تەڭرىتاغ تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   ئوبزور

ۋەزىيەتكە بېقىپ ئىش كۆرۈپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشتا يېڭى ۋەزىيەت يارىتىش كېرەك

  − باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ 19- نۆۋەتلىك مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى 2- ئومۇمىي يىغىنىدا قىلغان سۆزىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش توغرىسىدا (1)

«خەلق گېزىتى» ئوبزورچىسى

        يېڭى دەۋردە پارتىيەمىز چوقۇم يېڭى كەيپىيات، يېڭى نەتىجە يارىتىشى كېرەك، بۇ يېڭى كەيپىيات، يېڭى نەتىجە ئالدى بىلەن پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشتا يېڭى ۋەزىيەت يارىتىشتا ئىپادىلىنىدۇ.

  19- نۆۋەتلىك مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ 2- ئومۇمىي يىغىنى پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنى چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈشتىكى بىر قېتىملىق مۇھىم يىغىن. يىغىندا باش شۇجى شى جىنپىڭ يېڭى دەۋردىكى پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىنىڭ تەرەققىيات ئومۇمىيىتى يۈكسەكلىكىدە تۇرۇپ، پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىنىڭ پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىش توغرىسىدىكى ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىسىنى چوڭقۇر شەرھلىدى، پارتىيە 18- قۇرۇلتىيىدىن بۇيانقى پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنىڭ مۇھىم تەجرىبىلىرىنى يەنىمۇ يەكۈنلىدى، پارتىيە دۇچ كەلگەن خەۋپ- خەتەر ۋە خىرىسنى چوڭقۇر تەھلىل قىلدى، ھازىرقى ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر مەزگىلدىكى پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنىڭ باش تەلىپى ۋە ئاساسلىق ۋەزىپىسىنى ئېنىق ئوتتۇرىغا قويۇپ، مەڭگۈ داۋاملاشتۇرىدىغان جاسارەت بىلەن پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشتا يېڭى ۋەزىيەت يارىتىش كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى. باش شۇجىنىڭ مۇھىم سۆزى ئېگىزدە تۇرۇپ يىراقنى كۆزلىگەن، تىنچ شارائىتتىمۇ خەۋپ- خەتەرنى ئويلىغان، مەزمۇنى مول، مۇھىم نۇقتا تۇتۇلغان سۆز بولۇپ، ھەم پارتىيەمىزنىڭ ئۆزى ئۈستىدە دادىل ئىنقىلاب قىلىشتىكى خىتابنامىسى، ھەم پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنىڭ چوڭقۇر تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولىدىغان سەپەرۋەرلىك بۇيرۇقىدۇر.

  بازغانچىنىڭ بېلى چىڭ بولۇشى كېرەك. جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يېڭى دەۋرگە كىردى، پارتىيەمىز خەلقنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ ۋە يېتەكلەپ، ئۇلۇغ كۈرەش قىلىش، ئۇلۇغ ئىشنى ئالغا سىلجىتىش، ئۇلۇغ ئارزۇنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشتا پارتىيە قۇرۇلۇشىدىن ئىبارەت يېڭى ئۇلۇغ قۇرۇلۇشنى قىلچە تەۋرەنمەي ئىلگىرى سۈرۈشى شەرت.

  ئۆتكەنكى پەۋقۇلئاددە بەش يىلغا نەزەر سالساق، پارتىيەمىز قەتئىي نىيەت، مۇستەھكەم ئىرادە بىلەن پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنى مىسلىسىز ئىلگىرى سۈردى، پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىنىڭ تارىخىي مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈرۈشىگە، تارىخىي ئۆزگىرىشلەرنى ياسىشىغا تۈرتكە بولدى، بۇ، پارتىيە، دۆلەت، مىللەتكە مۆلچەرلىگۈسىز چوڭقۇر تەسىر كۆرسەتتى. پارتىيە 18- قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، بوشاشماي تىرىشىش ئارقىلىق پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىش ئىنتايىن ياخشى ئاساسقا ئىگە بولدى، بىز ۋەزىيەتكە قاراپ ئىش كۆرۈپ، پارتىيەنىڭ ئۇزاق مۇددەتلىك ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئىقتىدارى قۇرۇلۇشى، ئىلغارلىق ۋە پاكلىق قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشتىن ئىبارەت ئاساسىي لىنىيەنى پۇختا ئىگىلەپ، ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىش ئارقىلىق پارتىيەنى ياخشى، كۈچلۈك قىلىپ قۇرۇپ چىقساقلا، «تۆت ئۇلۇغ» ئومۇمىيەتنى ئىگىلەپ، پارتىيەمىزنىڭ باشتىن- ئاخىر دەۋرنىڭ ئالدىدا ماڭىدىغان، خەلق چىن دىلىدىن ھىمايە قىلىدىغان، ئۆزى ئۈستىدە دادىل ئىنقىلاب قىلىدىغان، تۈرلۈك بوران- چاپقۇننىڭ سىنىقىغا بەرداشلىق بېرەلەيدىغان، غەيرەت- جاسارەتكە تولغان ماركسىزملىق ھاكىمىيەت بېشىدىكى پارتىيەگە ئايلىنىشىغا كاپالەتلىك قىلىپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا قەتئىي غەلىبە قىلىپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇشنى كۈچلۈك كاپالەت بىلەن تەمىنلىيەلەيمىز.

  پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنى مىنۇت- سېكۇنتمۇ بوشاشتۇرۇپ قويۇشقا بولمايدۇ، بۇ پارتىيەنى باشقۇرۇش، پارتىيەنى ئىدارە قىلىشتىكى تەجرىبە- ساۋاقلارنىڭ چوڭقۇر يەكۈنى. توغرا سىياسەت- فاڭجېنلاردا ئۈنۈم يارىتىشنىڭ مۇھىم نۇقتىسى چىڭ تۇرۇشتا، قىيىن نۇقتىسىمۇ چىڭ تۇرۇشتا. ئىسلاھات، ئېچىۋېتىلگەندىن بۇيانقى ئەمەلىيەت شۇنى ئىسپاتلىدىكى، پارتىيەنى باشقۇرۇش، پارتىيەنى ئىدارە قىلىشنى چىڭ تۇتۇشقا بولىدۇكى، بوشاشتۇرۇپ قويۇشقا بولمايدۇ، ئۇنداق بولمايدىكەن پارتىيە ئىستىلى، پاكلىق قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش ۋە چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشى يېرىم يولدا توختاپ قېلىپ، ئەجرىمىز يوققا چىقىدۇ، ناتوغرا ئىستىل ۋە چىرىكلىك قايتىدىن باش كۆتۈرۈپ، خورىكى تېخىمۇ ئۆسىدۇ؛ پارتىيە ئىچى ۋە جەمئىيەتتە ئىدىيەۋى مالىمانچىلىق كېلىپ چىقىپ، ئاممىنىڭ پارتىيەگە بولغان ئىشەنچىسى ۋە ئىشىنىشى تەسىرگە ئۇچرايدۇ. پارتىيە 18- قۇرۇلتىيىدىن بۇيان پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشتا كۆرۈنەرلىك ئۈنۈم ھاسىل قىلىندى، شۇنىڭ بىلەن بىللە، شۇنىمۇ كۆرۈش كېرەككى، بۇ پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشتىكى بىر ياخشى باشلىنىش خالاس، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنىڭ تاماملىنىشىغا تېخى خېلى بار، ھەرگىزمۇ بىردە تۇتۇپ، بىردە بوشاشتۇرۇپ قويىدىغان، مەسىلە كۆرۈلگەندە تۇتۇپ، ئاندىن يەنە بوشاشتۇرۇپ قويىدىغان دەۋرىيلىككە پېتىپ قالماسلىقىمىز، چوقۇم پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنىڭ چوڭقۇر تەرەققىياتىغا داۋاملىق تۈرتكە بولۇشىمىز كېرەك. پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشتا جەزمەن پارتىيەنىڭ ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى كۈچەيتىش كېرەك. جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ ئەڭ ماھىيەتلىك ئالاھىدىلىكى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكى، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنىڭ يادروسى پارتىيە رەھبەرلىكىنى كۈچەيتىش. پارتىيە رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇشتا ئەڭ مۇھىمى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نوپۇزى ۋە مەركەزلىك بىر تۇتاش رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇش شەرت. پارتىيە نىزامنامىسىدە «تۆتكە بويسۇنۇش» بەلگىلەندى، بۇنىڭدا ئەڭ مۇھىمى پۈتۈن پارتىيەنىڭ بارلىق تەشكىلاتلىرى ۋە بارلىق ئەزالىرى پارتىيەنىڭ مەملىكەتلىك قۇرۇلتىيىغا ۋە مەركىزىي كومىتېتقا بويسۇنۇشى كېرەك؛ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى «تۆت ئاڭ»نى تەكىتلىدى، بۇنىڭدا ئەڭ مۇھىمى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نوپۇزى ۋە مەركەزلىك بىر تۇتاش رەھبەرلىكىنى قەتئىي قوغداش كېرەك. بۇ قۇرۇق شوئار ئەمەس، ئىپادە بىلدۈرۈپلا توختاپ قالماي، ھەرىكەتتە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئاڭلىق ھالدا پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەشەببۇسىغا قەتئىي ئاۋاز قوشۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ قارارىنى قەتئىي ئىجرا قىلىپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى مەنئى قىلغاننى قەتئىي قىلماسلىق، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر- ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئىجرا قىلىشتا شەرت قويماسلىق، كېمەيتىۋەتمەسلىك، ئۆزگەرتىۋەتمەسلىك كېرەك.

  ۋەزىيەتكە بېقىپ ئىش كۆرگەنلەر، ھەممە ئىشتا غەلىبە قىلىدۇ. ئەمەلىيەت شۇنى ئىسپاتلىدىكى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى خەلققە رەھبەرلىك قىلىپ ئۇلۇغ ئىجتىمائىي ئىنقىلاب قىلدى، يەنە ئۆزى ئۈستىدىمۇ ئۇلۇغ ئىنقىلاب قىلدى. شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، ۋەزىيەتكە بېقىپ ئىش كۆرۈپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشتا يېڭى ۋەزىيەت ياراتقاندىلا، پارتىيەمىز خەلقنى يېتەكلەپ زور خىرىسلارغا ئوڭۇشلۇق تاقابىل تۇرۇپ، زور خەۋپ- خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىپ، زور توسالغۇلارنى يېڭىپ، زور زىددىيەتلەرنى ھەل قىلىپ، ئۈزلۈكسىز غەلىبىسېرى ئىلگىرىلىيەلەيدۇ.

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 12- يانۋار تېلېگراممىسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تەڭرىتاغ تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى