تىيانشان تورى   ›   تۇرمۇش   ›   بالىلار ساغلاملىقى

سىنىك بەك كۆپ بولۇپ كەتسە بالىلارغا زىيانلىق

   نورمىدىن ئېشىپ كەتكەن سىنىكنىڭ بالىلارغا  بولغان زىيىنىنى كۆپ بولۇپ، نۇرغۇن ئاتا- ئانىلار بۇنى بىلمەيدۇ. بەزى ئاتا-ئانىلار سىنىك بالىلارنىڭ ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىشىگە پايدىلىق دەپ قارايدۇ،لېكىن بۇ بىر خىل خاتا كۆز قاراش.

   سىنك خاراكتېرنى قوزغاتقۇچى ماددا ھېسابلىنىدىغان بولۇپ، ئەگەر بالىلارغا قارىغۇلارچە سىنىك تولۇقلىغاندا، بالىلاردا جىنسىي يېتىلىش تېزلىشىپ، بويى پاكار بولۇپ قېلىش، پىسخىكىلىق توسالغۇغا ئۇچراش قاتارلىق ئالامەتلەر يۈز بېرىپ، بالىلارنىڭ كېيىنكى ئۆگىنىش ۋە تۇرمۇشىغا تەسىر ئېلىپ كېلىدۇ. نورمىدىن ئېشىپ كەتكەن سىنىك بالىلاردا ئەكس تەسىر ئېلىپ كېلىشى مۇمكىن، مەسىلەن، قۇسۇش، كۆڭلى ئېلشىش، باش ئاغرىشتىن كېلىپ چىققان ئىچى سۈرۈش، ماددا ئالمىشىش قالايمىقانلىشىش،بەدەندىكى ئورگانىزملارنى تورمۇزلاپ، باشقا ئېلېمېنتلارنىڭ سۈمۈرۈلۈشىگە تەسىر كۆرسىتىش قاتارلىق ئالامەتلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
   ھازىر جىنسىي ئىقتىدارى بالدۇر يېتىلىپ قالغان بالىلار كۆپ ساننى ئىگەللەيدۇ، ئاتا-ئانىلار بالىلارغا سىنىك تولۇقلاشتا، سىنىك تولۇقلايدىغان مەھسۇلاتلارنى قارىغۇلارچە ئىستىمال قىلدۇرماسلىق كېرەك، بولمىسا بالىلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىگە تەسىر كۆرسىتىدۇ، شۇڭا ئاتا-ئانىلار بالىلارغا سىنىك تولۇقلاشتا مىقدارىغا چوقۇم دىققەت قىلىشى كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى