تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

بىر مەقسەتتە پارتىيەگە ئەگىشىپ مېڭىپ، پارتىيەگە مىننەتدارلىق بىلدۈرىمىز

  خوتەن ۋىلايىتى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ قۇربان تۇلۇمنىڭ ئەۋلادلىرىغا جاۋاب خەت يازغانلىقىنىڭ بىر يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن سۆھبەت يىغىنى ئۆتكۈزدى 

  ‹‹پارتىيەنى، ۋەتەننى، جۇڭخۇا مىللىتى چوڭ ئائىلىسىنى قىزغىن سۆيىدىغان›› نەمۇنىلىك ئائىلە بەرپا قىلىش پائالىيىتى باشلاندى

   لۇ يەن خەۋەر قىلىدۇ: 1 – ئاينىڭ 11 – كۈنى كېرىيە ناھىيەسىنىڭ توغراغاز يېزىسىدا قۇياش پارلاپ تۇراتتى، خوتەن ۋىلايىتى قۇربان تۇلۇم خاتىرە سارىيى مەيدانىدا باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ قۇربان تۇلۇمنىڭ ئەۋلادلىرىغا جاۋاب خەت يازغانلىقىنىڭ بىر يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن سۆھبەت يىغىنى ئېچىپ، ‹‹پارتىيەنى، ۋەتەننى، جۇڭخۇا مىللىتى چوڭ ئائىلىسىنى قىزغىن سۆيۈش›› تېمىسىدىكى نەمۇنىلىك ئائىلە بەرپا قىلىش پائالىيىتىنى باشلىدى.

  بۇ يىل 1 – ئاينىڭ 11 – كۈنى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ قۇربان تۇلۇمنىڭ ئەۋلادلىرىغا جاۋاب خەت يازغانلىقىغا بىر يىل بولغان كۈن، شۇنداقلا بۇ يىل رەئىس ماۋ زېدۇڭنىڭ قۇربان تۇلۇم بىلەن كۆرۈشكەنلىكىنىڭ 60 يىللىقى. قۇربان تۇلۇمنىڭ پارتىيەنى، ۋەتەننى سۆيۈش قىزىل گېنىغا ۋارىسلىق قىلىش ئۈچۈن، 1 – ئاينىڭ 10 – كۈنى چۈشتىن كېيىن خوتەن ۋىلايەتلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى نيۇ شۆشىڭ قاتارلىقلار قۇربان تۇلۇمنىڭ قىزى، 89 ياشلىق توختىخان قۇرباننىڭ ئۆيىگە كېلىپ، توختىخان قۇربان ۋە ئۇنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن بىللە كەچلىك تاماق يەپ، ئېتىز – ئېرىق ئىشلىرى توغرىسىدا پاراڭلىشىپ، ئىللىقلىق يەتكۈزدى. توختىخان قۇربان ۋە ئۇنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر مۇنۇلارنى بىلدۈردى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ تاپشۇرۇقىنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، قۇربان تۇلۇمغا ئوخشاش مەڭگۈ پارتىيەنىڭ گېپىنى ئاڭلاپ، پارتىيەگە ئەگىشىپ مېڭىپ، پارتىيەنى، ۋەتەننى، جۇڭخۇا مىللىتى چوڭ ئائىلىسىنى قىزغىن سۆيىدىغان نەمۇنىچىلاردىن بولىمىز.

  سۆھبەت يىغىنىدا كۆپچىلىك بەس – بەستە مۇنۇلارنى بىلدۈردى: قۇربان تۇلۇمنىڭ ‹‹ئېشەككە مىنىپ بېيجىڭغا بېرىپ، رەئىس ماۋ زېدۇڭ بىلەن كۆرۈشۈش››تەك ساداقەتمەنلىكىگە ۋارىسلىق قىلىپ، ‹‹پارتىيەنى، ۋەتەننى، جۇڭخۇا مىللىتى چوڭ ئائىلىسىنى قىزغىن سۆيۈش›› سەمىمىي تەربىيەسىنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، ‹‹مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قەدىرلەيدىغان گېن››نى ئەۋلادمۇئەۋلاد ئەۋج ئالدۇرۇپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ گۈزەل تۇرمۇشقا بولغان ئىنتىلىشىنى ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى قوغداش ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىكى تۈگىمەس ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچكە ئايلاندۇرۇپ، خوتەن تۇپرىقىدا ‹‹مەڭگۈ پارتىيەنىڭ گېپىنى ئاڭلاپ، بىر مەقسەتتە پارتىيەگە ئەگىشىپ مېڭىپ، ئومۇمىي خەلق پارتىيەگە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈش›› ئاساسىي مېلودىيەسىنى ياڭرىتىمىز. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ جاۋاب خېتىدىكى تاپشۇرۇقىنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، خوتەن تۇپرىقىدا ‹‹پارتىيەنى، ۋەتەننى، جۇڭخۇا مىللىتى چوڭ ئائىلىسىنى قىزغىن سۆيۈش›› دولقۇنىنى قوزغاپ، جۇڭخۇا مىللىتى چوڭ ئائىلىسىنىڭ قۇدرەتلىك بىرىكمە كۈچىنى مۇجەسسەملەپ، گۈللەنگەن، باي، قۇدرەتلىك، گۈزەل خوتەننى بىرلىكتە قۇرۇپ چىقىمىز.

  سۆھبەت يىغىنىدا قۇربان تۇلۇمنىڭ ئەۋرىسى رۇقىيەم مەتسەيدى ۋىلايەتتىكى ھەر مىللەت ئاممىغا ‹‹پارتىيەنى، ۋەتەننى، جۇڭخۇا مىللىتى چوڭ ئائىلىسىنى قىزغىن سۆيۈش›› تېمىسىدىكى نەمۇنىلىك ئائىلە قۇرۇش تەشەببۇسىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

  كېرىيە ناھىيەسىنىڭ توغراغاز يېزىسى ئۇزۇنبوز كەنتىدىكى ‹‹تۆت پېشقەدەم››، 74 ياشلىق قاسىم مەمتىلى ھاياجانلانغان ھالدا مۇنداق دېدى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ قۇربان تۇلۇمنىڭ ئەۋلادلىرىغا يازغان جاۋاب خېتىنى يەنە بىر قېتىم ئۆگىنىش ئارقىلىق كەنتىمىزدىكى ئاھالىلەر چوڭقۇر ئىلھاملاندۇق، قۇربان تۇلۇمنىڭ پارتىيەنى، ۋەتەننى سۆيۈش ھېسسىياتى كەنت قىياپىتىنى ئۆزگەرتىش، جۇڭگو ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن ئورتاق تىرىشىشىمىزغا ئىلھام بولدى. 2017 – يىلى 100 كەپتەر، تۆت كالا، ئون قوي بېقىپ 15 مىڭ يۈەن كىرىم قىلىپ، كىرىمىمنى 3000 يۈەن ئاشۇردۇم. بۇنىڭدىن كېيىن تېخىمۇ ياخشى تۇرمۇشقا ئېرىشىش ئۈچۈن تىرىشىمەن.

  پائالىيەتكە قاتناشقان تولۇقسىز 3 – يىللىقنىڭ ئوقۇغۇچىسى مەرھابا مەمەت ئۇرايىم: مېنىڭ ئارزۇيۇم تىرىشىپ ئوقۇپ، كەلگۈسىدە رۇقىيەم ئاچامغا ئوخشاش دېڭىز ئارمىيە ئەسكىرى بولۇپ، ۋەتەن ئۈچۈن تۆھپە قوشۇش، دېدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى