تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   ئوبزور

ئالدىنقىلارغا ۋارىسلىق قىلىپ، كېيىنكىلەرگە يول ئېچىپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنىڭ ياخشى تەجرىبىلىرىنى ئىگىلەيلى

  − باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ 19- نۆۋەتلىك مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ 2- ئومۇمىي يىغىنىدا قىلغان سۆزىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش توغرىسىدا (2)

«خەلق گېزىتى» ئوبزورچىسى

      پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىش پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ 18- قۇرۇلتايدىن بۇيانقى پارتىيەنى باشقۇرۇش، پارتىيەنى گۈللەندۈرۈش، دۆلەتنى ئىدارە قىلىش، ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشتىكى زور سىياسىي نەتىجىسى؛ توپلىغان تەجرىبىسى، يېڭىلىق ياراتقان ئۇسۇلى بولۇپ، پارتىيەمىزنىڭ يېڭى تارىخىي پەللىدە داۋاملىق ئىلگىرىلىشىدىكى قىممەتلىك بايلىقى.

  «ئىدىيە جەھەتتە پارتىيە قۇرۇش بىلەن پارتىيەنى تۈزۈم ئارقىلىق ئىدارە قىلىشنىڭ بىرلىكىدە چىڭ تۇرۇش، بۇرچ يېتەكچىلىكى بىلەن مەسىلە يۆنىلىشىنىڭ بىرلىكىدە چىڭ تۇرۇش، <ھالقىلىق ئاز سانلىق>لارنى تۇتۇش بىلەن <مۇتلەق كۆپ سانلىق>لارنى باشقۇرۇشنىڭ بىرلىكىدە چىڭ تۇرۇش، ھوقۇق يۈرگۈزۈش بىلەن مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىشنىڭ بىرلىكىدە چىڭ تۇرۇش، قاتتىق باشقۇرۇش بىلەن كۆڭۈل بۆلۈش، ئىشىنىشنىڭ بىرلىكىدە چىڭ تۇرۇش، پارتىيە ئىچىدىكى نازارەتچىلىك بىلەن ئامما نازارەت قىلىشنىڭ بىرلىكىدە چىڭ تۇرۇش كېرەك». باش شۇجى شى جىنپىڭ 19- نۆۋەتلىك مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ 2- ئومۇمىي يىغىنىدا «ئالتىنىڭ بىرلىكى» ئارقىلىق پارتىيە 18- قۇرۇلتىيىدىن بۇيانقى پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنىڭ مۇھىم تەجرىبىلىرىنى سىستېمىلىق ھەم چوڭقۇر يەكۈنلىدى. بۇ ئىلمىي يەكۈن پارتىيەمىزنىڭ پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنىڭ قانۇنىيىتىگە بولغان تونۇشىنى يېپيېڭى يۈكسەكلىككە كۆتۈرۈپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيە قۇرۇلۇشىدىن ئىبارەت يېڭى ئۇلۇغ قۇرۇلۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشنى مۇھىم قوللانما بىلەن تەمىنلىدى.

  ئۆزى ئۈستىدىن دادىل ئىنقىلاب قىلىپ، پارتىيەنى قاتتىق باشقۇرۇش، پارتىيەنى قاتتىق ئىدارە قىلىش پارتىيەمىزنىڭ ئەڭ روشەن خىسلىتى. پارتىيە 18- قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى دىققەتنى پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىش كۈچلۈك بولماسلىقتىن ئىبارەت بۇ تۈگۈنگە قارىتىپ، پارتىيەنى باشقۇرۇش، پارتىيەنى ئىدارە قىلىشتىكى بوشاڭلىق، چېچىلاڭغۇلۇق، يۇمشاق قوللۇق خاھىشىنى قەتئىي ئۆزگەرتىپ، ئىدىيەدە قاتتىق بولۇش، پارتىيەنى باشقۇرۇشتا قاتتىق بولۇش، ئىنتىزامنى ئىجرا قىلىشتا قاتتىق بولۇش، ئەمەلدارلارنى باشقۇرۇشتا قاتتىق بولۇش، ئىستىلدا قاتتىق بولۇش، چىرىكلىككە قارشى تۇرۇشتا قاتتىق بولۇشتا چىڭ تۇرۇپ، مەنبەدىن ياخشىلاپ، نىشاننى توغرىلاپ، پۈتكۈل پارتىيەنىڭ توغرا يۆنىلىشنى بويلاپ ئىلگىرىلىشىگە كاپالەتلىك قىلىپ، ئىنقىلابىي چېنىقىش جەريانىدا تېخىمۇ قەيسەرلىشىشى، يېڭى قۇدرەتلىك ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتۇشىغا تۈرتكە بولۇپ، پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىنى كۈچلۈك سىياسىي كاپالەتكە ئىگە قىلدى. پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشتا بۇنچىۋالا ئاجايىپ نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرەلىشىمىزنىڭ ئاچقۇچى دەل شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، بىر تەرەپتىن، پارتىيەمىز تارىخىدىكى ئۈنۈملۈك ياخشى تەجرىبە، ياخشى ئۇسۇللارنى ئەۋج ئالدۇرۇشتا چىڭ تۇرغانلىقىمىزدا، يەنە بىر تەرەپتىن، يېڭى ۋەزىيەتتىكى ۋەزىپە ۋە ئەمەلىي تەلەپلەرگە بىرلەشتۈرۈپ كۈچەپ يېڭىلىق يارىتىپ، پارتىيەنى باشقۇرۇش، پارتىيەنى ئىدارە قىلىش قانۇنىيىتىگە بولغان تونۇشىمىزنى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، يېڭى تەجرىبىلەرنى ياراتقانلىقىمىزدا. نېگىزىدىن ئېيتقاندا، دەل «ئالتىنىڭ بىرلىكى»دە چىڭ تۇرغانلىقىمىزدا.

  «ئالتىنىڭ بىرلىكى» ھەم تەجرىبە خاراكتېرلىك خۇلاسە، ھەم قانۇنىيەتلىك تونۇش؛ ھەم پىرىنسىپال يۆنىلىش، ھەم كونكرېت تۇتقا، چوقۇم ئۇزاققىچە چىڭ تۇرۇپ، ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇرۇش كېرەك. ئىدىيە جەھەتتە پارتىيە قۇرۇش بىلەن پارتىيەنى تۈزۈم ئارقىلىق ئىدارە قىلىشنىڭ بىرلىكىدە چىڭ تۇرۇشتا ھەم ئىدىيە مەسىلىسىنى ھەل قىلىش، ھەم تۈزۈم مەسىلىسىنى ھەل قىلىش كېرەك، ئىككىسىگە تەڭ كۈچەش، بىرلا ۋاقىتتا كۈچەش كېرەك. بۇرچ يېتەكچىلىكى بىلەن مەسىلە يۆنىلىشىنىڭ بىرلىكىدە چىڭ تۇرۇشتا ھەم مەۋقەنى ھازىرغا قويۇپ، مەسىلىگە ئۇدۇل يۈزلىنىش، ھەم كەلگۈسىگە نەزەر تاشلاپ، ئېگىزدە تۇرۇپ يىراقنى كۆزلەپ، ئامما نارازى بولۇۋاتقان مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشقا كۈچەش، بىر تۇتاش پىلانلاش، يۇقىرى قاتلامدىن لايىھەلەشكە تىرىشىش كېرەك. «ھالقىلىق ئاز سانلىق»لارنى تۇتۇش بىلەن «مۇتلەق كۆپ سانلىق»لارنى باشقۇرۇشنىڭ بىرلىكىدە چىڭ تۇرۇشتا ھەم «مۇتلەق كۆپ سانلىق»لارنى قاتتىق تەربىيەلەپ، قاتتىق ئىنتىزام بىلەن باشقۇرۇش، ھەم «ھالقىلىق ئاز سانلىق»لارغا تېخىمۇ يۇقىرى، تېخىمۇ قاتتىق ئۆلچەم قويۇپ، ئۇلارنى تېخىمۇ قاتتىق باشقۇرۇش ۋە نازارەت قىلىپ تۇتۇپ تۇرۇش كېرەك. ھوقۇق يۈرگۈزۈش بىلەن مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىشنىڭ بىرلىكىدە چىڭ تۇرۇشتا پارتىيەنى باشقۇرۇش، پارتىيەنى ئىدارە قىلىش سىياسىي مەسئۇلىيىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ھەقىقىي تۈپ سىياسىي مەسئۇلىيەت قىلىپ، «مەسئۇلىيەت»كە چىڭ ئېسىلىپ، «جاۋابكارلىقنى سۈرۈشتۈرۈش»تىن ئىبارەت بۇ مۇھىم ھالقىنى چىڭ تۇتۇش كېرەك. قاتتىق باشقۇرۇش بىلەن كۆڭۈل بۆلۈش، ئىشىنىشنىڭ بىرلىكىدە چىڭ تۇرۇشتا ئىنتىزامنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇپ، ھەقىقىي باشقۇرۇش، ھەقىقىي قاتتىق بولۇش، باشقۇرۇشقا، قاتتىق بولۇشقا جۈرئەت قىلىش، ئۇزاققىچە باشقۇرۇش، ئۇزاققىچە قاتتىق بولۇشتا چىڭ تۇرۇش، ئۆتمۈشتىن ساۋاق ئېلىپ كېيىنكىلەرگە ئىبرەت قىلىش، كېسەلنى داۋالاپ ئادەم قۇتقۇزۇش فاڭجېنىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئىشلارنى بالدۇر، كىچىكىدىن باشلاپ تۇتۇپ، بىخ ھالىتىدە يوقىتىش كېرەك. پارتىيە ئىچىدىكى نازارەتچىلىك بىلەن ئامما نازارەت قىلىشنىڭ بىرلىكىدە چىڭ تۇرۇشتا پارتىيە ئىچىدىكى نازارەتچىلىك ئارقىلىق باشقا نازارەتچىلىككە تۈرتكە بولۇپ، خەلقنىڭ چارە- تەدبىر كۆرسىتىش، تەنقىدلەش، نازارەت قىلىش يوللىرىنى پائال راۋانلاشتۇرۇپ، ئامما نازارەت قىلىش، جامائەت نازارەت قىلىشنىڭ رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇش كېرەك.

  پەيلاسوپلار «تەجرىبە مەڭگۈ توختىمايدىغان سېيالكا» دېگەن. ياخشى چارىلەردە چىڭ تۇرۇپ، يېڭى چارىلەرنى بارلىققا كەلتۈرۈپ، يېڭى تەجرىبىلەرنى تېپىپ، داۋاملىق غەيرەت قىلىپ، ئالدىنقىلارغا ۋارىسلىق قىلىپ، كېيىنكىلەرگە يول ئاچساقلا، بۇنىڭدىن كېيىنكى كۈرەشلىرىمىزدە پارتىيەمىزنىڭ ئۆزىنى ئۆزى ساپلاشتۇرۇش، ئۆزىنى ئۆزى مۇكەممەللەشتۈرۈش، ئۆزىنى ئۆزى يېڭىلاش، ئۆزىنى ئۆزى يۈكسەلدۈرۈش ئىقتىدارىنى ئۈزلۈكسىز ئاشۇرۇپ، پارتىيەمىزنى باشتىن- ئاخىر دەۋرنىڭ ئاۋانگارتى، مىللەتنىڭ تۈۋرۈكىگە، ماركسىزملىق ھاكىمىيەت يۈرگۈزگۈچى پارتىيەگە ئايلاندۇرالايمىز.

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 13- يانۋار تېلېگراممىسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى