شىنخۇا ئاگېنتلىقى، ئۈرۈمچى، 13- يانۋار تېلېگراممىسى. مۇخبىرنىڭ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتىدىن ئىگىلىشىچە، شىنجاڭ بۇ يىل سىرتقا چىقىپ ئىشلەمچىلىك قىلغانلارنىڭ ھوقۇق- مەنپەئىتىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، سىرتقا چىقىپ ئىشلەمچىلىك قىلغانلار، سىرتتىن كېلىپ ئىشقا ئورۇنلاشقان ۋە ئىگىلىك تىكلىگەنلەرنى ئۆلكە ئاتلاپ باشقا جايدا داۋالىنىش خىراجىتىنى بىۋاسىتە راسچوت قىلىش دائىرىسىگە كىرگۈزىدىكەن.
تونۇشتۇرۇلۇشىچە، شىنجاڭ بۇ يىل بىرلىككە كەلگەن شەھەر- يېزا ئاھالىسىنىڭ ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسى ۋە ئېغىر كېسەل سۇغۇرتىسى تۈزۈمىنى داۋاملىق مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئۆلكە ھالقىپ باشقا جايدا كېسەلخانىدا يېتىپ داۋالىنىش خىراجىتىنى بىۋاسىتە راسچوت قىلىش خىزمىتىنى ئىلگىرى سۈرىدىكەن، ئاساسىي قاتلام داۋالاش ئاپپاراتلىرى ۋە سىرتقا چىقىپ ئىشلىگەن دېھقان ئىشلەمچىلەر، سىرتتىن كېلىپ ئىشقا ئورۇنلاشقان، ئىگىلىك تىكلىگەنلەرنى بۇ دائىرىگە كىرگۈزۈپ، ھەر مىللەت ئاممىنى ئىسلاھات، تەرەققىيات نەتىجىلىرىدىن تېخىمۇ كۆپ، تېخىمۇ ئادىل بەھرىمەن قىلىدىكەن.
ئىگىلىنىشىچە، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، شىنجاڭ يېزىلاردىكى ئارتۇق ئەمگەكچىلەرنى رايون ئاتلاپ تەشكىللىك يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرغان، بۇنىڭ ئىچىدە ئىچكىرى ئۆلكىلەرگە يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇلغانلار شۇ جايدا سۇغۇرتىغا قاتناشمىسا، ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسى تەمىناتىدىن بەھرىمەن بولالمىغان. بۇ يىلدىن باشلاپ شىنجاڭ سىرتقا چىقىپ ئىشلەمچىلىك قىلغانلارنىڭ ئۆلكە ھالقىپ باشقا جايدا داۋالىنىش خىراجىتىنى بىۋاسىتە راسچوت قىلىش دائىرىسىگە كىرگۈزىدىكەن، سىرتقا چىقىپ ئىشلەمچىلىك قىلغانلار شىنجاڭدا بەلگىلىمە بويىچە سۇغۇرتىغا قاتناشقاندىن كېيىن، ئىچكىرىدە داۋالانسا بىۋاسىتە ئاتچوت قىلدۇرالايدىكەن.
ئۇنىڭدىن سىرت، شىنجاڭغا سىرتتىن كەلگەن ئىشلەمچىلەرمۇ ئەسلىي ئورنى ياكى كەلگەن جايىدا ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسىغا قاتناشمىسا، ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسى تەمىناتى ۋە ئۆلكە ئاتلاپ باشقا جايدا كېسەلخانىدا يېتىپ داۋالىنىش خىراجىتىنى راسچوت قىلىش سىياسىتىدىن بەھرىمەن بولالمىغان. بۇ مەسىلىگە قارىتا شىنجاڭ بۇ يىل بۇ كىشىلەر توپىنى سۇغۇرتىلاپ، ئۆلكە ئاتلاپ باشقا جايدا داۋالىنىش خىراجىتىنى راسچوت قىلىش دائىرىسىگە كىرگۈزىدىكەن. شۇنىڭ بىلەن بىللە، شىنجاڭ بۇ يىل يەنە تېخىمۇ كۆپ ئاساسىي قاتلام داۋالاش ئاپپاراتىنى ئۆلكە ئاتلاپ باشقا جايدا داۋالىنىش خىراجىتىنى راسچوت قىلىش دائىرىسىگە كىرگۈزۈشنى ئويلاشقان.