تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   گۈزەل يۇرت -ماكانىمىزنى ياخشى قوغدايلى

پولاتتەك سادىقلىق بىلەن تەنتەنىلىك قەسىمىمنى ئەمەلدە كۆرسىتىمەن

  قاراماي شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ مۇئاۋىن باش كاتىپى ئوبۇلھەسەن مەخمۇت

  پارتىيەلىك ئاز سانلىق مىللەت رەھبىرىي كادىر بولۇش سۈپىتىم بىلەن، پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ھازىرقى ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر مەزگىللىك ئەڭ مۇھىم سىياسىي ۋەزىپە قىلىپ، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى بىلەن كاللامنى ھەقىقىي قوراللاندۇرىمەن. پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئۆگىنىشنى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى توغرىسىدىكى بىر قاتار مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈش بىلەن، باشتىن – ئاخىر دىققەتنى باش نىشانغا مەركەزلەشتۈرۈش، باش نىشاننى ئەمەلىيلەشتۈرۈش، باش نىشانغا مۇلازىمەت قىلىش بىلەن، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداش ‹‹بىرىكمە مۇشت›› تەدبىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈش بىلەن بىرلەشتۈرىمەن.

  قەتئىي سادىقلىق بىلەن باشتىن – ئاخىر پارتىيەگە ئەگىشىپ ماڭىمەن. باشتىن – ئاخىر يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىغا سادىق بولۇپ، ‹‹تۆت ئاڭ››نى مۇستەھكەم تۇرغۇزىمەن. يولداش ئوبۇلقاسىم مەتتۇرسۇننى ئۈلگە قىلىپ، بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش، ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى قوغداش قاتارلىق چوڭ مەسىلىلەردە تونۇشتا مۈجمەل بولمايمەن، پوزىتسىيەدە تۇتۇق بولمايمەن، ھەرىكەتتە تەۋرەنمەيمەن. ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››كە قارشى كۈرەشتە ئالدىنقى سەپتە تۇرۇپ، ئۈلگە بولىمەن. ئاڭلىق ھالدا ئېتىقادى چىڭ زېرەك ئادەم، تىلى بىلەن دىلى بىردەك سەمىمىي ئادەم، ئىنتىزامغا قاتتىق رىئايە قىلىدىغان قائىدىلىك ئادەم بولۇپ، ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››لەرگە قارشى قەتئىي كۈرەش قىلىمەن.

  سىياسىي مەيدانىمنى باشتىن – ئاخىر مۇستەھكەم قىلىمەن. بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىدە مەيدانىمدا چىڭ تۇرۇپ، سىناقلارغا بەرداشلىق بېرىپ، داۋاملىق تەشەببۇسكارلىق بىلەن دادىل ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈپ، مەردانىلىك بىلەن مەيدانىمنى، پوزىتسىيەمنى ئىپادىلەيمەن، ھەرمىللەت ئاممىغا ئىجابىي تەشۋىق قىلىپ، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداش ئاكتىپ كۈچىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەسى ۋە ‹‹پانئىسلامىزم››، ‹‹پانتۈركىزم›› زەھىرىنىڭ ئالدامچىلىقى، ئېزىتقۇلۇقىنى ئېچىپ تاشلايمەن؛ ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››نىڭ دۆلەتكە دۈشمەنلىك قىلىدىغان، جەمئىيەتكە زىيان سالىدىغان، ئاممىغا زىيانكەشلىك قىلىدىغان قەبىھ ئەپت – بەشىرىسىنى ئېچىپ تاشلايمەن؛ پارتىيەنىڭ ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش سىياسەتلىرىنى، پارتىيەنىڭ مىللەت، دىن سىياسىتىنىڭ شىنجاڭدىكى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئەمەلىيىتى ۋە قولغا كەلتۈرگەن شانلىق نەتىجىلىرىنى تەشۋىق قىلىمەن؛ ھەر مىللەت ئاممىنى ھوشيارلىقىنى ئۆستۈرۈپ، كۆزىنى يوغان ئېچىپ، ھەق – ناھەقنى ئېنىق ئايرىپ، قەتئىي ھالدا ‹‹ئۈچ خىل كۈچ›› ۋە ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››لەرگە قارشى ئاداققىچە كۈرەش قىلىشقا تەربىيەلەيمەن ۋە يېتەكلەيمەن.

  ئىتتىپاقلىق، مۇقىملىقنى باشتىن – ئاخىر قوغدايمەن. باشتىن – ئاخىر سۆزۈم بىلەن ھەرىكىتىمنى، تىلىم بىلەن دىلىمنى بىردەك قىلىپ، پولاتتەك سادىقلىق بىلەن تەنتەنىلىك قەسىمىمنى ئەمەلدە كۆرسىتىپ، بايرىقىم روشەن ھالدا ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››لەرگە قارشى قەتئىي كۈرەش قىلىپ، ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››نىڭ مۇھاپىزەت كۈنلۈكىنى چۇۋۇپ تاشلايمەن. بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنىڭ ئەڭ ئالدىنقى سېپىدە باشتىن – ئاخىر چىڭ تۇرۇپ، مەسئۇلىيەتنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن زىممەمگە ئېلىپ، دادىل بولۇپ، ھالقىلىق پەيتتە ئاتاكىغا ئۆتۈپ، ئالدىنقى سەپتە تۇرۇپ، قىلچە تەۋرەنمەي، قەتئىي چېكىنمەي، ھەرگىز مۇرەسسە قىلماي، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قوغداش، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىغا يېتىش ئۈچۈن قەتئىي بوشاشماي كۈرەش قىلىمەن.

  باشتىن – ئاخىر باشلامچىلىق بىلەن پارتىيەگە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈپ، پارتىيەنىڭ گېپىنى ئاڭلاپ، پارتىيەگە ئەگىشىپ ماڭىمەن. مەملىكەت بويىچە شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىۋاتقان ئۆلكە، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلەرنىڭ خالىس ياردىمى ۋە قوللىشىغا مىننەتدارلىق بىلدۈرۈپ، ئاممىنىڭ ‹‹سۇ ئىچكەندە قۇدۇق قازغۇچىنى ئۇنتۇمايدىغان›› مىننەتدارلىق ئېڭىنى قوزغاپ، ھەر مىللەت ئاممىنى پارتىيەگە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈپ، پارتىيەنىڭ گېپىنى ئاڭلاپ، پارتىيەگە ئەگىشىپ مېڭىشقا يېتەكلەيمەن.

  مەن ئۆز ئەۋزەللىكىمنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، ھەر مىللەت ئاممىغا تەشۋىق قىلىش، ئۇلارنى تەربىيەلەش، يېتەكلەش مەسئۇلىيىتىنى ئاڭلىق ھالدا زىممەمگە ئېلىپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىغا يېتىش ئۈچۈن تېگىشلىك رولۇمنى جارى قىلدۇرىمەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى