تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى 59–قېتىملىق دائىمىي يىغىن ئاچتى

  يۈەن لېي خەۋەر قىلىدۇ: ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى شۆھرەت زاكىرنىڭ رىياسەتچىلىكىدە 1 – ئاينىڭ 12 – كۈنى ئاپتونوم رايونلۇق 12 – نۆۋەتلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ 59 – قېتىملىق دائىمىي يىغىنى ئېچىلىپ، 2018 – يىللىق ‹‹ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلات››(مۇزاكىرە نۇسخىسى) قاراپ چىقىلدى، ‹‹ئاپتونوم رايوننىڭ مەركەز يەرلىكنىڭ يولغا قويۇشىنى بېكىتكەن 4 – تۈركۈمدىكى مەمۇرىي ئىجازەت تۈرلىرىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش توغرىسىدىكى قارارى››، ‹‹شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ مەمۇرىي ئىشلاردىكى سەمىمىيەت قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش خىزمەت لايىھەسى›› قاتارلىقلار مۇزاكىرە قىلىندى.

  يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلات ھۆكۈمەتنىڭ خەلققە بەرگەن تەنتەنىلىك ۋەدىسىنى نامايان قىلىدۇ، ئۇ ئاپتونوم رايونىمىز خەلقىنىڭ نازارىتىنى قوبۇل قىلىشتىكى مۇھىم ۋاسىتە. 2018 – يىللىق ‹‹ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلات››تا ھەم بۇ نۆۋەتلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ خىزمىتىنى ئومۇميۈلۈك خۇلاسىلەش ھەم بۇنىڭدىن كېيىنكى بەش يىللىق ۋە 2018 – يىللىق ھۆكۈمەت خىزمىتىنى پىلانلاش، ئورۇنلاشتۇرۇش ئىنتايىن مۇھىم. قايتا – قايتا پىكىر ئېلىش ۋە كۆپ قېتىم ئۆزگەرتىپ مۇكەممەللەشتۈرۈش ئارقىلىق 2018 – يىللىق ‹‹ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلات›› (مۇزاكىرە نۇسخىسى) بىر قەدەر ياخشى ئاساسقا ئىگە بولدى، تەييارلاش گۇرۇپپىسى تېخىمۇ ياخشى تۈزىتىپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، 12 – نۆۋەتلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ مەركىزىي كومىتېتنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى زىچ چۆرىدەپ، ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي ئىشلارنىڭ تېخىمۇ ياخشى، تېخىمۇ تېز تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش جەھەتتە ئىشلىگەن خىزمەتلىرى ۋە قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرىنى تولۇق نامايان قىلىشى، پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ روھى، مەركەزنىڭ ئىقتىساد خىزمىتى يىغىنىنىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈش، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ ئىقتىساد خىزمىتى يىغىنىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئاساسىدا، ھۆكۈمەت خىزمىتىنىڭ كېيىنكى بەش يىلدىكى ئومۇمىي تەپەككۇرى ۋە 2018 – يىللىق نۇقتىلىق خىزمەت ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئىشەنچنى تېخىمۇ ئۇرغۇتۇشى، ئەلرايىنى ئەكس ئەتتۈرۈشى، ئاممىغا يېقىنلىشىشى كېرەك.

  يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: ‹‹گوۋۇيۈەننىڭ بىر تۈركۈم مەمۇرىي ئىجازەت تۈرلىرىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش توغرىسىدىكى قارارى››دىكى ئالاقىدار بەلگىلىمىلەرگە ئاساسەن ئاپتونوم رايوننىڭ مۇزاكىرە قىلىشى ئارقىلىق مەركەز يەرلىكنىڭ يولغا قويۇشىنى بېكىتكەن سەككىز مەمۇرىي ئىجازەت تۈرىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش قارار قىلىندى. تارماقلار 19 – قۇرۇلتايدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان ‹‹ھۆكۈمەت فۇنكسىيەسىنى ئۆزگەرتىپ، مەمۇرىيەتنى ئىخچاملاپ ھوقۇقنى تۆۋەنگە بېرىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئۇسۇلىدا يېڭىلىق يارىتىپ، ھۆكۈمەتنىڭ ئىناۋىتى ۋە ئىجرا كۈچىنى ئاشۇرۇپ، خەلقنى رازى قىلىدىغان مۇلازىمەتچان ھۆكۈمەت قۇرۇپ چىقىش›› تەلىپىگە ئاساسەن، ئەمەلدىن قالدۇرۇلغان تۈرلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش خىزمىتىنى پۇختا ئىشلەپ، تۈرلۈك جىپسىلاشتۇرۇش خىزمىتىنى چىڭ تۇتۇپ، ئىش داۋامىدىكى، ئىشتىن كېيىنكى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش مەسئۇلىيىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مەمۇرىيەتنى ئىخچاملاپ ھوقۇقنى تۆۋەنگە بېرىشتىكى ماسلاشتۇرۇشنى، ئىش داۋامىدىكى، ئىشتىن كېيىنكى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنىڭ ئۈنۈمىنى، جامائەت مۇلازىمىتىنىڭ قولايلىشىشىنى ھەقىقىي كۈچەيتىپ، ئادىل، باراۋەر بولغان بازار تەرتىپىنى قەتئىي قوغداپ، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي ئىشلارنىڭ سىجىل، ساغلام تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشى كېرەك.

  يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: ھۆكۈمەتنىڭ ئىناۋەت دەرىجىسى ئىجتىمائىي ئىناۋەت سىستېمىسى قۇرۇلۇشىدا مۇھىم يېتەكچىلىك ۋە ئۈلگىلىك رول ئوينايدۇ، ھۆكۈمەتنىڭ ئىناۋەت دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈپ، تىجارەت – سودا مۇھىتىنى ئەلالاشتۇرۇپ، سېلىنما تىجارىتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، باشقۇرۇش سىستېمىسى ۋە باشقۇرۇش ئىقتىدارىنى زامانىۋىلاشتۇرۇشقا تۈرتكە بولۇش ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. جايلار ۋە تارماقلار مەمۇرىيەتنى قانۇن بويىچە يۈرگۈزۈش، مەمۇرىيەتنى ئاشكارىلاش، تىرىشىپ ئىشلەپ ئۈنۈمنى ئۆستۈرۈش، لەۋزىدە تۇرۇپ ۋەدىسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش، لەۋزىدە تۇرمىغانلارنى جازالاشنى ھۆكۈمەت ئىشىدا سەمىمىي بولۇشنىڭ ئاساسىي پىرىنسىپى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، مەمۇرىي ئىشلاردا لەۋزىدە تۇرمىغانلارنىڭ خاتىرىسىنى تۇرغۇزۇپ، لەۋزىدە تۇرمىغانلارنى جازالاشنى مەمۇرىي ئىشلاردا سەمىمىي بولۇش قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى مۇھىم تەدبىر قىلىپ، ئاممىنىڭ مەنپەئىتىگە خەۋپ يەتكۈزۈش، بازارنىڭ ئادىللىقىغا زىيان سېلىش قاتارلىق مەمۇرىي ئىشلاردا لەۋزىدە تۇرماسلىق قىلمىشلىرىنى نۇقتىلىق تۈزەپ، ھەيدەكچىلىك قىلىش، باھالاشنى كۈچەيتىپ، ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ مەمۇرىيەتنى سەمىمىي يۈرگۈزۈش سەۋىيەسى ۋە مەمۇرلارنىڭ مەسئۇلىيىتىنى سەمىمىي ئادا قىلىش ئېڭىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈشى كېرەك.

  يىغىندا يەنە باشقا ئىشلارمۇ مۇزاكىرە قىلىندى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى