جۇڭگو ئاخبارات تورى خەۋىرى: مۇخبىرنىڭ 16-يانۋار قورغاس شەھەرلىك ساياھەت ئىدارىسىدىن ئىگىلىشىچە، 2017-يىلى قورغاس شەھىرى دۆلەت ئىچى-سىرتىدىن كەلگەن 3 مىليون 825مىڭ 400 ساياھەتچىنى كۈتۈۋالغان، ساياھەتچىلىكتىن قىلغان ئۇنىۋېرسال كىرىم 7 مىليارد 554 مىليون يۈەنگە يېتىپ، 2016 - يىلىنىڭ ئوخشاش مەزگىلىدىكىدىن %30 ۋە %63.3 ئاشقان.
2017-يىلى، قورغاس شەھىرى ساياھەتچىلىك ئاساسىي ئەسلىھەلىرىنى تولۇق سەپلەپ، جۇڭگو-قازاقىستان قورغاس خەلقئارالىق چېگرا ھەمكارلىق مەركىزىدەك ئەۋزەللىكلەردىن پايدىلىنىپ، چېگرا ئاتلىغان ساياھەت، باجسىز مال سېتىۋېلىش، جۇڭگو-ئاسىيا مەدەنىيىتى، دەم ئېلىش، كۆڭۈل ئېچىش باش تېما قىلىنغان ئۆزگىچە چېگرا ساياھىتى ۋە باجسىز مال سېتىۋېلىش ساياھىتىنى زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇرۇپ، قەدەممۇ-قەدەم ئىلگىرىلىگەن ھالدا كۆلەملەشكەن، كەسىپلەشكەن، ماركىلاشقان، كۆپ خىللاشقان ساياھەتچىلىك كەسپىنى بارلىققا كەلتۈردى. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، ۋەتەنپەرۋەرلىك تەربىيەسى بازىسىنىڭ رولىدىن تولۇق پايدىلىنىپ، قىزىل ساياھەتچىلىكنى ئوتتۇرىغا چىقاردى ھەمدە جۇڭگو-قازاقىستان قورغاس خەلقئارالىق مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش مەركىزىگە تايىنىپ، پۈتۈن كۈچ بىلەن مەدەنىيەتلىك ساياھەت شەھىرىنى قۇرۇپ چىقتى.
قورغاس شەھەرلىك ساياھەت ئىدارىسىدىن ئىگىلىنىشىچە، بۇ يىل قورغاس شەھىرى پۈتۈن رايون بويىچە ساياھەتچىلىكنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنى باش لىنىيە قىلىپ، جۇڭگو-قازاقىستان خەلقئارالىق ساياھەت رايونىنى دۆلەتلىك 5A دەرىجىلىك سەيلىگاھى قىلىش ۋە چېگرا ساياھىتى سىناق رايونى قۇرۇش خىزمىتىنى ئىلگىرى سۈرىدىكەن، ئۈزلۈكسىز تۈردە زور كۈچ بىلەن ئاساسىي ئەسلىھەلەر قۇرۇلۇشى ۋە ئاممىۋىي مۇلازىمەت ئەسلىھەلىرىنى ياخشىلاپ، تاشقى تەشۋىقات ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىپ، قورغاسنىڭ ساياھەتچىلىك كەسپىنىڭ تەرەققىياتىنى يەنىمۇ ئالغا سىلجىتىدىكەن.