تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   ئوبزور

پارتىيەمىز بېكىتكەن ئۇلۇغۋار نىشانغا قاراپ باتۇرلۇق بىلەن ئىلگىرىلەيمىز

  − مەركىزىي كومىتېتقا يېڭىدىن كىرگەن ئەزالار، كاندىدات ئەزالار ۋە ئۆلكە باشلىقى، مىنىستىر دەرىجىلىك ئاساسلىق رەھبىرىي كادىرلارنىڭ شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ۋە پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش مۇھاكىمە كۇرسىدىن خاتىرە

     يېڭى يىل كىرىشى بىلەنلا ھەممە نەرسە يېڭىلاندى. مەركىزىي كومىتېتقا يېڭىدىن كىرگەن ئەزالار، كاندىدات ئەزالار ۋە ئۆلكە باشلىقى، مىنىستىر دەرىجىلىك ئاساسلىق رەھبىرىي كادىرلارنىڭ شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ۋە پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش مۇھاكىمە كۇرسى 1- ئاينىڭ 5- كۈنىدىن 8- كۈنىگىچە مەركىزىي پارتىيە مەكتىپىدە ئۆتكۈزۈلدى. 1- ئاينىڭ 5- كۈنى چۈشتىن بۇرۇن ئۆتكۈزۈلگەن كۇرسنىڭ باشلىنىش مۇراسىمىدا باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇھىم سۆز قىلىپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزمدا چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇشتا، پارتىيە قۇرۇلۇشىدىن ئىبارەت يېڭى ئۇلۇغ قۇرۇلۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشتە، كۈلپەت ئېڭىنى كۈچەيتىپ، خەۋپ- خەتەردىن، خىرىستىن مۇداپىئەلىنىشتە باشتىن- ئاخىر بىردەك بولۇش قاتارلىق زور مەسىلىلەرنى چوڭقۇر شەرھلىدى.

  باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزى مۇھاكىمە كۇرسىدىكى كۇرسانتلار ئارىسىدا كۈچلۈك ئىنكاس قوزغىدى. سۆزنى ئاڭلاش، ئۆزلۈكىدىن ئۆگىنىشنى قانات يايدۇرۇش، گۇرۇپپىلارغا بۆلۈنۈپ مۇزاكىرە قىلىش، سىنىپ بويىچە پىكىر ئالماشتۇرۇش ئارقىلىق مەركىزىي كومىتېتقا يېڭىدىن كىرگەن ئەزالار، كاندىدات ئەزالار، ھەرقايسى ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلەر ۋە شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش- قۇرۇلۇش بىڭتۈەنى، مەركەز ۋە دۆلەت ئورگىنىدىكى مۇناسىۋەتلىك تارماقلارنىڭ ئاساسلىق مەسئۇللىرى، ئارمىيەدىكى ھەرقايسى چوڭ ئورۇنلار، مەركىزىي ھەربىي كومىتېت ئورگىنىدىكى ھەرقايسى تارماقلارنىڭ ئاساسلىق مەسئۇللىرى يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزمىدا چىڭ تۇرۇپ ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئىشەنچىسى ۋە ئىرادىسىنى تېخىمۇ كۈچەيتتى.

  كۇرسانتلار مۇنۇلارنى بىلدۈردى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ «5- يانۋار»دىكى مۇھىم سۆزىگە باشتىن- ئاخىر يۈكسەك غايە- ئېتىقاد، كۈچلۈك بۇرچ ۋە مەسئۇلىيەت، روشەن نەزەرىيەۋى خىسلەت، قويۇق خەلقچىل ھېسسىيات سىڭگەن بولۇپ، بۇ شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ۋە پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئۆگىنىپ ئۆزلەشتۈرۈشتىكى ئەڭ ياخشى يېتەكچى ماتېرىيال. ئۇنىڭدا مەركىزىي كومىتېت ئەزالىرى ۋە يۇقىرى دەرىجىلىك رەھبىرىي كادىرلارغا بولغان غەمخورلۇق ۋە كۆيۈنۈش نامايان قىلىنغان ھەم يېڭى تەلەپلەر ئوتتۇرىغا قويۇلغان بولۇپ، كۆپچىلىك يادرونىڭ كۈچى، ھەقىقەتنىڭ كۈچى ۋە ئېتىقادنىڭ كۈچىنى چوڭقۇر ھېس قىلدى.

  بايراقنى كۆتۈرۈپ يۆنىلىشنى بېكىتىش ـــ جۇڭگوچە سوتسىيالىزمدا چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇشنىڭ خىتابنامىسى

  پارتىيەمىز خەلققە رەھبەرلىك قىلىپ، ئۇلۇغ ئىجتىمائىي ئىنقىلاب ئېلىپ بارغان 97 يىللىق تارىخقا ئىگە چوڭ پارتىيە بولۇش سۈپىتى بىلەن، بۇ مەيدان ئىجتىمائىي ئىنقىلابنىڭ ئاخىرقى غەلىبىسىنى قانداق قولغا كەلتۈردى؟ باش شۇجى شى جىنپىڭ سۆزىدە تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزمى پارتىيەمىز خەلققە رەھبەرلىك قىلىپ ئېلىپ بارغان ئۇلۇغ ئىجتىمائىي ئىنقىلابنىڭ نەتىجىسى، شۇنداقلا پارتىيەمىز خەلققە رەھبەرلىك قىلىپ ئېلىپ بارغان ئۇلۇغ ئىجتىمائىي ئىنقىلابنىڭ داۋامى، ئۇنى ئىزچىل داۋاملاشتۇرۇشىمىز كېرەك. پارتىيەمىز يېڭى تارىخىي ئورۇندا پارتىيەنىڭ يېڭى دەۋردىكى تارىخىي بۇرچىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن، ئەڭ مۇھىمى جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئۇلۇغ بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈشى كېرەك.

  كۇرسانتلار باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ كۇرسنىڭ باشلىنىش مۇراسىمىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنى چۆرىدەپ، 18 گۇرۇپپىغا بۆلۈنۈپ مۇزاكىرە قىلىپ پىكىر ئالماشتۇردى، ئۆز ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ تەسىراتى ۋە تونۇشىنى سۆزلىدى. مەركەزدىكى بىر قىسىم رەھبىرىي يولداشلارمۇ كۇرسانتلارنىڭ مۇزاكىرىسىگە قاتناشتى.

  ئىنتىزام تەكشۈرۈش- مەمۇرىي تەپتىش سىستېمىسىدىن كەلگەن بىر كۇرسانت مۇنداق دېدى: تارىخ ۋە رېئاللىق بىزگە بىر مەيدان ئىجتىمائىي ئىنقىلابنىڭ ئاخىرقى غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن كۆپىنچە ھاللاردا ئۇزاق بىر تارىخىي جەريان كېتىدىغانلىقىنى ئېيتىپ بەردى. جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئاسماندىن چۈشمىگەن، ئۇ پارتىيە ۋە خەلق نۇرغۇن جاپا- مۇشەققەتنى بېشىدىن كەچۈرۈپ، كۆپلەپ بەدەل تۆلەپ قولغا كەلتۈرگەن قىممەتلىك نەتىجە. بۇنداق نەتىجىنى قولغا كەلتۈرۈش ئاسانغا توختىمىغان، ئۇنى ھەسسىلەپ قەدىرلىشىمىز كېرەك.

  بېسىپ ئۆتكەن مۇساپىمىزنى ئەسلەپ، باشقىلار بېسىپ ئۆتكەن مۇساپىگە سېلىشتۇرۇپ، ئىلگىرىلەش مۇساپىمىزگە نەزەر سېلىپ، ئۆزىمىزنىڭ قەيەردىن كېلىپ، قەيەرگە بارىدىغانلىقىمىزنى ئايدىڭلاشتۇرساقلا، نۇرغۇن مەسىلىنى چوڭقۇر تونۇپ، ئېنىق ئىگىلىيەلەيمىز.

  بىر كۇرسانت مۇنداق دېدى: يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ يېڭى دەۋرى، قانداقتۇر باشقا يېڭى دەۋر ئەمەس. بىز قىينچىلىقلاردىن قورقماي، تاغ- داۋانلاردىن ئېشىش باسقۇچىدا تۇرۇۋاتىمىز، ھەر بىر جۇڭگولۇق جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ قۇرغۇچىسى ھەم بەھرىلەنگۈچىسى. مەيلى ئىلگىرىلەش مۇساپىسىدە قانداق خەۋپ- خەتەر ۋە خىرىس، قىيىنچىلىق ۋە توسقۇنلۇققا ئۇچرايلى، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم قۇرۇش غايىمىز ۋە ئىشەنچىمىزدىن تەۋرىنىشكە بولمايدۇ.

  جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يېڭى دەۋرگە كىرىپ، 21- ئەسىردىكى ئىلمىي سوتسىيالىزم تەرەققىياتىنىڭ بايرىقىغا ئايلىنىۋاتىدۇ، ئۇ دۇنيا سوتسىيالىزمىنى گۈللەندۈرۈشنىڭ مۇستەھكەم تۈۋرۈكى بولۇپ قالدى.

