوقۇشتۇرۇش، ئىت تالاشتۇرۇش قاتارلىق مول مەزمۇنلۇق كۆڭۈل ئېچىش پائاليەتلىرىنى ئۇيۇشتۇرۇپ، ئاھالىلەرنىڭ مەنىۋى تۇرمۇشىنى بېيىتتى.