تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   ئوبزور

پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنى تېخىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، يەنىمۇ ئىلگىرى سۈرەيلى

  ـــ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ 19–نۆۋەتلىك مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ 2–ئومۇمىي يىغىنىدا قىلغان سۆزىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش توغرىسىدا(4)

  ‹‹خەلق گېزىتى›› ئوبزورچىسى

  ئۆزى ئۈستىدە دادىل ئىنقىلاب قىلىپ، پارتىيەنى قاتتىق باشقۇرۇش، قاتتىق ئىدارە قىلىش پارتىيەمىزنىڭ ئەڭ روشەن خىسلىتى؛ ئىستراتېگىيەلىك ئىرادىنى ساقلاپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنى تېخىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇش يېڭى دەۋردىكى پارتىيە قۇرۇلۇشىدىن ئىبارەت ئۇلۇغ قۇرۇلۇشنىڭ مۇقەررەر تەلىپى.

  ‹‹پارتىيەنىڭ سىياسىي قۇرۇلۇشى، ئىدىيەۋى قۇرۇلۇشى، تەشكىلىي قۇرۇلۇشى، ئىستىل قۇرۇلۇشى، ئىنتىزام قۇرۇلۇشىنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈپ، تۈزۈم قۇرۇلۇشىنى ئۇنىڭغا سىڭدۈرۈش كېرەك››، ‹‹چىڭ تۇرۇش ئاساسىدا چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، چوڭقۇرلاشتۇرۇش ئاساسىدا تەرەققىي قىلدۇرۇپ، پارتىيەنىڭ ئىچكى سىياسىي ئېكولوگىيەسىنى تۈپتىن ياخشىلاشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، پارتىيەنىڭ ئىجادچانلىقى، ئۇيۇشقاقلىقى، جەڭگىۋارلىقىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىش كېرەك››. 19 – نۆۋەتلىك مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ 2 – ئومۇمىي يىغىنىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ ھازىر ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر مەزگىلدە پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشتىكى ئومۇمىي تەلەپ ۋە ئاساسلىق ۋەزىپىلەرنى سىستېمىلىق بايان قىلىپ، يېڭى دەۋردە پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈشنى تىرىشىش يۆنىلىشى، ئاساسىي مىزان ۋە چارە، يول بىلەن تەمىنلىدى. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش ۋە ئىزچىللاشتۇرۇش ئۈچۈن، يۈك – تاقنى قايتا رەتلەپ، ئاندىن يولغا چىقىدىغان روھىي ھالەتنى ساقلاپ، ‹‹ھەرگىز توختاپ قالمايدىغان›› ئىرادە، ‹‹توختىتىپ قويمايدىغان›› جاسارەت بىلەن پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈشنى ئاساسىي قاتلامغا كېڭەيتىپ، چوڭقۇر راۋاجلاندۇرۇشىمىز كېرەك.

  پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنى تېخىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇش ئۈچۈن، پارتىيەنىڭ سىياسىي قۇرۇلۇشىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، كوممۇنىستلارنىڭ سىياسىي روھىنى مۇستەھكەملىشىمىز كېرەك. بايرىقى روشەن ھالدا سىياسىينى تەكىتلەش پارتىيەمىزنىڭ ماركسىزملىق سىياسىي پارتىيە بولۇشىدىكى تۈپ تەلەپ. نۇرغۇن ئەمەلىيەت شۇنى كۆرسىتىپ بەردىكى، پارتىيە ئىچىدە ساقلىنىۋاتقان تۈرلۈك مەسىلىلەر تۈپتىن ئېيتقاندا، سىياسىي قۇرۇلۇش ئاجىز بولۇش، سىياسىي تۇرمۇش كەسكىن بولماسلىق، ساغلام بولماسلىق بىلەن مۇناسىۋەتلىك. دەل شۇنداق بولغاچقا، پارتىيەنىڭ سىياسىي قۇرۇلۇشى پارتىيەمىزنىڭ تۈپ قۇرۇلۇشى بولۇپ، ئۇ پارتىيە قۇرۇلۇشىنىڭ يۆنىلىشى ۋە ئۇنىڭ ئۈنۈمىنى بەلگىلەيدۇ. بۇ بىزدىن پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نوپۇزى ۋە مەركەزلىك بىر تۇتاش رەھبەرلىكىنى قوغداشنى مۇھىم ۋەزىپە قىلىپ، پارتىيەگە سادىق بولۇشنى شەرتسىز سىياسىي ئۆلچەم ۋە ئەمەلىي ئۆلچەم قىلىشنى؛ كوممۇنىزم ئۇلۇغۋار غايىسى ۋە جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئورتاق غايىسىدە چىڭ تۇرۇپ، غايە – ئېتىقادنى قەلبىمىزدىكى ھەقىقىي ماياكقا ئايلاندۇرۇشىمىزنى؛ پارتىيە نىزامنامىسىگە ھۆرمەت قىلىپ، سىياسىي ئېكولوگىيەنى ساپلاشتۇرۇپ، ‹‹يەتتە ئىللەت››نى تۈگىتىپ، كەسكىن، ئەستايىدىل بولغان پارتىيە ئىچىدىكى سىياسىي تۇرمۇشتا پارتىيەۋىلىك جەھەتتىكى چېنىقىشنى كۈچەيتىشىمىز، سىياسىي ئىقتىدارىمىزنى قاتتىق تاۋلىشىمىزنى تەلەپ قىلىدۇ.

  پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنى تېخىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇش ئۈچۈن، تۈزۈم قۇرۇلۇشىنى ئۇنىڭغا سىڭدۈرۈپ، ھادىسىدىنمۇ، ماھىيەتتىنمۇ تۈزەپ، ئۇنى ئۇزاققىچە داۋاملاشتۇرۇشىمىز كېرەك. ‹‹قانۇن – ئىنتىزاملا بولسا، ئىدارە قىلغىلى بولمايدىغان ئەل، باشقۇرغىلى بولمايدىغان پۇقرا يوق››. تۈزۈم ئومۇمىيلىق، تۇراقلىققا ئىگە بولۇپ، نېگىزىدىن باشقۇرالايدۇ، ئۇزاققىچە باشقۇرالايدۇ. پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنى پەقەت تۈزۈم يولىغا سالغاندىلا، ئاندىن بېشى بار، ئايىغى يوق بولۇپ قېلىشتىن ساقلىنىپ، ئۇزاققىچە داۋاملاشتۇرغىلى بولىدۇ. پارتىيە بىلەن خەلقنىڭ قان بىلەن گۆشتەك مۇناسىۋىتىنى ساقلاشتىن ئىبارەت بۇ ئاچقۇچنى چىڭ تۇتۇپ، مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنىڭ روھىنى قەتئىي ئەمەلىيلەشتۈرگەندىلا، ئاندىن ئۇنى جايىدا، ئۈنۈملۈك باشقۇرۇپ، ئادەتكە ئايلاندۇرغىلى بولىدۇ؛ قاتتىق ئىنتىزام ئارقىلىق پۈتۈن پارتىيەنى باشقۇرۇپ، پۈتۈن پارتىيەنى قاتتىق ئىدارە قىلىپ، ئىستىلنى تۈزەش – چىرىكلىككە قارشى تۇرۇشنى ھەممە كىشىنىڭ مەسئۇلىيىتىگە ئايلاندۇرغاندىلا، ئاندىن پولاتتەك ئىنتىزامنى پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار ئاڭلىق ئەمەل قىلىدىغان مىزانغا ئايلاندۇرغىلى بولىدۇ؛ ھادىسىدىنمۇ، ماھىيەتتىنمۇ تۈزەشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، مەنپەئەت زەنجىرىنى ئۈزۈۋەتكەندىلا، ئاندىن چىرىكلىشىشكە پېتىنالمايدىغان، چىرىكلىشەلمەيدىغان، چىرىكلىشىشنى ئويلىمايدىغان نىشانغا يەتكىلى بولىدۇ؛ پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ نازارەتچىلىك سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرگەندىلا، ئاندىن ئومۇميۈزلۈك، يوچۇقسىز، قىلچە يول قويمايدىغان ئۆزىنى تازىلاش مېخانىزمىنى شەكىللەندۈرگىلى بولىدۇ.

  پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنى تېخىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇش ئۈچۈن، پارتىيە خاتىرجەم بولىدىغان، خەلق ئىشىنىدىغان ئىنتىزام تەكشۈرۈش، مەمۇرىي تەپتىش كادىرلىرى قوشۇنى قۇرۇپ چىقىش كېرەك. ئىنتىزامنى ئىجرا قىلغۇچىلار ئاۋۋال ئۆزى ئىنتىزامغا رىئايە قىلىشى، ئاۋۋال ئۆزىگە قاتتىق تەلەپ قويۇشى كېرەك. ئىنتىزام تەكشۈرۈش ئورگىنى پارتىيە ئىچىدىكى ‹‹ئىنتىزام قىسىمى››. ئۇلار پارتىيە ئىنتىزامى ۋە سىياسىي ئىنتىزامنى قوغدايدىغان مۇھىم مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئالغان، ئۇلارنىڭ ساپاسى، ئىقتىدارى ۋە ئىستىلى پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنىڭ ئۈنۈمى بىلەن بىۋاسىتە مۇناسىۋەتلىك. پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنى چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈش يېڭى خىرىسلارغا دۇچ كەلگەنسېرى، ئىنتىزام تەكشۈرۈش، مەمۇرىي تەپتىش كادىرلار قوشۇنىنىڭ پارتىيە ئىنتىزامى ۋە سىياسىي ئىنتىزامنىڭ سادىق قوغدىغۇچىسىغا، چىرىكلىكنى قاتتىق جازالايدىغان پولات مۇشتقا ئايلىنىشىغا، پارتىيە ۋە خەلق بەرگەن ھوقۇقنى قالايمىقان ئىشلەتمەي، يامان ئىشلارنى تۈگىتىپ، ياخشى ئىشلارنى جارى قىلدۇرۇپ، شەمشەرگە مەڭگۈ داغ قوندۇرماسلىقىغا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

   ئۆزىنى ئۆزى نازارەت قىلىش دۆلەتنى ئىدارە قىلىشتىكى يەر شارى خاراكتېرلىك قىيىن تېما. بىز ھەرىكىتىمىز ئارقىلىق ‹‹گەمىدىكى سوئال››لارغا جاۋاب بېرىپ، جۇڭگو كوممۇنىستلىرى ئۆزىنى ئۆزى تازىلايدىغان ‹‹قالتىس ماھارەت›› يېتىلدۈرۈشىمىز كېرەك. پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇرىدىغانلا بولساق، تۈزۈم ئەۋزەللىكىنى ئىدارە قىلىش ئۈنۈمىگە ئايلاندۇرۇپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىپ، ئومۇميۈزلۈك سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەت قۇرۇپ چىقىشنى كۈچلۈك كاپالەت بىلەن تەمىنلىيەلەيمىز.

  (شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 1 – ئاينىڭ 15 – كۈنى تېلېگراممىسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى