تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئۈرۈمچى

ئۈرۈمچىدىكى ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى 26-يانۋاردىن باشلاپ قىشلىق تەتىلگە قويۇپ بېرىلىدۇ

  ئۆز خەۋىرىمىز: ئۈرۈمچىدىكى 400 مىڭدىن ئارتۇق ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى 26-يانۋاردىن باشلاپ قىشلىق تەتىلگە قويۇپ بېرىلىدۇ. قىشلىق تەتىل ۋاقتى 26-يانۋاردىن 23-فېۋرالغىچە بولىدۇ. ئوقۇغۇچىلار 2-باسقۇچلۇق ئوقۇش مەۋسۇمىغا 25-فېۋرال تىزىمغا ئالدۇرىدۇ. 26-فېۋرال ئوقۇش باشلىنىدۇ، 5-ئىيۇل يازلىق تەتىل باشلىنىدۇ.

  مۇخبىرنىڭ 13-يانۋار ئۈرۈمچى شەھەرلىك مائارىپ ئىدارىسىدىن ئىگىلىشىچە، تەتىلگە چىقىشتىن بۇرۇن ئۈرۈمچىدە مەكتەپلەردە بىر قېتىملىق ئوت مۇداپىئە بىخەتەرلىكى، يېمەكلىك سەھىيە بىخەتەرلىكى، قاتناش بىخەتەرلىكى، پائالىيەت بىخەتەرلىكى، تور بىخەتەرلىكى قاتارلىق جەھەتلەردە بىخەتەرلىك دەرسى ئۆتۈلىدىكەن. تەتىل مەزگىلىدە ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئويۇنچۇقخانا، تىجارەت خاراكتېرلىك ناخشا-ئۇسسۇل بەزمىخانىسى، تىجارەت خاراكتېرىنى ئالغان تورخانا، مەيخانا قاتارلىق قورامىغا يەتمىگەن بالىلار كىرىشكە بولمايدىغان جايلارغا بېرىشى چەكلىنىدىكەن.

  شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئۈرۈمچى شەھەرلىك مائارىپ ئىدارىسى ھەرقايسى رايون (ناھىيە) لۇق مائارىپ ئىدارىلىرى، مەكتەپلەردىن ياش-ئۆسمۈرلەر پائالىيەت مەركىزى، ئىجتىمائىي ئەمەلىيەت بازىسى، ۋەتەنپەرۋەرلىك مائارىپ بازىسى قاتارلىق ئاممىۋى پاراۋانلىقى خاراكتېرلىك ئىجتىمائىي مائارىپ بايلىقلىرىنىڭ رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، قاراتمىلىق ئاساستا كۆپ خىل پائالىيەتلەرنى ئويۇشتۇرۇشىنى تەلەپ قىلغان.

  ئۇنىڭدىن باشقا، مەكتەپلەر «بىزنىڭ بايرىمىمىز ــــ چاغان» باش تېمىسىدىكى پائالىيەتلىرىگە بىرلەشتۈرگەن ھالدا، شارائىتقا قاراپ جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت مائارىپىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىنچىكىلىك بىلەن «ياخشى ئائىلە ئىستىلىغا ۋارىسلىق قىلىپ، مەدەنىي قائىدە-يوسۇنلاردا ھەرىكىتىنى بىلدۈرۈش»، «ئەنئەنىۋى ئۆرپ-ئادەتنى باشتىن كەچۈرۈپ، ئىلغار مەدەنىيەتنى جارى قىلدۇرۇش»، «ئەخلاق ئۈلگىسىنى ئىزدەپ، جۇڭخۇا گۈزەل ئەخلاقىغا ۋارىسلىق قىلىش» قاتارلىق باش تېمىدىكى پائالىيەتلەرنى ئويۇشتۇرۇشى كېرەككەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى