تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئانار گۈلى ئۆزگىچە قىزىل ئېچىلدى

تۇغقانلىرىم بىلەن ئۆتكەن ئىللىق كۈنلەر

  ساۋەن ناھىيەلىك مۇھىت ئاسراش ئىدارىسىدىن جاۋيەنجى

  بۇ قەھرىتان قىشتا، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ‹‹تۇغقانلىشىش ھەپتىلىكى›› پائالىيىتى قىزىق نۇقتا بولۇپ قالدى. 2017 – يىلى 12 – ئاينىڭ 8 – كۈنىدىن 2018 – يىلى 1 – ئاينىڭ 1 – كۈنىگىچە، ساۋەن ناھىيەسىدىكى ھەر مىللەت پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار تۇغقانلىرى بىلەن يېتىپ – قوپۇشتا، تاماقتا، ئەمگەكتە، ئۆگىنىشتە بىللە بولدى. ‹‹تۇغقانلىشىش ھەپتىلىكى›› پائالىيىتى غەلىبىلىك ئاخىرلاشقان بولسىمۇ، بۇ جەرياندا مەيدانغا كەلگەن تەسىرلىك ھېكايىلەر، كۆرۈنۈشلەر ھېلىھەم قەلبىمنى ئىللىتماقتا.

  مېنىڭ تۇغقىنىم ئوراز ئاكا ساۋەن ناھىيەسىنىڭ دۇڭۋەن بازىرى دۇڭسەنگۇ كەنتىدە ئولتۇرىدۇ. تۇغقىنىمنىڭ ئۆيىدە تۇرغان ئىككىنچى كۈنى كەچتە، ھەممە جاينى قاراڭغۇلۇق قاپلىغان بولسىمۇ، لېكىن تۇغقىنىمنىڭ كىچىك قىز نەۋرىسى يەسلىدىن قايتىپ كەلمىدى، مەن تىت-تىت بولغىنىمدىن ئۆي ئىچىدە توختىماستىن ئۇياق-بۇياققا ماڭدىم. سىرتتا ئاپتوموبىلنىڭ گۈركىرىگەن ئاۋازى ئاڭلانسىلا، ئىشىكنى ئېچىپ بالىلارنى توشۇيدىغان ئوقۇلبۇس كەلدىمىكىن دەپ قارىدىم. ئىككى كۈن بىللە تۇرۇش جەريانىدا، مەن بۇ زېرەك قىزچاققا ناھايىتى ئامراق بولۇپ قالغانىدىم.

  مەن جىددىيلەشكەنلىكىمدىن چاپىنىمنى كىيىپ يول بويىغا چىقىپ ساقلىدىم، سوغۇق شامال يۈزۈمگە نەشتەردەك سانجىلاتتى، توڭلىغىنىمدىن تۈگۈلۈپلا قالدىم. ئەگرى-بۈگرى تاغ يولىدا ئوقۇلبۇس ئاستا ئالدىمغا كېلىپ توختىدى. قىزچاق ئوقۇلبۇستىن سەكرەپ چۈشۈپ، مېنى كۆرۈپ تارتىنىپ قالدى – يۇ، يەنىلا ئىنتايىن خۇشال بولۇپ كەتتى. مەن ئۇنى قولىدىن تۇتۇپ يېتىلەپ تېزدىن ئۆيگە ئېلىپ كىردىم.

  تاغدا چوڭ بولغان بالىلار مەيلى ئوغۇل ياكى قىز بولسۇن ھەممىسى ناھايىتى جانلىق كېلىدۇ، قىزچاق چاپىنىنى سېلىۋېتىپلا ئانچە راۋان بولمىغان دۆلەت ئورتاق تىلىدا يەسلىدىكى قىزىقارلىق ئىشلارنى سۆزلەپ كەتتى، گېپىگە ئانچە – مۇنچە قازاق تىلىمۇ ئارىلىشىپ قالاتتى. ئۇ سۆزلىگەنسېرى ھاياجانلىنىپ كەتتى، يەنە ماڭا ناخشا ئېيتىپ بەردى، مەن چاۋاك چېلىپ جور بولدۇم. ئۇنىڭ بالىلارغا خاس سەبىي، چۈچۈك ئاۋازى جاراڭلايتتى، ئىشەنچكە تولغان كۆزلىرى ئۇنى تولىمۇ ئوماق كۆرسىتەتتى. مەن ئۇنىڭغا چاۋاك ئويۇنى ئويناشنى ئۆگەتتىم. بۇ ئەقىللىق قىز تېزلا ئۆگىنىۋالدى، ئاددىي سەرەمجانلاشتۇرۇلغان ئۆي ئىچى شادلىققا چۆمدى. نەۋرە قىزى بىلەن كۆڭۈللۈك ئويناۋاتقانلىقىمغا قاراپ، مەشنىڭ يېنىدا ئولتۇرغان ئوراز ئاكىنىڭ چىرايىدا تەبەسسۇم جىلۋىلەندى.

  مەن ئوراز ئاكا ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن تۇغقانلاشقاندىن كېيىن، ئۇلار بىلەن سەمىمىي پىكىر ئالماشتۇرۇپ تۇردۇم، ئارىمىزدا ئاستا – ئاستا چوڭقۇر مېھىر – مۇھەببەت شەكىللەندى. ھەر قېتىم ئۇنىڭ ئۆيىگە بارغىنىمدا ئىنچىكىلىك بىلەن كۆزىتىپ، قانداق قىيىنچىلىقى بارلىقىنى ۋە نېمىگە ئېھتىياجلىق ئىكەنلىكىنى بىلىۋېلىپ، كېيىنكى قېتىم بارغىنىمدا بۇ قىيىنچىلىقلارنى ھەل قىلىپ بېرىشكە تىرىشتىم. بۇ قېتىمقى ‹‹تۇغقانلىشىش ھەپتىلىكى›› پائالىيىتىدە، ئېرىم بىلەن ئىككىمىز ئوراز ئاكا ئائىلىسىدىكىلەرگە كۆڭۈل قويۇپ سوۋغات تەييارلىدۇق.

  ئوراز ئاكا ئائىلىسىدىكى ئىللىق تەبەسسۇم، ئىسسىق مەش، مەززىلىك ئەتكەنچاي ماڭا گۈزەل، ئىللىق ئائىلە تۇرمۇشىنى ھېس قىلدۇردى، مەن بۇ ئائىلىگە سىڭىپلا كەتتىم ھەم ئۇلارنى ياقتۇرۇپ قالدىم.

   ئوراز ئاكا ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن بىللە تۇرۇش جەريانىدا، قازاق مىللىتىنىڭ ساددا، ئاق كۆڭۈللۈكىنى ھېس قىلدىم، قازاق بالىلارنىڭ سەمىمىي، ئەقىللىق ئىكەنلىكى ۋە تۇغما مۇزىكا تالانتى بارلىقىنى بىلدىم. مەن بۇ بالىلارنىڭ ياخشى ئۆگىنىپ، بۇ تاغلىق كەنتتىن چىقىپ، تېخىمۇ پارلاق ئىستىقبالغا ئىگە بولۇشىغا كۈچ قوشۇشنى خالايمەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى