تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

‹‹ئورگانىك بوستانلىق›› بىنا قىلىنىپ، ‹‹قىزىل ئىقتىساد››كۈچەيتىلدى

  ـــ چەرچەن ناھىيەسىنىڭ چىلانچىلىق كەسپىدە تەمىنلەش ھالقىسىدا قۇرۇلمىلىق ئىسلاھات ئېلىپ بارغانلىقى توغرىسىدا

  كاڭ خۇينا

  ھازىر چەرچەن ناھىيەسىنىڭ چىلانلىرى ئاساسەن سېتىلىپ بولدى، باھاسىمۇ تەدرىجىي ئۆستى، چىلانچىلارنىڭ كىرىمى ياخشى بولدى.

  چەرچەن ناھىيەسىنىڭ يېڭى ئۆستەڭ يېزىسى كۆتۈرمە ئېرىق كەنتىدىكى غېنى ھەسەن بۇلتۇر چىلىنىدىن 54 مىڭ يۈەندىن كۆپرەك كىرىم قىلىپ، كىرىمىنى ئوزاقى يىلىدىكىدىن بىر ھەسسىدىن كۆپرەك قاتلىدى.

  چەرچەن ناھىيەسىدىكى چىلانچىلارنىڭ بۇلتۇر يىللىق كىرىمىنى ئاشۇرۇشتىكى ‹‹سىرى›› نېمە؟ بۇنى بىلىش ئۈچۈن بۇلتۇر 12 – ئاينىڭ باشلىرىدا چەرچەن ناھىيەسىدە زىيارەتتە بولدۇم.

  ئورگانىك چىلانچىلىقنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، يېزا ئىگىلىكىنىڭ ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇشنى ئىلگىرى سۈردى.

  غېنى ھەسەن مۇنداق دېدى: بۇلتۇرقى ئەھۋالىم 2016 – يىلىغا ئوخشىمايدۇ، 3400 كىلوگىرام چىلىنىمنىڭ كىلوگىرامىنى 16 يۈەندىن سېتىپ، 54 مىڭ يۈەندىن كۆپرەك كىرىم قىلدىم. 2016 – يىلى چىلاندىن 3300 كىلوگىرام ھوسۇل ئېلىپ، سودىگەرلەرگە ھەر كىلوگىرامىنى ئاران ئالتە يۈەندىن سېتىپ، 20 نەچچە مىڭ يۈەنلا كىرىم قىلغانىدىم. بۇنىڭدىن تەننەرخنى چىقىرىۋەتكەندە قالغان پايدىسى 10 مىڭ يۈەنگىمۇ يەتمىگەنىدى.

  غېنى ھەسەن 2007 – يىلىدىن باشلاپ چىلان ئۆستۈرگەن بولۇپ، 2011 – يىلى چىلىنىنىڭ ھەر كىلوگىرامىنى 26 يۈەندىن ساتقانىدى، 2012 – يىلى ئاران 13 يۈەندىن ساتالىدى، 2013 – يىلىدىن كېيىن چىلاننىڭ باھاسى تەدرىجىي چۈشۈپ كەتكەچكە، ھەر كىلوگىرامىنى بەش – ئالتە يۈەندىن قولدىن چىقارغانىدى. بۇلتۇر غېنى ھەسەن چىلاننى نېمىشقا يۇقىرى باھادا ساتالىدى؟

  ـــ سىزنى چىلانلىقىمغا باشلاپ باراي، بېرىپ كۆرسىڭىزلا ھەممىنى بىلەلەيسىز، ـــ دېدى غېنى ھەسەن. مەن ئۇنىڭ بىلەن چىلانلىققا باردىم، چىلانلىقنىڭ ئالدى تەرىپىدە ‹‹ئورگانىك چىلان ئۈلگە كۆرسىتىش بېغى›› دېگەن ۋىۋىسكا كۆزگە چېلىقىپ تۇراتتى. ئۇنىڭ چىلانلىقىدىكى چىلانلارنىڭ ھەممىسى ئورگانىك چىلانلار ئىدى.

  چەرچەن ناھىيەلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى شۇ كەي بۇلتۇر 12 – ئاينىڭ 7 – كۈنى زىيارىتىمنى قوبۇل قىلغاندا مۇنداق دېدى: ناھىيەلىك پارتكوم ئەستايىدىل تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ، 2017 – يىلىنىڭ بېشىدا ئېچىلغان ناھىيەلىك 11 – نۆۋەتلىك پارتكوم 2 – ئومۇمىي كېڭەيتىلگەن يىغىنىدا دېھقان – چارۋىچىلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشنى يادرو قىلىش، يېزا ئىگىلىكىدە ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىن ئىبارەت ئورگانىك بوستانلىق تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇش ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

  ئورگانىك بوستانلىق تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇش چەرچەن ناھىيەسىنىڭ ئۆزىگە خاس رايون ئەۋزەللىكى بولۇپ، ھەقىقەتەن كىشىنى قايىل قىلىدۇ. چەرچەن ناھىيەسى تارىم ئويمانلىقىنىڭ جەنۇبىغا جايلاشقان، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتى ياخشى، بۇلغىنىشتىن يىراق، كۈن نۇرى تولۇق، كېچە بىلەن كۈندۈزنىڭ تېمپېراتۇرا پەرقى زور بولۇپ، يېشىل، ئورگانىك، ساغلام، ئوزۇقلۇق قىممىتى يۇقىرى مېۋە ئىشلەپچىقىرىشتىكى كۆڭۈلدىكىدەك بازا ھېسابلىنىدۇ. مەزكۇر ناھىيە مەملىكەت بويىچە ئېتىراپ قىلىنىدىغان ئەڭ سۈپەتلىك چىلان بازىلىرىنىڭ بىرى بولۇپ، ئىلگىرى – كېيىن بولۇپ ‹‹مەملىكەت بويىچە يېشىل يېمەكلىك خام ئەشياسى(چىلان)نى ئۆلچەملەشتۈرۈش بازىسى››، ‹‹جۇڭگودىكى چىلان ماكانى›› دەپ ئېتىراپ قىلىندى.

  چەرچەن ناھىيەسى ئورگانىك بوستانلىق تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇشتا ھاۋارايى ۋە جۇغراپىيەلىك ئەۋزەللىككە ئىگە. چەرچەن ناھىيەلىك پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتى ۋە ھەر مىللەت ئامما دۆلەتنىڭ تەمىنلەش ھالقىسىدىكى قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى يولغا قويۇش پۇرسىتىنى چىڭ تۇتۇپ، ئۈچ يىلدا 60 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىپ، چەرچەن ‹‹ئورگانىك بوستانلىق››ىنى كۆڭۈل قويۇپ يېتىشتۈرۈپ، ئۆزگىچە ئورگانىك يېزا ئىگىلىكىنى قېلىپلاشتۇرۇش، كۆلەملەشتۈرۈش ۋە كەسىپلەشتۈرۈش تەرەققىيات ئەندىزىسىنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، يېزا ئىگىلىكىنىڭ ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈشنى پۈتۈن كۈچ بىلەن قوللاپ، دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئىمكانىيەتلىك سىجىل ئاشۇرۇشنى پىلانلىدى.

  يېشىل ھەم يۇقىرى ئۈنۈملۈك ئىشلەپچىقىرىش ئارقىلىق ئىستېمالچىلارنىڭ ئېھتىياجىنى يەنىمۇ قاندۇرغىلى بولىدىغان يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلەپچىقارغىلى، شۇنداقلا ئىشلەپچىقىرىش بىلەن شۇغۇللانغۇچىلارنى تېخىمۇ مۇقىم كىرىمگە ئىگە قىلغىلى بولىدۇ. مانا بۇ يېزا ئىگىلىكىنىڭ تەمىنلەش ھالقىسىدىكى قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنىڭ مۇھىم مەزمۇنىدۇر. چىلانچىلىق چەرچەن ناھىيەسىنىڭ ئورگانىك بوستانلىق تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇشتىكى زور ئىشى بولۇپ، ئىشنىڭ مۇقەددىمىسىنى دەل مۇشۇنىڭدىن باشلىدى.

  چەرچەن ناھىيەسى بۇلتۇر ئورگانىك بوستانلىق تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسىگە ئاساسەن، ئورگانىك چىلان ئىشلەپچىقىرىش بازىسىدىن 17نى، ئورگانىك چىلان ئۆستۈرۈش ئۈلگە بازىسىدىن 28نى قۇرۇپ، ئومۇمىي كۆلىمىنى 6800 موغا يەتكۈزدى.

  چەرچەن ناھىيەسىدە بۇلتۇر 4 – ئايدا شىنجاڭ چەرچەن شياۋۋەن ئورگانىك يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى قۇرۇلۇپ، بۇ شىركەت ئورگانىك چىلاننىڭ ھەر كىلوگىرامىنى 14 يۈەندىن چۈشۈرمەي، ئورگانىك چىلانلىقلا ئەمەس، چىلانلىقتا ئورگانىك تېرىقچىلىق ئۇسۇلى بىلەن ئۆستۈرۈلگەن چىلانلارنىڭ ھەر كىلوگىرامىنى سەككىز يۈەندىن چۈشۈرمەي سېتىۋالدى.

  چىلانلىقنى پەرۋىش قىلىش سەۋىيەسىنى، چىلان سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ، يۇقىرى باھادا سېتىش يولىغا ماڭدى.

  چەرچەننىڭ تەبىئىي شارائىتى چىلانچىلىقنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا ناھايىتى باب كېلىدۇ. ھازىر چىلانلىق ئومۇمىي كۆلىمى 186 مىڭ موغا يەتتى. چىلانغا تايىنىپ بېيىش چەرچەن دېھقانلىرىنىڭ ئارزۇسى ۋە تاللىشى. ئەمما ئۇزاقتىن بۇيان چىلانلىقتا چىلان ئۆستۈرۈش شەكلى ھەر خىل بولۇش، پەرۋىش قىلىش ۋە ئاسراش سەۋىيەسى تۆۋەن بولۇش، بىرلىك ھوسۇلى تۆۋەن بولۇش قاتارلىقلار چىلانچىلارنىڭ بېشىنى قاتۇرۇپ كەلگەنىدى. چىلانچىلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشتا چىلانلىقنى پەرۋىش قىلىش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش، ھوسۇلنى ئاشۇرۇشقا توغرا كېلىدۇ. ئەمما ئورگانىك چىلان ئۆستۈرۈشنى تەرەققىي قىلدۇرۇشتا خىمىيەۋى ئوغۇت، دېھقانچىلىق دورىلىرىنى ئىشلىتىشكە ئىنتايىن قاتتىق چەك قويۇلغاچقا، ھوسۇلنىڭ كەملەپ كېتىشى ئېنىق ئىدى.

  چەرچەن ناھىيەسى چىلانلىقنى پەرۋىش قىلىش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، چىلان سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش، يۇقىرى باھادا سېتىش يولىغا مېڭىش ئۇسۇلىنى قوللاندى. ئورگانىك چىلاننى تەرەققىي قىلدۇرغاندا، ھوسۇل تۆۋەنلىسە، تەننەرخمۇ تۆۋەنلەيدۇ، ئەمما باھاسى ئۆرلەيدۇ، ئۇنىۋېرسال ھېسابىنى قىلغاندا دېھقانلارنىڭ كىرىمى يەنىلا ئاشىدۇ. يەنە بىر تەرەپتىن، ھازىر چەرچەن ناھىيەسىدە چىلانلىقلارنى پەرۋىش قىلىش سەۋىيەسى ئومۇميۈزلۈك تۆۋەن بولۇپ، ئورگانىك چىلانلىقلارنى پەرۋىش قىلىشنى كۈچەيتىپ، ئىلمىي ئۆستۈرۈش سەۋىيەسىنى ئاشۇرغاندا، ھەم ئورگانىك چىلانلارنىڭ بىرلىك ھوسۇلىنىڭ كۆپ تۆۋەنلەپ كېتىشىدىن ساقلانغىلى، ھەتتا كەملەپ كەتمەسلىكىنى ئىشقا ئاشۇرغىلى بولىدۇ.

  تۆۋەن دەرىجىلىك مەھسۇلات بىلەن تەمىنلەشنى ئازايتىش، ئوتتۇرا، يۇقىرى دەرىجىلىك مەھسۇلات بىلەن تەمىنلەشنى كېڭەيتىش يېزا ئىگىلىكىنىڭ تەمىنلەش ھالقىسىدىكى قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنىڭ مۇھىم مەزمۇنى. چەرچەن ناھىيەسى چىلانچىلىق تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش مۇساپىسىدە، چىلان كۆلىمىنى كېڭەيتىشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويماستىن، بەلكى كۆلەملەشتۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈش، تۈجۈپىلەش، تەپسىلىيلەشتۈرۈش، ئۇچۇرلاشتۇرۇپ ئىشلەپچىقىرىش ئەندىزىسىگە يۈزلىنىپ، چەرچەنچە خاسلىققا ئىگە يېشىل، ئورگانىك چىلاننى ئۆلچەملەشتۈرۈپ ئىشلەپچىقىرىش ئۈلگە بازىسى قۇرۇپ، چىلاننى پەرۋىش قىلىش سەۋىيەسى ۋە ئۈنۈمىنى ئەڭ زور دەرىجىگە يەتكۈزۈش ئۈستىدە ئىزدەندى.

  چەرچەن ناھىيەسى بۇلتۇر يەنە مۇتەخەسسىس تەكلىپ قىلدى، مۇتەخەسسىسلەر ‹‹1 – سېخ››تا نەق مەيداندا يېتەكچىلىك قىلدى. غېنى ھەسەن مۇنداق دېدى: ‹‹1 – سېخ›› دېگىنىمىز بىزنىڭ ئورگانىك چىلانلىقىمىز. بىز مۇتەخەسسىسلەرنىڭ يېتەكچىلىكىدە چىلاننى خۇددى سانائەت مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلەپچىقارغاندەك ئۆستۈردۇق.غېنى ھەسەن 2016 – يىلىدىن باشلاپ ناھىيەلىك ئورمانچىلىق تارماقلىرى ئاچقان تەربىيەلەش كۇرسىغا قاتنىشىپ، ئوغۇتلاش، پۇتاش، زىيانداش ھاشاراتلارنىڭ ئالدىنى ئېلىش قاتارلىق چىلان پەرۋىش قىلىش تېخنىكىلىرىنى ئۆگەندى، يەنە پەرۋىش قىلىشتا ياخشى چىلانلىقلارنى ئېكسكۇرسىيە قىلدى. ئۇ يەنە مۇنداق دېدى: چىلانچىلىق تېخنىكىسىنى ئۆگەنگەندىن كېيىن، ئورگانىك چىلان ئۆستۈرۈشكە ئىلتىماس سۇندۇم، كەنتىمىزدىن يەنە 24 ئائىلىلىك دېھقان ئىلتىماس سۇندى.

  بۇلتۇر 2 – ئايدا غېنى ھەسەن ۋە 24 ئائىلىلىك دېھقان چىلانلىقىغا ‹‹ئورگانىك چىلان ئۆستۈرۈش ئۈلگە بازىسى›› دېگەن تاختىنى ئاستى. ئۇنىڭغا ئورگانىك چىلانلىقنىڭ كۈندىلىك پەرۋىش تېخنىكا ئۆلچىمى تەپسىلىي يېزىلغان بولۇپ، دېھقانلار چىلانلىقنى مۇشۇ تەلەپكە قاتتىق ئەمەل قىلىپ پەرۋىش قىلدى.

  غېنى ھەسەن مۇنداق دېدى: بۇلتۇر ۋە 2016 – يىلى چىلاندىكى ئەڭ زور پەرق دەل ئوغۇتلاش ۋە دورا چېچىشتا. 2016 – يىلى خىمىيەۋى ئوغۇت ۋە دېھقانچىلىق دورىسى چېچىشقا 10 مىڭ يۈەندىن كۆپرەك پۇل كەتكەنىدى، بۇلتۇر مەھەللىۋى ئوغۇتلا ئىشلەتتىم، دېھقانچىلىق دورىسى ئىشلەتمىدىم، شۇڭا تەننەرخ بىر ھەسسە تۆۋەنلىدى.

  چەرچەن ناھىيەسى بۇلتۇر 4 – ئايدا ئېلىمىزدە ئەڭ بالدۇر قۇرۇلغان، كۆلىمى ئەڭ زور مەخسۇس ئورگانىك مەھسۇلاتلارنى تەتقىق قىلىدىغان، تەكشۈرىدىغان ۋە ئېتىراپ قىلىدىغان ئورگان نەنجىڭ ‹‹گوخۇەن›› ئورگانىك مەھسۇلاتلارنى ئېتىراپ قىلىش مەركىزى بىلەن ھەمكارلىق مۇناسىۋىتى ئورنىتىپ، ئۇلارنى چەرچەن ناھىيەسىنىڭ سۈپەتلىك يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلەپچىقىرىشنىڭ پۈتۈن جەريانىغا نازارەت قىلىش ۋە يېتەكچىلىك قىلىشقا تەكلىپ قىلدى. چىلان ئۆسۈپ يېتىلىدىغان ئاچقۇچلۇق پەيتتە، نەنجىڭ ‹‹گوخۇەن›› ئورگانىك مەھسۇلاتلارنى ئېتىراپ قىلىش مەركىزىدىكى مۇتەخەسسىسلەر ئىلگىرى – كېيىن بولۇپ بۇ ناھىيەگە بەش قېتىم كېلىپ، چىلانچىلارنىڭ چىلاننى پەرۋىش قىلىشىغا يېتەكچىلىك قىلدى، تۇپراق، ھاۋا قاتارلىقلارنى نۇسخا ئېلىپ تەكشۈرۈپ، يېتەكچى خاراكتېرلىك پىكىرلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى.

  بازار تېپىپ، كىرىمنى ئاشۇرۇش ھېساباتىنى ياخشى قىلدى.

  ئىستېمالچىلارنىڭ يېشىل، ئورگانىك، ساغلام يېمەكلىككە بولغان ئىنتىلىشىنىڭ كۈچىيىشىگە ئەگىشىپ، چەرچەن ناھىيەسى سۈپەتلىك، باھاسى يۇقىرى چىلانلارنى تەرەققىي قىلدۇرۇشتا تېپىلغۇسىز تەرەققىيات پۇرسىتىنى كۈتۈۋالدى.

  بۇلتۇر 11 – ئاينىڭ 8 – كۈنى غېنى ھەسەن ئۈچۈن ئالاھىدە بىر كۈن بولدى. ئۇ بۇ كۈنى چىلاننى كارانتىن قىلدۇرۇپ لاياقەتلىك گۇۋاھنامىسىنى ئالغان بولۇپ، چىلانلىرىنىڭ ھەممىسىنى شىنجاڭ چەرچەن شياۋۋەن ئورگانىك يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىگە سېتىپ بەرگەنىدى، يەنە ئاڭلاشلاردىن قارىغاندا، ئۇنىڭ ئورگانىك چىلانلىرى بېيجىڭ، شاڭخەي، گۇاڭجۇ، شېنجېن، چاڭشا، تاڭشەن، ھەتتا شياڭگاڭ قاتارلىق شەھەرلەرگە سېتىلغان.

  خېبېي ئۆلكىسى تاڭشەن شەھىرىنىڭ چەرچەن ناھىيەسىگە نىشانلىق ياردەم بېرىش ئالدىنقى سەپ قوماندانلىق ئىشتابىمۇ چەرچەننىڭ چىلانلىرىنى سېتىشنىڭ يوللىرى ئۈستىدە ئاكتىپ ئالاقىلىشىپ بەردى، ئۇلار يەنە چەرچەندىكى چىلانچىلار بىلەن بىرلىكتە تاڭشەنگە بېرىپ، چىلانلارنى تونۇشتۇردى.

  بۇلتۇر 12 – ئاينىڭ 7 – كۈنى چەرچەن ناھىيەسىنىڭ توغراقلىق يېزىسى توغراقلىق كەنتىدىكى خانباغ چىلانچىلىق دېھقانلار كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپىغا باردىم. بىر نەچچە دېھقان چىلانلارنى يەشىككە قاچىلاۋاتقان ئىكەن. ھەمكارلىق كوپىراتىپىنىڭ مەسئۇلى خالىق ئوبۇل مۇنداق دېدى: بىز چىلاننى چىلانچىلاردىن ھەر كىلوگىرامىنى توققۇز يۈەندىن سېتىۋالدۇق. ئاندىن قۇرۇتۇپ، دەرىجىگە ئايرىپ، پاكىز يۇيۇپ، ئوراپ، ئاخىرىدا يەنە دەرىجىگە ئايرىپ سىرتتىكى سودىگەرلەرگە ساتىمىز. بۇلتۇر سېتىۋالغان 350 توننا چىلاننىڭ ھەممىسىنى قولدىن چىقىرىپ بولدۇق، بۇنىڭ ئىچىدە 20 توننا چىلاننى ئۈندىدار ئارقىلىق ساتتۇق، خېبېي، شەندۇڭ، جياڭسۇ، جىلىن، خېيلۇڭجياڭ قاتارلىق جايلاردا نۇرغۇن خېرىدارىمىز بار.

  غېنى ھەسەن ئىپتىخارلانغان ھالدا مۇنداق دېدى: چىلانلىرىمىزنىڭ بۇنداق ياخشى سېتىلىشىنى ئويلاپمۇ باقماپتىكەنمەن، ھازىر ھەر ھەپتىدە دېھقان – چارۋىچىلار كەچلىك مەكتىپىگە بارىمەن، كېلەر يىلىمۇ ئورگانىك چىلان تېرىيمەن، كۈنلىرىمنى ياخشى ئۆتكۈزىمەن.

  ناھىيەلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى شۇ كەي مۇنداق دېدى: چەرچەن ناھىيەسى ئورگانىك بوستانلىق تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسنى يېتەكچى قىلىپ، ئورگانىك چىلانچىلىق تەرەققىياتىنى يۇقىرى سەۋىيەدە ئىلگىرى سۈرۈپ، دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى بازارلارنى سۈپەتلىك، بىخەتەر ئورگانىك چىلان ۋە چىلان مەھسۇلاتلىرى بىلەن تەمىنلەپ، سۈپەتلىك چىلان، يۇقىرى باھاغا تايىنىپ، دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرماقچى بولۇۋاتىمىز.

  ئادىل روزىمەت تەرجىمىسى

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى