تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مۇھىم خەۋەر

ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ گوۋۇيۈەننىڭ مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىغا دۆلەت مۈلكىنى باشقۇرۇش ئەھۋالىنى دوكلات قىلىش تۈزۈمى ئورنىتىش توغرىسىدىكى پىكرى

  (2017– يىلى 12– ئاينىڭ 30– كۈنى)

  ج ك پ 18 – نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3 – ئومۇمىي يىغىنىنىڭ خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ دۆلەت مۈلكىنى نازارەت قىلىش فۇنكسىيەسىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى ئورۇنلاشتۇرما تەلىپىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، دۆلەت مۈلكىنى باشقۇرۇش ۋە ئىدارە قىلىشنى كۈچەيتىش ئۈچۈن، ئاساسىي قانۇن ۋە قانۇنلاردىكى ئالاقىدار بەلگىلىمىلەرگە ئاساسەن، ھازىر گوۋۇيۈەننىڭ مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىغا دۆلەت مۈلكىنى باشقۇرۇش ئەھۋالىنى دوكلات قىلىش تۈزۈمىنى ئورنىتىش توغرىسىدا تۆۋەندىكىدەك پىكىر بەردۇق:

  بىرىنچى، مۇھىم ئەھمىيىتى

  دۆلەت مۈلكى دۆلەت ئىگىدارچىلىقىدا، يەنى ئومۇمىي خەلق ئىگىدارچىلىقىدا بولىدۇ، پۈتكۈل خەلقنىڭ ئورتاق قىممەتلىك بايلىقى، دۆلەت كارخانىلىرى جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ مۇھىم ماددىي ئاساسى ۋە سىياسىي ئاساسى، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈش، خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈش ۋە ياخشىلاش، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداش قاتارلىق جەھەتلەردە مۇھىم رول ئويناۋاتىدۇ. ئاساسىي قانۇن ۋە قانۇنلارغا ئاساسەن، گوۋۇيۈەن دۆلەتكە ۋاكالىتەن دۆلەت مۈلكىگە ئىگىدارچىلىق قىلىش ھوقۇقىنى يۈرگۈزىدۇ ھەم باشقۇرۇش ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالىدۇ، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋە ئۇنىڭ دائىمىي كومىتېتى دۆلەت مۈلكىنى نازارەت قىلىش ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالىدۇ. مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىغا دۆلەت مۈلكىنى باشقۇرۇش ئەھۋالىنى دوكلات قىلىش گوۋۇيۈەننىڭ بىر تۈرلۈك مۇھىم خىزمىتى، شۇنداقلا مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ نازارەت قىلىش ۋەزىپىسىنى قانۇن بويىچە ئادا قىلىشتىكى مۇھىم ۋاسىتىسى.

  پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ مەركەزلىك بىر تۇتاش رەھبەرلىكىدە گوۋۇيۈەن مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىغا دۆلەت مۈلكىنى باشقۇرۇش ئەھۋالىنى دوكلات قىلىش خىزمىتىدە پائال ئىلگىرىلەشنى قولغا كەلتۈردى. مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى دۆلەت مۈلكىگە ئائىت قانۇن چىقىرىش ۋە نازارەت قىلىشنى كۈچەيتىپ، كارخانىلارنىڭ دۆلەت مۈلكى قانۇنىنى ئېلان قىلىپ يولغا قويدى، دۆلەت كاپىتال تىجارىتى خامچوت تۈزۈمى، دۆلەت تەبىئىي بايلىقلارنى قوغداش ۋە ئۇنىڭدىن پايدىلىنىش تۈزۈمىنى دەسلەپكى قەدەمدە ئورناتتى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى دۆلەت مۈلكىنى باشقۇرۇش توغرىسىدا كۆپ قېتىم گوۋۇيۈەننىڭ مەخسۇس خىزمەت دوكلاتىنى ئاڭلىدى، خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ دۆلەت مۈلكىنى نازارەت قىلىش فۇنكسىيەسى بەلگىلىك كۈچەيدى. گوۋۇيۈەن دۆلەت مۈلكىنى باشقۇرۇشنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتتى، دۆلەت مۈلكىنىڭ مۈلۈك ھوقۇقى كۈنسېرى ئايدىڭلاشتى، دۆلەت مۈلكىنى باشقۇرۇش مېخانىزمى تەدرىجىي راۋانلاشتى، بوغالتىرلىق ــ ئىستاتىستىكا قاتارلىق ئۇل خىزمەتلەر كۆرۈنەرلىك كۈچەيدى. لېكىن شۇنىمۇ كۆرۈش كېرەككى، بۇ خىزمەتلەرنىڭ تەرتىپى دېگەندەك قېلىپلاشمىغان، مەزمۇنىنىڭ قاپلاش دائىرىسى دېگەندەك مۇكەممەل ئەمەس، خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ دۆلەت مۈلكىنى نازارەت قىلىش فۇنكسىيەسىنى جارى قىلدۇرۇشى دېگەندەك يېتەرلىك ئەمەس، تۈزۈم جەھەتتە يەنىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈشكە توغرا كېلىدۇ.

  گوۋۇيۈەننىڭ مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىغا دۆلەت مۈلكىنى باشقۇرۇش ئەھۋالىنى دوكلات قىلىش تۈزۈمىنى ئورنىتىش پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ دۆلەت مۈلكىنى نازارەت قىلىش فۇنكسىيەسىنى كۈچەيتىشتىكى مۇھىم تەدبىرى – ئورۇنلاشتۇرمىسى، پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ دۆلەت مۈلكىنى باشقۇرۇش ۋە ئىدارە قىلىشنى كۈچەيتىشتىكى مۇھىم ئۇل خىزمىتى بولۇپ، ئاساسىي قانۇن ۋە قانۇنلاردىكى ئالاقىدار بەلگىلىمىلەرگە، خەلقنىڭ ئارزۇسىغا ئۇيغۇن، دۆلەت مۈلكىنى باشقۇرۇشنى ئاشكارىلاشنىڭ ئېنىقلىق دەرىجىسىنى ئاشۇرۇش، دۆلەت مۈلكىنى باشقۇرۇشنىڭ ئىناۋىتىنى ئۆستۈرۈش، جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك تۈپ ئىقتىسادىي تۈزۈمنى مۇستەھكەملەش ۋە راۋاجلاندۇرۇش، خەلقنىڭ ئورتاق بايلىقىنى ياخشى باشقۇرۇش، خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ فۇنكسىيەسىنى قانۇن بويىچە ئادا قىلىشىنى كۈچەيتىش قاتارلىقلارغا نىسبەتەن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.

  ئىككىنچى، يېتەكچى ئىدىيەسى ۋە ئاساسىي پىرىنسىپى

  (1) يېتەكچى ئىدىيەسى: پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، دېڭ شياۋپىڭ نەزەرىيەسى، ‹‹ئۈچكە ۋەكىللىك قىلىش›› مۇھىم ئىدىيەسى، ئىلمىي تەرەققىيات قارىشى، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، ‹‹بەشنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش›› ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرمىسىنى بىر تۇتاش پىلانلاپ ئىلگىرى سۈرۈش ۋە ‹‹تۆت ئومۇميۈزلۈك›› ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ماس ئىلگىرى سۈرۈشنى زىچ چۆرىدەپ، يېڭى تەرەققىيات قارىشىنى پۇختا تۇرغۇزۇپ ۋە ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پارتىيە رەھبەرلىكى، خەلق خوجايىن بولۇش ۋە دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنىڭ ئورگانىك بىرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، گوۋۇيۈەننىڭ ئومۇميۈزلۈك قېلىپلاشقان دۆلەت مۈلكىنى باشقۇرۇش ئەھۋالىنى دوكلات قىلىش تۈزۈمىنى ئورنىتىپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، خەلق قۇرۇلتىيى ۋە پۈتكۈل جەمئىيەتنىڭ دۆلەت مۈلكىگە بولغان نازارەتچىلىكىنى كۈچەيتىپ، دۆلەت مۈلكىنى باشقۇرۇشنىڭ ئاشكارىلىقى، ئېنىقلىقىنى ئاشۇرۇپ، دۆلەت مۈلكىنى باشقۇرۇش ۋە ئىدارە قىلىش سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش ئۈچۈن پۇختا ئاساس سېلىپ، دۆلەت مۈلكىنىڭ تەرەققىياتقا تېخىمۇ ياخشى مۇلازىمەت قىلىشى، خەلققە بەخت يارىتىشىغا تۈرتكە بولۇش.

  (2) ئاساسىي پىرىنسىپى

  ـــ پارتىيە رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇش. پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ مەركەزلىك بىر تۇتاش رەھبەرلىكىدە، قەتئىي توغرا بولغان سىياسىي يۆنىلىشتە چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە ۋە دۆلەت خىزمىتى ئومۇمىيىتىنى زىچ چۆرىدەپ، پارتىيەنىڭ نەزەرىيە، لۇشيەن، فاڭجېن، سىياسەتلىرىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ دۆلەت مۈلكى توغرىسىدىكى زور تەدبىر – ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈش.

  ـــ دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشتا چىڭ تۇرۇش. ئاساسىي قانۇن ۋە نازارەتچىلىك قانۇنى، خامچوت قانۇنى، كارخانىلارنىڭ دۆلەت مۈلكى قانۇنى قاتارلىق قانۇن – نىزاملارنى ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە يولغا قويۇپ، قانۇن بويىچە دوكلات قىلىش، قانۇن بويىچە نازارەت قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، قانۇندا بېكىتىلگەن ھوقۇق دائىرىسى بويىچە قاتتىق ئىش كۆرۈپ، قانۇندا بېكىتىلگەن تەرتىپكە رىئايە قىلىپ، توغرا نازارەت قىلىش، ئۈنۈملۈك نازارەت قىلىشنى ئىشقا ئاشۇرۇش.

  ـــ مەسىلە يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇش. ئىشنى تۈزۈم قۇرۇلۇشى ۋە تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشتىن باشلاپ، دۆلەت مۈلكىنىڭ تېگى – تەكتى ئېنىق بولماسلىق، باشقۇرۇش ئاشكارا، ئېنىق بولماسلىق، خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ نازارەت قىلىشىدىكى ئېھتىياجلىق ئۇچۇرلار تولۇق بولماسلىق ۋە نازارەت قىلىش كۈچلۈك بولماسلىق قاتارلىق گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى تىرىشىپ ھەل قىلىش.

  ـــ پۇختا قەدەم بىلەن ئىلگىرى سۈرۈشتە چىڭ تۇرۇش. ئومۇميۈزلۈك قېلىپلاشتۇرۇش، ئاشكارا، ئېنىق بولۇش، نازارەتچىلىك كۈچلۈك بولۇشنى نىشان قىلىپ، ئەمەلىيەتنى ئاساس قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئاساندىن قىيىنغا ئۆتۈپ، تۈرگە ئايرىپ تەدبىر بەلگىلەپ، تۈرلۈك دۆلەت مۈلكىنى باشقۇرۇشتىكى ئوخشاشمىغان ئەھۋالنى پەرقلەندۈرۈپ، دوكلات قىلىش دائىرىسىنى تەدرىجىي كېڭەيتىپ، دوكلاتنىڭ مەزمۇنىنى تولۇقلاپ، تولۇق، ئومۇميۈزلۈك قاپلاشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، نازارەتچىلىكنىڭ ئۈنۈمىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، دۆلەت مۈلكىنىڭ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش.

  ئۈچىنچى، دوكلات قىلىش شەكلى ۋە مۇھىم نۇقتىسى

  گوۋۇيۈەن ھەر يىلى مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىغا دۆلەت مۈلكىنى باشقۇرۇش ئەھۋالىنى دوكلات قىلىدۇ، گوۋۇيۈەندىكى مەسئۇل يولداش قانۇن بويىچە دوكلات بېرىدۇ، شۇنداقلا دوكلات بېرىشنى ئالاقىدار تارماقتىكى مەسئۇل يولداشقا ھاۋالە قىلسىمۇ بولىدۇ.

  (1) دوكلات قىلىش شەكلىنى ئايدىڭلاشتۇرۇش. گوۋۇيۈەننىڭ دۆلەت مۈلكىنى باشقۇرۇش ئەھۋالى توغرىسىدىكى يىللىق دوكلاتىدا ئۇنىۋېرسال دوكلات قىلىش بىلەن مەخسۇس دوكلات قىلىشنى بىرلەشتۈرۈش شەكلى قوللىنىلىدۇ. ئۇنىۋېرسال دوكلاتتا تۈرلۈك دۆلەت مۈلكىنى باشقۇرۇش ئەھۋالى ئومۇميۈزلۈك ئەكس ئەتتۈرۈلىدۇ، مەخسۇس دوكلاتتا كارخانىلارنىڭ دۆلەت مۈلكى (پۇل مۇئامىلە كارخانىلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالمايدۇ)، پۇل مۇئامىلە كارخانىلىرىنىڭ دۆلەت مۈلكى، مەمۇرىي، كەسپىي خاراكتېرلىك دۆلەت مۈلكى، دۆلەت ئىلكىدىكى تەبىئىي بايلىق قاتارلىق دۆلەت مۈلۈكلىرىنىڭ باشقۇرۇلۇش ئەھۋالى ئايرىم – ئايرىم ئەكس ئەتتۈرۈلىدۇ. تۈرلۈك دۆلەت مۈلكى دوكلاتىدا پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ئەھۋالى ئومۇملاشتۇرۇلۇپ ئەكس ئەتتۈرۈلىدۇ. كارخانىلارنىڭ دۆلەت مۈلكى (پۇل مۇئامىلە كارخانىلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالمايدۇ)، پۇل مۇئامىلە كارخانىلىرىنىڭ دۆلەت مۈلكى دوكلاتىدا مەركەزدىكى شۇ دەرىجىلىك ئەھۋال مۇھىم نۇقتا قىلىنىدۇ. ھەر نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ دائىمىي كومىتېتى ۋەزىپە ئۆتىگەن مەزگىلدە ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتىنىڭ ئاخىرقى يىلى گوۋۇيۈەن مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىغا يازما ئۇنىۋېرسال دوكلات تاپشۇرىدۇ ھەم ئاغزاكى دوكلات بېرىدۇ؛ باشقا يىللاردا يازما ئۇنىۋېرسال دوكلات تاپشۇرۇش بىلەن بىللە، بىر مەخسۇس ئەھۋال توغرىسىدا ئاغزاكى دوكلات بېرىدۇ.

  (2) دوكلاتنىڭ مۇھىم نۇقتىسىنى گەۋدىلەندۈرۈش. تۈرلۈك دۆلەت مۈلكىنىڭ خاراكتېرى ۋە باشقۇرۇش نىشانىغا ئاساسەن، تۈرلۈك دۆلەت مۈلكىنى باشقۇرۇش ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلاتنىڭ مۇھىم نۇقتىسى بېكىتىلىدۇ. كارخانىلارنىڭ دۆلەت مۈلكى (پۇل مۇئامىلە كارخانىلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالمايدۇ)، پۇل مۇئامىلە كارخانىلىرىنىڭ دۆلەت مۈلكى توغرىسىدىكى دوكلاتنىڭ مۇھىم نۇقتىسى: ئومۇمىي مۈلۈككە مەسئۇل بولۇش، دۆلەت كاپىتالىنىڭ سېلىنما يۆنىلىشى، ئورۇنلاشتۇرۇلۇشى ۋە خەۋپ – خەتىرىنى كونترول قىلىش، دۆلەت كارخانىلىرى ئىسلاھاتى، دۆلەت مۈلكىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش، دۆلەت مۈلكىنى بىر تەرەپ قىلىش ۋە پايدا تەقسىملەش، چېگرا سىرتىدىكى سېلىنما شەكىللەندۈرگەن مۈلۈك، كارخانىلاردىكى يۇقىرى دەرىجىلىك باشقۇرغۇچىلارنىڭ ئىش ھەققى قاتارلىق ئەھۋاللار. مەمۇرىي، كەسپىي خاراكتېرلىك دۆلەت مۈلكى توغرىسىدىكى دوكلاتنىڭ مۇھىم نۇقتىسى: مۈلۈك قەرزى ئومۇمىي مىقدارى، ئالاقىدار باشقۇرۇش تۈزۈمىنىڭ ئورنىتىلىشى ۋە يولغا قويۇلۇشى، مۈلۈكنىڭ تەقسىملىنىشى، ئىشلىتىلىشى، بىر تەرەپ قىلىنىشى ۋە پايدىسى، باشقۇرۇش تۈزۈلمىسى، مېخانىزمى ئىسلاھاتىنى ئىلگىرى سۈرۈش قاتارلىق ئەھۋاللار. دۆلەت ئىلكىدىكى تەبىئىي بايلىق دوكلاتىنىڭ مۇھىم نۇقتىسى: تەبىئىي بايلىق ئومۇمىي مىقدارى، دۆلەت زېمىن بوشلۇقىنى ئېچىش ئەندىزىسىنى ئەلالاشتۇرۇش، ئېكولوگىيەلىك مۇھىت سۈپىتىنى ياخشىلاش، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش قاتارلىق ئالاقىدار زور تۈزۈم قۇرۇلۇشلىرى، تەبىئىي بايلىقنى قوغداش ۋە پايدىلىنىش قاتارلىق ئەھۋاللار.

  (3) دوكلاتنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش. گوۋۇيۈەن ئۈنۈملۈك تەدبىر قوللىنىپ، چېگرا ئىچى – سىرتىدىكى دۆلەت مۈلكىنىڭ ئاساسىي ئەھۋالىنى ئىلمىي، توغرا، دەل ۋاقتىدا ئىگىلەپ، ئاساسىي مۈلۈكنى ھەقىقىي ئېنىقلاپ چىقىدۇ. مەملىكەت مىقياسىدا تۈرلۈك دۆلەت مۈلكىنى باشقۇرۇش ئەھۋالىنى دوكلات قىلىش تۈزۈمىنى ئورنىتىپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، دوكلات قىلىشنىڭ دائىرىسى، تۈرى، ئۆلچىمىنى قانۇن بويىچە ئايدىڭلاشتۇرىدۇ ۋە قېلىپلاشتۇرىدۇ. ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى گوۋۇيۈەن بەلگىلىگەن ۋاقىت، تەلەپ بويىچە ئۆز رايونىنىڭ دۆلەت مۈلكىنى باشقۇرۇش ئەھۋالىنى گوۋۇيۈەننىڭ جەملەپ چىقىشىغا يوللايدۇ، گوۋۇيۈەن دوكلاتنى تۈزىدۇ ھەم مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىغا مەركەز ۋە جايلارنىڭ دۆلەت مۈلكىنى باشقۇرۇش ئەھۋالىنى دوكلات قىلىدۇ. دۆلەتنىڭ بىرلىككە كەلگەن بوغالتىرلىق تۈزۈمى بويىچە دۆلەت مۈلكىنى ھېسابلاپ بىر تەرەپ قىلىشنى قېلىپلاشتۇرىدۇ، ئالاقىدار ئىستاتىستىكا تۈزۈمىنى تۈزىدۇ ۋە مۇكەممەللەشتۈرىدۇ، ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى، تارماقلار، ئورۇنلارنىڭ دۆلەت مۈلكى توغرىسىدىكى دوكلاتىنىڭ نەتىجىسىنىڭ مۇكەممەل، ئەينەن، ئىشەنچلىك، تەكشۈرگىلى بولىدىغان بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىدۇ. ھۆكۈمەتنىڭ ئۇنىۋېرسال مالىيە دوكلاتى ۋە تەبىئىي بايلىق مۈلۈك قەرز جەدۋىلىنى تېز تۈزۈپ چىقىدۇ. دۆلەت مۈلكىنى ئېنىقلاش، تەكشۈرۈش ۋە باھالاپ بېكىتىشنى تەشكىللىك قانات يايدۇرىدۇ، بىرلىككە كەلگەن ئۇسۇل، بىرلىككە كەلگەن تەلەپ بويىچە ئومۇمىي دۆلەت مۈلكى سانلىق مەلۇمات ئامبىرى قۇرىدۇ. ئومۇمىي دۆلەت مۈلكى ئۇچۇرلىرىدىن ھەمبەھرىلىنىش سۇپىسى قۇرۇپ، ئالاقىدار تارماق، ئورۇنلارنىڭ ئالاقىسىنى راۋانلاشتۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، تۈرلۈك دۆلەت مۈلكىنىڭ تەقسىملىنىش، ئىشلىتىلىش، بىر تەرەپ قىلىنىش ۋە پايدا ئېلىش قاتارلىق ئاساسىي ئەھۋالىنى ئومۇميۈزلۈك، تولۇق ئەكس ئەتتۈرىدۇ.

  تۆتىنچى، قاراپ چىقىش تەرتىپى ۋە مۇھىم نۇقتىسى

  مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى نازارەتچىلىك قانۇنى، خامچوت قانۇنى، كارخانىلارنىڭ دۆلەت مۈلكى قانۇنى قاتارلىق ئالاقىدار قانۇن – بەلگىلىمىلەرگە ئاساسەن، گوۋۇيۈەننىڭ دۆلەت مۈلكىنى باشقۇرۇش ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلاتىنى يىللىق نازارەتچىلىك خىزمىتى پىلانىغا كىرگۈزۈپ، قاراپ چىقىشنى ئىنچىكىلىك بىلەن تەشكىللەپ، ئاشكارا، ئېنىق بولۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئومۇميۈزلۈك نازارەتچىلىكنى يولغا قويىدۇ.

  (1) قاراپ چىقىش تەرتىپى. مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى دوكلاتقا قاراپ چىقىشتىن ئىلگىرى، كۆزدىن كەچۈرۈش ياكى مەخسۇس تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشنى تەشكىللىك قانات يايدۇرىدۇ، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ئالاقىدار مەخسۇس كومىتېتلىرى ياكى مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئالاقىدار خىزمەت ئاپپاراتى ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ پىكىر – تەكلىپلىرىنى توپلاپ، رەتلەپ، گوۋۇيۈەننىڭ مۇزاكىرە قىلىشى ۋە دوكلاتتا جاۋاب بېرىشىگە تاپشۇرىدۇ. گوۋۇيۈەننىڭ دوكلاتى بەلگىلىمە بويىچە مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى يىغىنى ئۆتكۈزۈلۈشتىن 20 كۈن بۇرۇن مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ئالاقىدار مەخسۇس كومىتېتلىرى ياكى مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئالاقىدار خىزمەت ئاپپاراتىغا تاپشۇرۇلۇپ، پىكىر ئېلىنىدۇ، يىغىن ئۆتكۈزۈلۈشتىن ئون كۈن بۇرۇن تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەندىن كېيىنكى دوكلات مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىغا سۇنۇلىدۇ. دوكلاتقا قاراپ چىقىشتا گوۋۇيۈەندىكى ئالاقىدار تارماقنىڭ مەسئۇلى يىغىندا پىكىر ئاڭلايدۇ، سوئاللارغا جاۋاب بېرىدۇ. دوكلاتقا قاراپ چىقىلغاندىن كېيىن، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى قاراپ چىقىش پىكرىنى گوۋۇيۈەننىڭ مۇزاكىرە قىلىپ بىر تەرەپ قىلىشىغا يوللايدۇ. گوۋۇيۈەن مەسىلە يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، قاراپ چىقىش پىكرىنى ئالاقىدار تارماقلارنىڭ مۇزاكىرە قىلىپ بىر تەرەپ قىلىشى ۋە تۈزىتىشىگە يوللايدۇ، جاۋابكارلىقنى سۈرۈشتۈرۈش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، جاۋابكارلىقنى سۈرۈشتۈرۈش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، قانۇن – ئىنتىزامغا خىلاپلىق قىلىشقا چېتىشلىقلىرىنى قانۇن – بەلگىلىمە بويىچە قاتتىق بىر تەرەپ قىلىدۇ ھەم ئالتە ئاي ئىچىدە مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىغا مۇزاكىرە قىلىپ بىر تەرەپ قىلىش ئەھۋالى ھەم ساقلانغان مەسىلىلەرنى تۈزىتىش ۋە جاۋابكارلىقنى سۈرۈشتۈرۈش ئەھۋالىنى دوكلات قىلىدۇ. مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى ئەھۋالغا قاراپ مەخسۇس سۈرۈشتۈرۈش، سوئال قويۇش ۋە ئالاھىدە بېكىتىلگەن مەسىلە بويىچە تەكشۈرۈش قاتارلىق ئۇسۇللاردىن ئۇنىۋېرسال پايدىلانسا بولىدۇ، زۆرۈر تېپىلغاندا قانۇن بويىچە قارار چىقارسىمۇ بولىدۇ. گوۋۇيۈەن قاراردا بەلگىلەنگەن مۆھلەت ئىچىدە قارارنى ئىجرا قىلىش ئەھۋالىنى مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىغا دوكلات قىلىدۇ.

  (2) قاراپ چىقىشنىڭ مۇھىم نۇقتىسى. مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى گوۋۇيۈەننىڭ دۆلەت مۈلكىنى باشقۇرۇش ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلاتىغا قاراپ چىقىپ، دۆلەت مۈلكىنى نازارەت قىلىشنى قانات يايدۇرغاندا، تۆۋەندىكى بىرقانچە تەرەپكە ئەھمىيەت بېرىشى كېرەك: بىرىنچى، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ دۆلەت مۈلكى توغرىسىدىكى مۇھىم تەدبىر – ئورۇنلاشتۇرمىلىرى ۋە فاڭجېن – سىياسەتلىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئەھۋالى؛ ئىككىنچى، ئالاقىدار قانۇنلارنى يولغا قويۇش ئەھۋالى؛ ئۈچىنچى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ قاراپ چىقىش پىكرى ۋە قارارىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئەھۋالى؛ تۆتىنچى، دۆلەت مۈلكىنى باشقۇرۇش تۈزۈلمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ دۆلەت مۈلكى ۋە دۆلەت كارخانىلىرى ئىسلاھاتى توغرىسىدىكى لايىھەسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئەھۋالى؛ بەشىنچى، دۆلەت كاپىتالىنىڭ دۆلەتنىڭ ئىستراتېگىيەلىك نىشانىغا خىزمەت قىلىش، جامائەت مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەش، ئالدىنقى قاتاردىكى مۇھىم ئىستراتېگىيەلىك كەسىپلەرنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداش، پەن – تېخنىكا تەرەققىياتىغا تىرەك بولۇش، دۆلەت بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش ئەھۋالى؛ ئالتىنچى، دۆلەت كاپىتالىنىڭ قىممىتىنى ساقلاش، ئاشۇرۇش، دۆلەت مۈلكىنىڭ ئېقىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش تۈزۈمىنى ئورنىتىش ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈش، دۆلەت كارخانىلىرىنى قوشۇۋېتىش ھەم قايتا تەشكىللەش، ۋەيران بولغاندىن كېيىنكى ھېساباتىنى ئېنىقلاش قاتارلىق دۆلەت مۈلكىنى بىر تەرەپ قىلىش ۋە دۆلەت مۈلكىدىن ئالغان پايدىنى تەقسىملەش ئەھۋالى؛ يەتتىنچى، يېشىل تەرەققىيات ۋە ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئەھۋالى؛ سەككىزىنچى، ئىقتىسادنى تەپتىش قىلىشتا بايقالغان ئالاقىدار مەسىلىلەرنى تۈزىتىش ئەھۋالى؛ توققۇزىنچى، دۆلەت مۈلكىنى باشقۇرۇشقا مۇناسىۋەتلىك باشقا مۇھىم ئەھۋاللار.

  (3) ئاشكارا، ئوچۇق بولۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش. مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى نازارەتچىلىك قانۇنى قاتارلىق قانۇن – بەلگىلىمىلەر بويىچە دۆلەت مۈلكىنى باشقۇرۇش ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلات ۋە قاراپ چىقىش پىكرىنى، گوۋۇيۈەننىڭ قاراپ چىقىش پىكرىنى مۇزاكىرە قىلىپ بىر تەرەپ قىلىش ئەھۋالى ياكى قارارنى ئىجرا قىلىش ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلاتىنى مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىگە ۋاقتىدا ئۇقتۇرىدۇ ۋە جەمئىيەتكە ئېلان قىلىدۇ (مەخپىيەتلىكنى ساقلاشقا دائىر قانۇن – نىزاملاردا بەلگىلەنگەن ئاشكارىلاشقا بولمايدىغان مەزمۇنلار بۇنىڭ سىرتىدا). مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ قىسمەن ۋەكىللىرىنى دوكلاتقا قاراپ چىقىش ۋە ئالاقىدار كۆزدىن كەچۈرۈش، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش پائالىيەتلىرىگە قاتنىشىشقا تەكلىپ قىلىشقا ھەم ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ پىكرىنى ئاڭلاپ، جەمئىيەت كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان مەسىلىلەرگە ئىنكاس قايتۇرۇشقا بولىدۇ.

  (4) خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ دۆلەت مۈلكى توغرىسىدىكى دوكلاتنى نازارەت قىلىش مېخانىزمىنى ئورنىتىش ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈش. مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى دۆلەت مۈلكىنى نازارەت قىلىشنى كۈچەيتىپ، گوۋۇيۈەننىڭ دۆلەت مۈلكىنى باشقۇرۇش ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلاتىنى ئاڭلاش ۋە قاراپ چىقىش خىزمىتىنى خامچوت، نەق چوتنى تەكشۈرۈش، نازارەت قىلىش بىلەن زىچ جىپسىلاشتۇرىدۇ، بولۇپمۇ دۆلەت كاپىتال تىجارىتىنىڭ خامچوت، نەق چوتىنى، تارماقلارنىڭ خامچوت، نەق چوتىنى تەكشۈرۈش، نازارەت قىلىش بىلەن بىرلەشتۈرىدۇ، شارائىت ھازىرلانغاندا ھۆكۈمەتنىڭ ئۇنىۋېرسال مالىيە دوكلاتىنى نازارەت قىلىش خىزمىتى بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ كۆپ قاتلاملىق، كۆپ نۇقتىلىق، ھەم ئۆزئارا ئىش تەقسىملەنگەن، ھەم ئورگانىك جىپسىلاشتۇرۇلغان دۆلەت مۈلكىنى دوكلات قىلىش ۋە نازارەت قىلىش مېخانىزمىنى ئورنىتىدۇ. مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى يەرلىك خەلق قۇرۇلتايلىرىنىڭ دۆلەت مۈلكىنى نازارەت قىلىش خىزمىتىگە بولغان يېتەكچىلىكنى كۈچەيتىدۇ. ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى جايلار ئۆز جايىنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىغا ئاساسەن، ھۆكۈمەتنىڭ شۇ دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىغا دۆلەت مۈلكىنى باشقۇرۇش ئەھۋالىنى دوكلات قىلىش تۈزۈمىنى ئورنىتىدۇ.

  بەشىنچى، تەشكىلىي كاپالەت

  مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى بىلەن گوۋۇيۈەن ئىش تەقسىماتىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، خىزمەت مېخانىزمىنى ئورنىتىپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، دۆلەت مۈلكىنى باشقۇرۇش ئەھۋالىنى دوكلات قىلىشنى قېلىپلاشتۇرۇش، تەرتىپلەشتۈرۈشنى ئۈزلۈكسىز ئىلگىرى سۈرىدۇ.

  (1) ئىش تەقسىماتىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، مەسئۇلىيەتنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش. گوۋۇيۈەن دوكلاتنىڭ ئېھتىياجىغا ئاساسەن، يىللىق ئۇنىۋېرسال دوكلات ۋە مەخسۇس دوكلاتنى مەسئۇل بولۇپ تەييارلايدىغان تارماقلارنى بېكىتىدۇ. باشقا مۇناسىۋەتلىك تارماق، ئورۇنلار ئالاقىدار تەلەپلەرگە ئاساسەن ئۆزى باشقۇرۇۋاتقان دۆلەت مۈلكىنىڭ ھازىرقى ئەھۋالى ھەم باشقۇرۇش ئەھۋالىنى ۋاقتىدا، توغرا، مۇكەممەل تەمىنلەيدۇ. مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى تەشكىلىي تۈزۈم ۋە خىزمەت تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، قوشۇننىڭ ئىقتىدار قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، قانۇندا بېكىتىلگەن تەرتىپ بويىچە مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ئالاقىدار مەخسۇس كومىتېتلىرى ۋە مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئالاقىدار خىزمەت ئاپپاراتىنى مۇناسىۋەتلىك خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلەشكە تەشكىللەيدۇ.

  (2) ئالاقىلىشىش، ماسلاشتۇرۇش مېخانىزمى ئورنىتىش. مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ئالاقىدار مەخسۇس كومىتېتلىرى ۋە مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئالاقىدار خىزمەت ئاپپاراتى ۋەزىپىسى بويىچە خىزمەت تەقسىملەپ، گوۋۇيۈەننىڭ ئالاقىدار تارماقلىرى بىلەن دۆلەت مۈلكىنى باشقۇرۇش ئەھۋالى دوكلاتىدىكى كونكرېت خىزمەتلەر توغرىسىدا ئالاقىلىشىش ۋە ماسلاشتۇرۇشقا مەسئۇل بولۇپ، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ دۆلەت مۈلكىنى نازارەت قىلىشنى كۈچەيتىشىنى مۇلازىمەت كاپالىتى بىلەن تەمىنلەيدۇ. گوۋۇيۈەننىڭ ئالاقىدار تارماقلىرى مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئالاقىدار خىزمەت ئاپپاراتىنى مۇناسىۋەتلىك ھۆججەت ۋە ماتېرىياللار بىلەن ۋاقتىدا تەمىنلەيدۇ.

  (3) ۋاقتىدا خۇلاسىلەش ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈش. ئەمەلىي تەجرىبىلەرنى ئەستايىدىل خۇلاسىلەش ئاساسىدا، دۆلەت مۈلكىنى باشقۇرۇش تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتىنىڭ ئىلگىرىلەش ئەھۋالىغا بىرلەشتۈرۈلۈپ، گوۋۇيۈەننىڭ مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىغا دۆلەت مۈلكىنى باشقۇرۇش ئەھۋالىنى دوكلات قىلىش تۈزۈمى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتۈرۈلىدۇ.

  (شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 1 – ئاينىڭ 14 – كۈنى تېلېگراممىسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.