تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   گۈزەل يۇرت -ماكانىمىزنى ياخشى قوغدايلى

بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، مەسئۇلىيەتنى دادىل زىممەمگە ئالىمەن، باشلامچىلىق بىلەن ئۈلگە بولىمەن

  ئاقسۇ ۋىلايەتلىك تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى، مۇئاۋىن مۇدىر ئەنۋەر مەتنىياز

  يېڭى دەۋردىكى پارتىيەلىك ئاز سانلىق مىللەت رەھبىرىي كادىر بولۇش سۈپىتىم بىلەن، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكنى قوغداشنىڭ ئۈلگىلىرىدىن بولۇپ، پارتىيە ۋە خەلق بىلەن قەتئىي بىر سەپتە تۇرۇپ، ‹‹ئۈچ خىل كۈچ›› ۋە ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››لەرگە قارشى قەتئىي كۈرەش قىلىپ، پارتىيەنىڭ مېنى تەربىيەلىگەن شەپقىتىگە جاۋاب قايتۇرۇپ، پارتىيەنىڭ ئۈمىدىنى يەردە قويمايمەن.

  يېڭى دەۋردىكى پارتىيەلىك ئاز سانلىق مىللەت رەھبىرىي كادىر بولۇش سۈپىتىم بىلەن، مەسئۇلىيەتنى دادىل زىممەمگە ئالىمەن، باشلامچىلىق بىلەن ئۈلگە بولىمەن. تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداشنى باشتىن – ئاخىر تەيشەن تېغىدىنمۇ ئېغىر سىياسىي مەسئۇلىيەت قىلىپ زىممەمگە ئېلىپ، قەلبىمگە پۈكۈپ، قولۇمدا چىڭ تۇتۇپ، ھەرىكىتىمدە ئەمەلىيلەشتۈرىمەن. يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى قىلچە بىپەرۋالىق قىلماي قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداش ‹‹بىرىكمە مۇشت›› تەدبىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئۆزۈم بىۋاسىتە قاتنىشىپ، ئۈلگە بولۇپ، ئىستىل دۇرۇس بولماسلىقتىن ئىبارەت بۇ ئەڭ چوڭ دۈشمەننى يوقىتىپ، ئاممىۋى خىزمەتنى پۇختا، ياخشى ئىشلەپ، مۇقىملىقنى قوغداش خىزمىتىنى چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرىمەن.

  يېڭى دەۋردىكى پارتىيەلىك ئاز سانلىق مىللەت رەھبىرىي كادىر بولۇش سۈپىتىم بىلەن، پارتىيەدىن مىننەتدار بولۇش، پارتىيەنىڭ گېپىنى ئاڭلاش، پارتىيەگە ئەگىشىپ مېڭىشنىڭ ئۈلگىلىرىدىن بولىمەن. بايرىقىم روشەن ھالدا ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››كە قارشى كۈرەش قىلىپ، ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››لەرنى قەتئىي پاش قىلىپ ۋە تەنقىدلەپ، مىللەتلەرنىڭ بۈيۈك ئىتتىپاقلىقى بايرىقىنى باشتىن – ئاخىر ئېگىز كۆتۈرۈپ، ‹‹ئۈچ ئايرىلالماسلىق›› ئىدىيەسىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، تونۇشتا مۈجمەل بولماي، ھەرىكەتتە تەۋرەنمەي، بايرىقىم روشەن ھالدا مىللىي بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇپ، ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى قوغدايمەن.

  يېڭى دەۋردىكى پارتىيەلىك ئاز سانلىق مىللەت رەھبىرىي كادىر بولۇش سۈپىتىم بىلەن، ‹‹تۆت ئاڭ››نى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇشنىڭ ئۈلگىلىرىدىن بولىمەن. پارتىيەگە سادىق بولۇپ، پارتىيە ئۈچۈن خىزمەت قىلىپ، خەلق ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىپ، سىياسىي ئاڭ، ئومۇمىيەت ئېڭى، يادرو ئېڭى، بىردەكلىك ئېڭىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، ئىدىيەدە، سىياسىيدا، ھەرىكەتتە يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن يۈكسەك بىردەكلىكنى ساقلاپ، ئەمەلىي ھەرىكىتىم ئارقىلىق ئەتراپىمدىكى كىشىلەرنىڭ مەڭگۈ پارتىيەگە ئەگىشىپ مېڭىشىغا تەسىر كۆرسىتىمەن ۋە ئۇلارنى يېتەكلەيمەن.

  يېڭى دەۋردىكى پارتىيەلىك ئاز سانلىق مىللەت رەھبىرىي كادىر بولۇش سۈپىتىم بىلەن، بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىدىكى ئۈلگىلەردىن بولىمەن. ئۆزۈمدە مەسئۇلىيەتنى دادىل زىممىگە ئالىدىغان كۈچلۈك روھنى يېتىلدۈرۈپلا قالماي، يەنە ئاچقۇچلۇق پەيتتە كۆكرەك كېرىپ ئوتتۇرىغا چىقالايدىغان، دادىل ئاتاكىغا ئۆتەلەيدىغان، تاقابىل تۇرالايدىغان، غەلىبىنى قولغا كەلتۈرەلەيدىغان ھەقىقىي ماھارەت يېتىلدۈرىمەن. ئىتتىپاقلىق، مۇقىملىق ـــ ئامەت، بۆلگۈنچىلىك، مالىمانچىلىق ـــ ئاپەت، دېگەننى ئېسىمدە ھەر ۋاقىت چىڭ ساقلاپ، تەشەببۇسكارلىق بىلەن دادىل ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈپ، ۋەتەننىڭ بىرلىكى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قوغداش، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن تېگىشلىك تۆھپە قوشىمەن.

  تەنتەنىلىك ھالدا شۇنداق ۋەدە بېرىمەنكى: پارتىيەگە، ۋەتەنگە، خەلققە سادىق بولىمەن، مەيدانىمنى مۇستەھكەم قىلىپ، مەسئۇلىيەتنى دادىل زىممەمگە ئالىمەن، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قەتئىي قوغداپ، مىللىي بۆلگۈنچىلىككە قەتئىي قارشى تۇرىمەن، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا، ئىجتىمائىي مۇقىملىققا پايدىسىز گەپ – سۆزلەرنى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا، ئىجتىمائىي مۇقىملىققا پايدىسىز ئىشلارنى قەتئىي قىلمايمەن، ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››كە قارشى دادىل كۈرەش قىلىپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ۋە ئىجتىمائىي مۇقىملىققا بۇزغۇنچىلىق قىلىدىغان بارلىق ئىش – ھەرىكەتلەرگە قارشى قەتئىي كۈرەش قىلىمەن؛ چوڭ ھەق – چوڭ ناھەق مەسىلىلىرىدە بايرىقىمنى روشەن قىلىپ، باتۇرلۇق بىلەن كۈرەش قىلىپ، دادىل ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرىمەن؛ ھەممە ئىشنى ئۆزۈمدىن باشلاشتا چىڭ تۇرۇپ، ئۈلگىلىك، باشلامچىلىق رولۇمنى قەتئىي جارى قىلدۇرۇپ، ۋەتەننىڭ بىرلىكى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ۋە ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى ئاڭلىق قوغدايمەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى