تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   ئوبزور

پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشتا قەتئىي تەۋرەنمەي چىڭ تۇرۇپ، ئۇنى ئۇزاققىچە داۋاملاشتۇرايلى

  __ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ 19–نۆۋەتلىك مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ 2–ئومۇمىي يىغىنىدا قىلغان سۆزىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش توغرىسىدا(3)

  ‹‹خەلق گېزىتى›› ئوبزورچىسى

  چىڭ تۇرمىسا چوڭقۇرلاشتۇرغىلى، چوڭقۇرلاشتۇرمىسا چىڭ تۇرغىلى بولمايدۇ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىش مەڭگۈ داۋاملىشىدۇ.

  ‹‹بىز مەسىلە يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، ئىستراتېگىيەلىك ئىرادىنى ساقلاپ، <قانچە جاپالىق بولغانسېرى شۇنچە ئىلگىرىلەيدىغان> قەھرىمانلىق جاسارىتى ۋە <تار يولدا ئۇچراشقاندا ئەزىمەتلەر غالىب كېلىدىغان> كۈرەش روھىنى قەتئىي تەۋرەنمەي داۋاملاشتۇرۇشىمىز كېرەك››. 19 – نۆۋەتلىك مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ 2 – ئومۇمىي يىغىنىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ مەسىلە يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە دۇچ كەلگەن خەۋپ – خەتەر ۋە خىرىسنى چوڭقۇر تەھلىل قىلىپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشتىكى ئىستراتېگىيەلىك ئىرادىنى ئىزچىل ساقلاشنى ئېنىق تەلەپ قىلدى. بۇ مۇھىم سۆز يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشتىكى قەتئىي تەۋرەنمەيدىغان روشەن پوزىتسىيەسى ۋە قەتئىي ئىرادىسىنى تولۇق ئىپادىلەپ، پۈتۈن پارتىيەنىڭ ‹‹تۆت ئاڭ››نى پۇختا تۇرغۇزۇشى، ‹‹تۆتكە بويسۇنۇش››قا قاتتىق ئەمەل قىلىشى، يېڭى دەۋردىكى پارتىيە قۇرۇلۇشىنىڭ ئومۇمىي تەلىپىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇشى ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈشىنى مۇھىم قوللانما بىلەن تەمىنلىدى.

  پارتىيەمىز قاچانكى قۇدرەت تېپىپ كۈچەيسە، شۇ چاغدا پارتىيە ۋە خەلق ئىشلىرى ئومۇميۈزلۈك ئۇتۇق قازىنىدۇ. جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يېڭى دەۋرگە كىردى، پارتىيە قۇرۇلۇشى ۋەزىپىسى ئىنتايىن مۈشكۈل. پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشقا ياخشى ئاساس سېلىنىپ، چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىدە مۇتلەق ئۈستۈنلۈك ۋەزىيىتى شەكىللەنگەن ھەم مۇستەھكەملىنىپ تەرەققىي قىلغان بولسىمۇ، لېكىن شۇنىمۇ كۆرۈش كېرەككى، پارتىيەمىز دۇچ كەلگەن ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش مۇھىتى يەنىلا مۇرەككەپ، پارتىيەنىڭ ئىلغارلىقىغا تەسىر يەتكۈزىدىغان، پارتىيەنىڭ ساپلىقىنى ئاجىزلاشتۇرىدىغان ئامىللارمۇ مۇرەككەپ، پارتىيە ئىچىدە ساقلىنىۋاتقان ئىدىيە ساپ بولماسلىق، تەشكىلات ساپ بولماسلىق، ئىستىل ساپ بولماسلىق قاتارلىق گەۋدىلىك مەسىلىلەر تېخى تۈپتىن ھەل بولغىنى يوق. پارتىيە ئىچىدە پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشقا قارىتا يەنىلا مۈجمەل تونۇش ۋە خاتا سۆزلەر مەۋجۇت، بۇنىڭغا يەنە ئۆز نۆۋىتىدە تېخىمۇ كۈچلۈك بولغان پارتىيەنى باشقۇرۇش، پارتىيەنى ئىدارە قىلىش ئەمەلىيىتى بىلەن جاۋاب قايتۇرۇشقا توغرا كېلىدۇ. بىز جەزمەن ئۇيۇل تاشتەك ئىرادىمىز، يىمىرىلمەس جاسارىتىمىز بىلەن پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنى ئۇزاققىچە داۋاملاشتۇرۇشىمىز كېرەك.

  پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنى ئىزچىل داۋاملاشتۇرۇش ۋە ئۇنىڭدا قەتئىي تەۋرەنمەسلىكنى پۈتۈن پارتىيە دۇچ كەلگەن خەۋپ – خەتەر ۋە خىرىسنىڭ ئۇزاق مۇددەتلىكلىكى، مۇرەككەپلىكى، كەسكىنلىكى بەلگىلىگەن. بەزى پارتىيەلىك كادىرلار جۈملىدىن يۇقىرى دەرىجىلىك رەھبىرىي كادىرلار ‹‹تۆت ئىشەنچ››نى مۇستەھكەم تۇرغۇزمىدى؛ سىياسىي ئىنتىزام ۋە سىياسىي قائىدىگە خىلاپلىق قىلىش ھەتتا پارتىيەگە سادىق بولماسلىق ئەھۋالى يەنىلا مەۋجۇت؛ بەزى پارتىيە تەشكىلاتلىرى پارتىيە ئىچىدىكى سىياسىي تۇرمۇشنى چىڭ تۇتمىدى، سىياسىي ئېكولوگىيەنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ۋەزىپىسى مۈشكۈل؛ ‹‹تۆت خاھىش›› مەسىلىسىنىڭ قايتا باش كۆتۈرۈش يوشۇرۇن خەۋپى مەۋجۇت، چىرىكلىشىش پەيدا بولىدىغان تۇپراق تېخى تولۇق تازىلانمىدى؛ بەزى جايلاردا پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنىڭ بېسىمى جايىدا يەتكۈزۈلمىدى، ئاممىنىڭ ئىنكاسى كۈچلۈك مەسىلىلەر تېخىچە ئۈنۈملۈك نېگىزىدىن ھەل قىلىنمىدى... پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشى ۋەزىيىتىنىڭ يەنىلا كەسكىن، مۇرەككەپلىكى توغرىسىدىكى ھۆكۈمى قاراتمىلىققا ئىگە، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشتا يەنىلا ۋەزىپە مۈشكۈل، يول يىراق. دائىملاشتۇرۇش بىلەن ئۇزاق مۇددەت داۋاملاشتۇرۇش، قاتتىق بولۇش بىلەن ئەمەلىي بولۇش، چوڭقۇرلاشتۇرۇش بىلەن ئىنچىكىلەشتۈرۈشكە داۋاملىق كۈچەپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلغاندىلا ئاندىن باشقۇرۇشنى ئادەتكە ئايلاندۇرغىلى، چىڭ تۇتۇشتا ئۈنۈم ھاسىل قىلغىلى بولىدۇ.

  پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنى ئىزچىل داۋاملاشتۇرۇش ۋە ئۇنىڭدا قەتئىي تەۋرەنمەسلىك پارتىيەنىڭ قوشۇن ۋە ئۆز ئەھۋالىدا زور ھەم چوڭقۇر ئۆزگىرىش بولغانلىقى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك. ھازىر پارتىيە ئەزالىرى قوشۇنىدا قۇرۇلمىلىق ئۆزگىرىش بولدى، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشتىن كېيىن ئەزا بولغان پارتىيە ئەزالىرى پارتىيە ئەزالىرى ئومۇمىي سانىنىڭ %80ىگە يېقىنلاشتى، 60 –، 70 – يىللاردا تۇغۇلغان پارتىيە ئەزالىرى رەھبىرىي كادىرلارنىڭ ئاساسىي گەۋدىسىگە ئايلاندى، 80 – ، 90 – يىللاردا تۇغۇلغان پارتىيە ئەزالىرى تەدرىجىي ئۆسۈپ يېتىلدى. بۇ يولداشلارنىڭ ئەۋزەللىكى ئوقۇش تارىخى بىر قەدەر يۇقىرى، بىلىمى مول، تېتىك، لېكىن ئۇلاردا پارتىيە ئىچىدىكى سىياسىي تۇرمۇشتا قاتتىق چېنىقىش ۋە جاپالىق مۇھىتقا بەرداشلىق بېرىش سىنىقى كەمچىل. بەزى ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرىنىڭ ئاپپارات تەسىس قىلىش شەكلى ۋە پائالىيەت شەكلى دەۋر قەدىمىگە ئەسلا يېتىشەلمىدى، ‹‹ئۈچ يىغىن، بىر دەرس››تە شەكىلۋازلىق قىلىش، پارتىيە ئىچىدىكى تەشكىلىي تۇرمۇشتا ئىختىيارىيلىشىش، سۇسلىشىش، كۆڭۈل ئېچىش، چاكىنىلىشىش مەسىلىسى گەۋدىلىك. بىز ۋەزىيەتنىڭ تەرەققىيات ئۆزگىرىشى، پارتىيە ئەزالىرى قۇرۇلمىسىنىڭ چوڭقۇر ئۆزگىرىشىگە پائال ماسلىشىپ، پارتىيە تەشكىلاتىنىڭ سىياسىي ئىقتىدارى ۋە تەشكىلىي ئىقتىدارىنى كۈچەيتىپ، كەسكىن سىياسىي تۇرمۇشتا تاۋلىنىپ، يېڭى دەۋر، يېڭى تەلەپكە ئۇيغۇنلىشىش يېڭى ماھارىتى ۋە ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشىمىز كېرەك.

  پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيى دوكلاتىدا مۇنداق تەكىتلەندى: ‹‹ئۆزى ئۈستىدە دادىل ئىنقىلاب قىلىپ، پارتىيەنى قاتتىق باشقۇرۇش، پارتىيەنى قاتتىق ئىدارە قىلىش ـــ پارتىيەمىزنىڭ ئەڭ روشەن خىسلىتى››. مەسىلە يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، ئىستراتېگىيەلىك ئىرادىنى ساقلاپ، باشتىن – ئاخىر بېلىمىزنى چىڭ باغلىغاندىلا، پارتىيەنىڭ ئۆزى ئۈستىدە ئىنقىلاب قىلىشى ئارقىلىق پارتىيەنىڭ خەلققە رەھبەرلىك قىلىپ ئۇلۇغ ئىجتىمائىي ئىنقىلاب قىلىشىغا تۈرتكە بولۇپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشنىڭ ھەل قىلغۇچ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى كۈچلۈك سىياسىي كاپالەت بىلەن تەمىنلىيەلەيمىز.

  (شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 1 – ئاينىڭ 14 – كۈنى تېلېگراممىسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى