تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئۈرۈمچى

ئۈرۈمچى يىپەك يولى قار–مۇز بايرىمى باشلاندى

  مۇخبىرلىرىمىز جاۋ چۈنخۇا، سۇ لۇپىڭ خەۋەر قىلىدۇ: ‹‹يانۋاردىكى ئۈرۈمچى›› دېگەن ئۇسسۇللۇق ناخشىنىڭ شادىيانە رىتىمىغا ئەگىشىپ، 15 – نۆۋەتلىك ئۈرۈمچى يىپەك يولى قار – مۇز بايرىمى 1 – ئاينىڭ 13 – كۈنى ئۈرۈمچى ناھىيەسى شۈيشىگۇ بازىرى يىپەك يولى خەلقئارا ئىستىراھەت رايونىدا باشلاندى.

  بۇ قېتىملىق قار – مۇز بايرىمىدا ‹‹قۇتلۇق مۇز، خاسىيەتلىك قار جەزبدار يىپەك يولى›› باش تېما قىلىنغان بولۇپ، پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ‹‹قار – مۇزلارمۇ بىر بايلىق›› دەيدىغان تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ھەر مىللەت ئاممىنى قار – مۇز ھەرىكىتىگە ئاتلىنىپ بەدەن چېنىقتۇرۇش، بىرلىكتە گۈزەل يۇرت – ماكان قۇرۇپ چىقىشقا يېتەكلەش ئاساسىي مەقسەت قىلىنغان.

  مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ رىياسەتچىسى نىغمەت راخمان باشلىنىش مۇراسىمىغا رىياسەتچىلىك قىلدى، ‹‹ئىناق شىنجاڭ››، ‹‹داپ ئۇسسۇلى›› قاتارلىق نومۇرلار تاماشىبىنلارنىڭ قىزغىنلىقىنى يۇقىرى پەللىگە كۆتۈردى. باشلىنىش مۇراسىمى ئاياغلاشقاندىن كېيىن، 20 ‹‹خاسىيەتلىك قار بالا›› بىلەن ‹‹قۇتلۇق مۇز بالا›› قىزىل پانۇسلارنى كۆتۈرۈپ سەكرىشىپ، سەھنىنى جانلاندۇردى، 50 تەنھەرىكەتچى تاماشىبىنلارغا ئېسىل مۇز تېيىلىش نومۇرلىرىنى كۆرسەتتى.

  ئىگىلىنىشىچە، بايرام مەزگىلىدە ئۈرۈمچىدىكى ناھىيە، رايونلار، ئورۇنلار، مەنزىرە رايونلىرى، ساياھەت كوپىراتىپلىرى 90 خىلغا يېقىن ئۆزگىچە مول مەزمۇنلۇق قار – مۇز پائالىيىتىنى قانات يايدۇرىدىكەن. بۇنىڭ ئىچىدە ئاممىۋى تەنتەربىيە پائالىيەتلىرىدىن قىشلىق قىزىقارلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى، ئىشچى – خىزمەتچىلەر قار – مۇز پائالىيىتى، ئۈرۈمچى شەھەرلىك مۇز ئۈستى ئەنئەنىۋى تۈر مەكتىپىنىڭ تېز مۇز تېيىلىش مۇسابىقىسى قاتارلىقلار؛ ئاممىۋى مەدەنىيەت پائالىيەتلىرىدىن ‹‹گۈللىنىۋاتقان جۇڭگو›› پانۇس كۆرگەزمىسى، يىپەك يولى چاغانلىق چوڭ تىپتىكى كېچىدە قار تېيىلىش چىراغ كۆرگەزمىسى، قىشلىق فوتو سۈرەت مۇسابىقىسى قاتارلىقلار؛ ئاممىۋى ساياھەت پائالىيەتلىرىدىن ئاتا – ئانىلار بىلەن بالىلارنىڭ بىر كۈنلۈك قار – مۇز ساياھىتى، قىشلىق ساياھەتنى مەھەللىلەرگە يۈزلەندۈرۈش پائالىيىتى قاتارلىقلار بار ئىكەن. قار – مۇز بايرىمىدا يەنە شەھەر ئاھالىلىرىگە ‹‹ئالاقە تورى +›› شەكلىدە قار – مۇز ساياھىتى كارتىسى ھەقسىز تارقىتىلىدىكەن.

  تونۇشتۇرۇلۇشىچە، 2017 – يىلى 12 – ئايدا ئۈرۈمچى شەھىرى ‹‹جۇڭگودىكى ئون مۇنەۋۋەر قار – مۇز ساياھەت شەھىرى›› دېگەن نامغا ئېرىشكەن بولۇپ، ئۈرۈمچى يىپەك يولى قار – مۇز بايرىمىمۇ ‹‹مەملىكەتلىك ئون مۇنەۋۋەر قار – مۇز ساياھىتى بايرىمى ھەرىكىتى›› دېگەن نامغا ئېرىشكەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى