چىرا ناھىيە تۆت تاغلىق يېزىدىكى ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرى 12- يانۋار ئۇلۇغساي يېزىسىدا پىلاكاتكا ئىمزا قويماقتا.
ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەخمەتجان مەتقۇربان خەۋىرى، فوتوسى: چىرا ناھىيەسى يېقىنقى كۈنلەردىن بۇيان پارتىيە 19-قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش ۋە ئىزچىللاشتۇرۇشنى زىچ چۆرىدەپ، ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، پارتىيەگە مۇتلەق سادىق بولۇش، «ئۈچ خىل كۈچ» ۋە «ئىككى يۈزلىمىچى» لەرگە قەتئىي زەربە بېرىش ئاساسىي تېمىسىدا ئىمزا قويۇش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈپ، ھەر مىللەت ئاممىنى «پارتىيەگە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈش، پارتىيەنىڭ گېپىنى ئاڭلاش، پارتىيەگە ئەگىشىپ مېڭىش» قا يېتەكلىدى.