تەڭرىتاغ تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مىللەتلەر ئىتىپاقلىق

قول تۇتۇشۇپ ئورتاق بېيىغان «ئاكا-ئۇكا» لار

شىڭ يەنشيۇڭ ياسىن سادىرغا چىلان كۆچەتلىرىنى قىشلىق پۇتاش تېخنىكىسىنى  ئۆگەتمەكتە.

  ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز تۇرسۇن راخمان

    پوسكام ناھىيەسىنىڭ كۇيباغ يېزىسىدىكى ياسىن سادىر بىلەن شىڭ يەنشىيۇڭنىڭ ئىتتىپاقلىشىپ قول تۇتۇشۇپ ئورتاق بېيىغان «ئاكا-ئۇكا» لار ئىكەنلىكىنى يېزا تەۋەسىدە بىلمەيدىغانلار يوق. ئۇلار يېقىنقى بىرقانچە يىلدا ئىجىل- ئىناق ئۆتۈپ، جاپاغا چىداپ ئىشلەپ، قىيىن ئۆتكەللەردىن بىللە ئۆتكەن بېيىش ماھىرلىرىدۇر. ياسىن سادىر بىلەن شىڭ يەنشيۇڭ 2008-يىلى يېزا تەۋەسىدىكى پوسكام يېڭى سانائەت رايونىغا ماكانلاشقان «قىزىل يۇلتۇز» چىلان پىششىقلاپ ئىشلەش ھەمكارلىق كوپراتىپىدا تونۇشقان ۋە ئۇزۇن ۋاقىت ئالاقە جەريانىدا بىر-بىرىگە ياردەم بېرىپ، بىر-بىرىنى قوللاپ، تۇغقاندارچىلىق مۇناسىۋىتى ئورناتقانىدى.

   2014-يىلى كۈزدە شىڭ يەنشىيۇڭ كوپىراتىپتىن ئىشتىن چۈشۈپ ئۆيىگە قايتىۋاتقاندا تاسادىپىي قاتناش ھادىسىسىگە ئۇچراپ يارىلاندى. بۇ ئىشتىن خەۋەر تاپقان ياسىن سادىر دەرھال نەق مەيدانغا يېتىپ بېرىپ، شىڭ يەنشيۇڭنى دوختۇرخانىغا ئاپىرىپ داۋالاتتى. شىڭ يەنشيۇڭ داۋالىنىۋاتقان مەزگىلدە ئۇنىڭ 11 مو يەردىكى چىلانلىقى، ئالتە مو يەردىكى ياڭاقلىقى، ئالتە مو يەردىكى ئالمىلىقىدىكى مېۋىلەرنىڭ تېخىچە يىغىۋېلىنمىغانلىقىنى بىلگەن ياسىن سادىر  ئۆيىدىكىلىرىنى تەشكىللەپ، شىڭ يەنشيۇڭنىڭ چىلان، ياڭاق، ئالما قاتارلىق مېۋىلىرىنى ۋاقتىدا يىغىشىپ بېرىپ، ئۇنى زور ئىقتىسادىي زىياندىن ساقلاپ قالدى. شىڭ يەنشيۇڭ ئىزچىل ياسىن سادىرغا دېھقانچىلىق، باغۋەنچىلىك  تېخنىكىلىرىنى ئۆگەتتى، ياسىن سادىرنىڭ تىرىشىشى شۇنداقلا تۇغقىنى شىڭ يەنشيۇڭنىڭ تېخنىكا جەھەتتىن ياردەم بېرىشى نەتىجىسىدە ئۇ 80 مو يەرگە چىلانلىق، 30 مو يەرگە ياڭاقلىق باغ بىنا قىلىپ، ھەر يىلى  150 مىڭ يۈەندىن 200 مىڭ يۈەنگىچە كىرىم قىلدى، مانا مۇشۇنداق ئۆز ئارا ھەمدەمدە بولۇپ تىرىشىشى نەتىجىسىدە بېيىپ، تۇغقاندارچىلىق رىشتى تېخىمۇ چوڭقۇرلاشتى.
  شىڭ يەنشيۇڭ بىلەن ياسىن سادىر ئۆزلىرىنىڭ بۈگۈنى ھەققىدە مۇنداق دېيىشتى:  مىللەتلەر ئىتىپاقلىقىنىڭ بىز ئىككى ئائىلىگە بولغان ياردىمى ناھايىتى زور بولدى. كۈنلىرىمىز بارغانسېرى ياخشىلىنىۋاتىدۇ. بىز بۇنىڭدىن كېيىن قول تۇتۇشۇپ تىرىشىپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىق گۈللىرىنى تېخىمۇ پورەكلەپ ئېچىلدۈرىمىز.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تەڭرىتاغ تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى