تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مۇھىم خەۋەر

«شى جىنپىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىش توغرىسىدا» ناملىق كىتابنىڭ 2- تومى دۇنيا بويىچە 10 مىليون پارچىدىن ئارتۇق تارقىتىلدى

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 12- يانۋار تېلېگراممىسى. مەركىزىي كومىتېت تەشۋىقات بۆلۈمى (گوۋۇيۈەن ئاخبارات ئىشخانىسى) مەركىزىي ھۆججەت تەتقىقات ئىشخانىسى، جۇڭگو چەت ئەل يېزىقىدا نەشر قىلىش- تارقىتىش ئىشلىرى ئىدارىسى بىلەن بىرلىكتە تۈزگەن «شى جىنپىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىش توغرىسىدا» ناملىق كىتابنىڭ 2- تومى 2017- يىلى 11- ئاينىڭ 7- كۈنى جۇڭگو چەت ئەل يېزىقىدا نەشر قىلىش- تارقىتىش ئىشلىرى ئىدارىسى تەرىپىدىن خەنزۇچە، ئىنگلىزچە نەشر قىلىنىپ، دۆلەت ئىچى- سىرتىدا تارقىتىلدى.

  بۇ كىتاب 2018- يىلى 1- ئاينىڭ 12- كۈنىگىچە دۇنيادا 10 مىليون پارچىدىن ئارتۇق تارقىتىلدى، بۇ، پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن جەمئىيەتنىڭ شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ۋە پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىش، ئۆزلەشتۈرۈشىنى نوپۇزلۇق ماتېرىيال بىلەن، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ زامانىمىزدىكى جۇڭگو ۋە جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىگە بولغان چۈشىنىشىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى ئەڭ ياخشى ئوقۇشلۇق بىلەن تەمىنلىدى.

  «شى جىنپىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىش توغرىسىدا» ناملىق كىتابنىڭ 2- تومىغا باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ 2014- يىلى 8- ئاينىڭ 18- كۈنىدىن 2017- يىلى 9- ئاينىڭ 29- كۈنىگىچە بولغان مەزگىلدە قىلغان سۆزى، سۆھبىتى، نۇتقى، تەستىقى، تەبرىك تېلېگراممىسى قاتارلىقلاردىن 99 پارچە كىرگۈزۈلگەن، 17 مەخسۇس تېمىغا ئايرىلغان بولۇپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ ۋە يېتەكلەپ، يېڭى دەۋردىكى جۇڭگوچە سوتسىيالىزمدا چىڭ تۇرغانلىقى ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرغانلىقىدەك ئۇلۇغ ئەمەلىيىتى جانلىق خاتىرىلەنگەن، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ تەرەققىيات جان تومۇرى ۋە ئاساسلىق مەزمۇنى مەركەزلىك ئەكس ئەتتۈرۈلگەن، پارتىيەمىزنىڭ ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولۇش، ئىنسانىيەتنىڭ تىنچلىق ۋە تەرەققىيات ئىشلىرىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن قوشقان جۇڭگو ئەقىل- پاراسىتى ۋە جۇڭگو لايىھەسى تولۇق نامايان قىلىنغان.

  بۇ كىتاب خەنزۇچە، ئىنگلىزچە نەشر قىلىنغاندىن باشقا، يەنە ھەر قايسى ئەل ئوقۇرمەنلىرىگە يۈزلىنىپ، داۋاملىق تېخىمۇ كۆپ تىلدا نەشر قىلىنىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.