تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   گۈزەل يۇرت -ماكانىمىزنى ياخشى قوغدايلى

‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››لەرگە قەتئىي يوشۇرۇنغۇدەك جاي قالدۇرمايمەن

  تۇرپان شەھەرلىك پارتكوم تەشكىلات بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى غاپپار نىياز

  پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە بىر قاتار ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىق تەدبىرلىرىنىڭ يولغا قويۇلۇشى بىلەن شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلق بەختلىك تۇرمۇشقا ئېرىشتى. پارتىيەمىز ئەزەلدىن ئاز سانلىق مىللەت كادىرلارنى تەربىيەلەش، ئۆستۈرۈشكە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ كەلدى، زور بىر تۈركۈم ئاز سانلىق مىللەت كادىرلار پارتىيەنىڭ تەربىيەلىشى، يېتىشتۈرۈشىدە ئۆسۈپ يېتىلىپ، پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىنىڭ ئىختىساسلىقلىرىغا ئايلاندى. خۇددى ئوبۇلقاسىم مەتتۇرسۇن ئېيتقاندەك، بىز پارتىيەنىڭ نۇرغۇن شەپقىتىگە ئېرىشتۇق.

  ياخشىلىقنى ئۇنتۇغانلىق ـــ ئەسلىنى ئۇنتۇغانلىق، ئەسلىنى ئۇنتۇغانلىق ـــ يامان يولغا ماڭغانلىق. قاتتىق زەربە بېرىش مەخسۇس كۈرىشىنىڭ چوڭقۇرلىشىشىغا ئەگىشىپ، كادىرلار قوشۇنىدىكى ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››لەر ئاشكارىلىنىشقا باشلىدى. بۇ ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››لەر پارتىيەنىڭ تەربىيەلەپ يېتىشتۈرگەن شەپقىتىگە، خەلقنىڭ مېھىر – مۇھەببىتى ۋە غەمخورلۇقىغا تۇزكورلۇق قىلىپ، بىر تەرەپتىن، دۆلەت بەرگەن مائاشنى ئېلىپ تۇرۇپ، خەلق بەرگەن ھوقۇقتىن پايدىلاندى، يەنە بىر تەرەپتىن، ‹‹ئۈچ خىل كۈچ›› بىلەن ئېغىز – بۇرۇن يالىشىپ، تىلىنى بىر قىلىۋېلىپ، تەشكىلگە ئاسىيلىق قىلىدىغان، خەلققە زىيان يەتكۈزىدىغان، ۋەتەننى پارچىلايدىغان قىلمىشلار بىلەن شۇغۇللىنىپ، ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››نىڭ قولچوماقچىسى، مىللەتنىڭ مۇناپىقلىرى، خەلقنىڭ دۈشمىنىگە ئايلاندى.

  ھازىر، شىنجاڭ يەنىلا ‹‹ئۈچ مەزگىل گىرەلىشىپ كەتكەن›› ئالاھىدە تارىخىي مەزگىلدە تۇرۇۋاتىدۇ، ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››لەر زوراۋان – تېررورچىلاردىن تېخىمۇ خەتەرلىك، تېخىمۇ زەھەرخەندە، ئۇلارنىڭ زىيىنى تېخىمۇ ئېغىر، ئۇلارنىڭ بۇزغۇنچىلىقى تېخىمۇ ئۇزاق داۋاملىشىدۇ، ھازىرغا خەتەر يەتكۈزىدۇ، كەلگۈسىگە زىيان سالىدۇ.

  ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكنى ئىشقا ئاشۇرۇش شىنجاڭدىكى كادىرلارنىڭ باش تارتىپ بولمايدىغان تارىخىي بۇرچى. تەشكىلات خىزمىتى كادىرى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، پارتىيە ئەزاسىلىق سالاھىيىتىمنى، مەسئۇلىيەت ۋە بۇرچۇمنى، پارتىيەنىڭ شەپقىتىنى ھەر ۋاقىت ئېسىمدە چىڭ ساقلاپ، پارتىيە ۋە دۆلەتكە بارلىقىمنى بېغىشلاپ، پارتىيە ۋە دۆلەتكە جاۋاب قايتۇرۇپ، ‹‹ئۈچ خىل كۈچ›› ۋە ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››لەرگە قارشى قەتئىي كۈرەش قىلىمەن، قىيىنچىلىقتىن قورقماي، چېكىنمەي، مۇرەسسە قىلماي، يول قويماي، خەلققە زىيان يەتكۈزگەنلەرنى قەتئىي تارتىپ چىقىرىپ، پاكىز تازىلايمەن، ئۇلارغا يوشۇرۇنغۇدەك جاي قالدۇرمايمەن، پايدىلانغۇدەك پۇرسەت بەرمەيمەن ھەم ئۇلارنىڭ تەلەي سىنىشىغا يول قويمايمەن، بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىدە غەلىبىنى قولغا كەلتۈرۈش، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى مۇستەھكەم تەشكىلىي كاپالەتكە ئىگە قىلىمەن.

  پارتىيەنىڭ شەپقىتى چەكسىزدۇر! بىز جەزمەن ئوبۇلقاسىم مەتتۇرسۇننى ئۈلگە قىلىپ، پارتىيەگە مۇتلەق سادىق بولۇشىمىز، سىياسىي ئىنتىزام ۋە بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشى ئىنتىزامىغا قاتتىق ئەمەل قىلىپ، چوڭ ھەق – چوڭ ناھەق مەسىلىلىرىدە بايرىقىمىزنى روشەن، مەيدانىمىزنى مۇستەھكەم، تونۇشىمىزنى بىردەك، تىلىمىز بىلەن دىلىمىزنى بىردەك، پوزىتسىيەيىمىزنى كەسكىن، قەدىمىمىزنى بىردەك قىلىشىمىز، ھەر قانداق ۋاقىت، ھەر قانداق جايدا بايرىقىمىز روشەن ھالدا ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››كە قارشى دادىل ئوتتۇرىغا چىقىشىمىز، بايرىقىمىز روشەن ھالدا ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››لەرگە قارشى قەتئىي كۈرەش قىلىشىمىز، ئەمەلىي ھەرىكىتىمىز بىلەن ۋەتەننىڭ بىرلىكى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ۋە ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى قوغدىشىمىز كېرەك.

  ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››لەر ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››كە ئوخشاشلا زىيىنى ئىنتايىن ئېغىر زەھەرلىك ئۆسمە، ئۇلارغا سۈكۈت قىلغانلىق ۋەتەن ۋە خەلق ئالدىدا جىنايەت ئۆتكۈزگەنلىك. بىز جەزمەن كۆزىمىزنى يوغان ئېچىپ، ھەق – ناھەقنى ئېنىق ئايرىشىمىز، قەتئىي تەۋرەنمەي پارتىيەنىڭ شەپقىتىدىن مىننەتدار بولۇپ، پارتىيەنىڭ گېپىنى ئاڭلاپ، پارتىيەگە ئەگىشىپ مېڭىشىمىز، ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››لەرنى قىلچە ئىككىلەنمەي، قىلچە يۈز – خاتىر قىلماي پاش قىلىشىمىز ۋە تەنقىدلىشىمىز، ‹‹ئۈچ خىل كۈچ›› ۋە ئۇنىڭ قول چۇماقچىلىرىنى خەلق ئۇرۇشىنىڭ بىپايان دېڭىزىغا غەرق قىلىۋېتىشىمىز كېرەك. بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشى ۋەتەننىڭ بىرلىكى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ھەققانىيەتنى قوغداش يولىدىكى بىر مەيدان كەسكىن كۈرەش، بۇنىڭدا قىلچە مۈجمەللىك قىلىشقا ياكى يول قويۇشقا بولمايدۇ. بىز بىر مەقسەتتە ئىتتىپاقلىشىپ، دۈشمەنگە قارشى بىر سەپتە تۇرساقلا، بۇ قاتتىق جەڭدە جەزمەن غەلىبىنى قولغا كەلتۈرۈپ، يۇرت – ماكانىمىزنى تېخىمۇ گۈزەل قىلىپ قۇرۇپ چىقالايمىز.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى