خەتەرلىك خىمىيەۋى بۇيۇملارنى بىر تەرەپ قىلىش مانېۋىرى نەق مەيدانىدىن كۆرۈنۈش
ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز نىياز راھمان خەۋىرى، فوتوسى: كۇچا ناھىيەلىك ج خ ئىدارىسى ئوت ئۆچۈرۈش چوڭ ئەترىتى 11-يانۋار چوڭ تىپتىكى خىمىيە سانائىتى كارخانىسىدا جىددىي قۇتقۇزۇش ۋە مۇداپىئەلىنىش مانېۋىرى ئۆتكۈزۈپ، كەڭ ئوفىتسېر-ئەسكەرلەرنىڭ خەتەرلىك خىمىيەۋى بۇيۇملارنى جىددى بىر تەرەپ قىلىش، قۇتقۇزۇش ۋە ئۆزىنى قوغداش ئىقتىدارىنى ئۆستۈردى .