  غەربىي رايوندىن كەلگەن بىر كۇرسانت مۇنداق دېدى: جۇڭگوچە سوتسىيالىزم قولغا كەلتۈرگەن ئۇلۇغ غەلىبە ئىلمىي سوتسىيالىزم ئۈچۈن قوشقان ئىجادىي، تارىخىي تۆھپە. بىز «تۆت ئىشەنچ»نى تېخىمۇ مۇستەھكەملەپ، يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزمىنىڭ يېڭى غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن بوشاشماي كۈرەش قىلىدىغان ئېتىقادنى پۇختا تۇرغۇزۇپ، ئىلمىي سوتسىيالىزمنىڭ يېڭى تەرەققىياتىغا تېخىمۇ زور تارىخىي تۆھپە قوشۇشىمىز كېرەك.

  ئىنقىلابچىلار مەڭگۈ قېرىمايدۇ.

  باش شۇجى شى جىنپىڭ سۆزىدە بىزگە سەمىمىي تەلىم بېرىپ: ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاشتا ئۆزىمىزنىڭ كوممۇنىست، ئىنقىلابچى ئىكەنلىكىمىزنى ئۇنتۇماسلىقىمىز، ئىنقىلابىي روھنى يوقىتىپ قويماسلىقىمىز كېرەك، دېدى.

  كۆپچىلىك بىردەك مۇنداق دەپ قارىدى: پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ روناق تېپىشى، گۈللىنىشى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن، پۈتۈن پارتىيەدىكى يولداشلار ئىنقىلابىي روھ ۋە ئىنقىلابىي كۈرەش ئىرادىسىنى ساقلاپ، پارتىيەمىز خەلققە رەھبەرلىك قىلىپ 97 يىل ئېلىپ بارغان ئۇلۇغ ئىجتىمائىي ئىنقىلابنى داۋاملاشتۇرۇشقا جۈرئەت قىلىپ، غەلىبىدىن ھەرگىز مەغرۇرلانماي، مۇۋەپپەقىيەت ئالدىدا بوشىشىپ قالماي، قىيىنچىلىقتىن قورقماي، جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ تېخىمۇ كۈچلۈك، تېخىمۇ قايىل قىلارلىق ھەقىقەت كۈچىنى تىرىشىپ نامايان قىلىشى كېرەك.

  ئۆزى ئۈستىدە ئىنقىلاب قىلىش ـــ پارتىيە قۇرۇلۇشىدىن ئىبارەت يېڭى ئۇلۇغ قۇرۇلۇشنى چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈشنىڭ سەپەرۋەرلىك بۇيرۇقى

  «يېڭى دەۋردە جۇڭگوچە سوتسىيالىزمدا چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇشتىن ئىبارەت بۇ ئۇلۇغ ئىجتىمائىي ئىنقىلابنى ياخشى قىلىش ئۈچۈن، پارتىيەمىز دادىللىق بىلەن ئۆزى ئۈستىدە ئىنقىلاب قىلىپ، پارتىيەنى تېخىمۇ كۈچلۈك قىلىپ قۇرۇپ چىقىشى كېرەك». باش شۇجى شى جىنپىڭ كۇرسنىڭ باشلىنىش مۇراسىمىدا پارتىيە قۇرۇلۇشىدىن ئىبارەت يېڭى ئۇلۇغ قۇرۇلۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشتە ئىزچىل بولۇشنىڭ ئىنتايىن مۇھىملىقىنى چوڭقۇر شەرھلەپ، ماركسىزملىق ھاكىمىيەت بېشىدىكى پارتىيەنىڭ ئۆزى ئۈستىدە ئىنقىلاب قىلىش جاسارىتى ۋە سىياسىي ئاڭلىقلىقىنى نامايان قىلدى.

  «پارتىيە ئۇزاق مۇددەت ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈۋاتقان شارائىتتا ئۆزى ئۈستىدە ئىنقىلاب قىلىش روھى ئارقىلىق پارتىيە ئىچىدە ساقلىنىۋاتقان گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى ھەل قىلىپ، يېڭى دەۋردە پارتىيە قۇرۇلۇشىدىن ئىبارەت يېڭى ئۇلۇغ قۇرۇلۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشنىڭ نېگىزىنى تۇتتى». ئارمىيە سىستېمىسىدىن كەلگەن بىر كۇرسانت مۇنۇلارنى بىلدۈردى: پارتىيە قۇرۇلۇشىنى تۇتۇشتا ئىنقىلابىي روھ بولۇش- بولماسلىقنىڭ ئۈنۈمىمۇ ئوخشاش بولمايدۇ. پارتىيە 18- قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، پارتىيە ئىچىدە ساقلانغان كونا ئىللەتلەرنىڭ بۇنداق ئۈنۈملۈك ھەل قىلىنىشىنىڭ ئاساسلىق سەۋەبى شۇكى، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى پۈتۈن پارتىيەدىكى يۇقىرى- تۆۋەن ھەممەيلەننى باشلاپ، ئۆزى ئۈستىدە ئىنقىلاب قىلىش روھىنى جارى قىلدۇرۇپ، تىغنى ئىچىگە قارىتىشقا، دادىللىق بىلەن ئۇستىخاننى قىرىپ زەھەرنى تازىلاشقا جۈرئەت قىلدى، ئەزىمەتلەرگە خاس جاسارىتىنى نامايان قىلدى.

  ئۆگىنىش، پىكىر يۈرگۈزۈش، مۇزاكىرە قىلىش، پىكىر ئالماشتۇرۇش... قىش پەسلىدە مەركىزىي پارتىيە مەكتىپى ھويلىسىنى قويۇق تەتقىقات كەيپىياتى قاپلىغانىدى. ياتاقلاردا كۇرسانتلار يېرىم كېچىگىچە ئۆزلۈكىدىن ئۆگىنىپ، گۇرۇپپىدا سۆزلەيدىغان نۇتقىنى تەييارلىدى، بەزى كۇرسانتلار نەچچە بەت كېلىدىغان نۇتۇق تېزىسى تەييارلىۋالدى.

  پارتىيەمىزنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىش ئۈچۈن جەزمەن «ھالقىلىق ئاز سانلىقلار»نى تۇتۇش كېرەك. باش شۇجى شى جىنپىڭ سۆزىدە يۇقىرى دەرىجىلىك رەھبىرىي كادىرلارغا «بەشتە قاتتىق بولۇش» تەلىپىنى، يەنى ئېتىقادتا، سىياسىيدا، مەسئۇلىيەتتە، ئىقتىداردا، ئىستىلدا قاتتىق بولۇشنى ئوتتۇرىغا قويدى.

  كۇرسانتلار بەس- بەستە مۇنۇلارنى بىلدۈردى: سۆزنى ئاڭلىغاندىن كېيىن چوڭقۇر تەربىيە ئالدۇق، چوڭقۇر تەسىرلەندۇق. «بەشتە قاتتىق بولۇش» پارتىيەنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك كادىرلار قوشۇنى قۇرۇلۇشىدىكى مۇھىم مەسىلىنى چىڭ تۇتقانلىق بولۇپ، كۈچلۈك رېئال قاراتمىلىققا ئىگە، چوقۇم كەم- كوتسىز سېلىشتۇرۇپ ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك.

  بىر كۇرسانت مۇنداق دېدى: ئەڭ مۇھىمى ئېتىقادتا قاتتىق بولۇش كېرەك، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى دەستۇر، يېنىدىن ئايرىمايدىغان كىتاب، زۆرۈر كىتاب قىلىپ، ئۇنى چۈشىنىش، ئۆزلەشتۈرۈش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە كۈچەپ، كاللىنى قوراللاندۇرۇش، خىزمەتلەرگە يېتەكچىلىك قىلىشتا ھەقىقىي ئىشلىتىش كېرەك. ئەڭ ئاساسلىقى سىياسىيدا قاتتىق بولۇش كېرەك، بايرىقى روشەن ھالدا سىياسىينى تەكىتلەش، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ۋە پۈتۈن پارتىيەنىڭ يادروسىلىق ئورنىنى قەتئىي قوغداش، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نوپۇزى ۋە مەركەزلەشكەن بىر تۇتاش رەھبەرلىكىنى قەتئىي قوغداش كېرەك.

  «تارىختا مۇنەۋۋەر كومپارتىيە ئەزالىرى ئارزۇسى ئۈچۈن بىر ئۆمۈر كۈرەش قىلغان، كاللا كېسىلسە كېسىلسۇنكى، قان تۆكۈلسە تۆكۈلسۇنكى، ئېتىقادنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ئېتىقاد مۇستەھكەم بولغاندىلا، پىداكارلىق كۆرسەتكىلى بولىدۇ؛ ئېتىقاد مۇستەھكەم بولغاندىلا، شېكەر يالىتىلغان زەمبىرەك ئوقىغا ئالدانمايمىز»، «كىچىك ئىشلاردا سىياسىي، يۆنىلىش، ئوبراز، ئىنسانىي پەزىلەت بار، <بەشتە قاتتىق بولۇش>نى چوقۇم كونكرېت ئىشلاردىن باشلاش كېرەك، ئىنچىكە، كىچىك نۇقتىلارغىچە ئەمەلىيلەشتۈرگەندىلا <بەشتە قاتتىق بولۇش>نى دەل جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرگىلى بولىدۇ» ...

  گۇرۇپپا مۇھاكىمىسىدە كۇرسانتلار بەس- بەستە ئۆزى ھەققىدە ئويلىنىپ، «بەشتە قاتتىق بولۇش» تەلىپىگە ئاساسەن تونۇشىنى، تەپەككۇرىنى چوڭقۇرلاپ سۆزلىدى. كۆپچىلىك بىردەك مۇنداق بىلدۈردى: بۇ بىر قانچە كۈنلۈك مەركەزلىك ئۆگىنىش ئىدىيەنى يەنە بىر قېتىم بىرلىككە كەلتۈرۈش بولۇپلا قالماستىن، پارتىيەلىك جەھەتتىكى قايتا تەربىيەلىنىش بولدى.

  سەگەك، ئېغىر- بېسىق بولۇش ـــ  كۈلپەت ئېڭىنى كۈچەيتىش، خەۋپ- خەتەردىن، خىرىستىن مۇداپىئەلىنىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشتىكى ئاگاھلاندۇرۇش دەرسى

  «ئىلگىرىلەش يولى ئوڭۇشلۇق بولۇۋەرمەيدۇ، نەتىجىگە ئېرىشكەنسېرى شۇنچە ئېھتىياتچان بولۇش، خاتىرجەم شارائىتتىمۇ خەۋپ- خەتەرنى ئويلايدىغان كۈلپەت ئېڭى بولۇش كېرەك، ئىستراتېگىيەلىك، ئەجەللىك خاتارلىقلارنى ھەرگىز سادىر قىلىشقا بولمايدۇ»، باش شۇجى شى جىنپىڭ سۆزىدە پۈتۈن پارتىيەگە كۈلپەت ئېڭىنى كۈچەيتىپ، خەۋپ- خەتەردىن، خىرىستىن مۇداپىئەلىنىشتە باشتىن- ئاخىر بىردەك بولۇش توغرىلىق چوڭقۇر ئاگاھلاندۇرۇش بەردى.

  تاسادىپىي ۋەقەلەرنىڭ سادىر بولۇشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن ئالدىن تەييارلىق كۆرۈش كېرەك، بۇ ئەڭ ياخشى چارە.

  كۇرسانتلار ئۆزلىرىنىڭ خىزمەت ساھەسىگە بىرلەشتۈرگەن ئاساستا نۆۋەتتە ساقلىنىۋاتقان خەۋپ- خەتەر، خىرىسلارنى تەھلىل قىلىپ، سەۋەبىنى ئىزدەپ، تەدبىرلەرنى ئويلىشىپ، پىلانلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

  ئوتتۇرا قىسىم رايوندىن كەلگەن مەلۇم كۇرسانت مۇنداق دېدى: باش شۇجى شى جىنپىڭ سۆزىدە كۈچلۈك كۈلپەت ئېڭىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، بىزگە تولۇپ تاشقان ئىشەنچ بىلەن يېڭى مۇساپىنى باشلاش كېرەكلىكىنى، شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئىلگىرىلەش مۇساپىمىزدىكى تۈرلۈك خەۋپ- خەتەردىن مۇداپىئەلىنىشىمىز كېرەكلىكىنى ئەسكەرتتى. مۇۋەپپەقىيەت ئالدىدا كاللىمىزنى ھەر ۋاقىت سەگەك تۇتۇشىمىز، ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ، قىيىنچىلىقلارنى يېڭىشىمىز، تۆۋەن چەك تەپەككۇرىنى ساقلىشىمىز، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىش مۇساپىسىنى ئاستىلىتىدىغان، ئۈزۈپ قويىدىغان خاتالىقلارنى سادىر قىلماسلىقىمىز كېرەك.

  مەركەزدىكى دۆلەت ئورگىنىدىن كەلگەن بىر كۇرسانت مۇنداق دېدى:كۈلپەت ئېڭىنى ئىزچىل ساقلاپ، مەغرۇرلۇقتىن ۋە ئالدىراقسانلىقتىن مەڭگۈ ساقلىنىش بىر پارتىيەنىڭ پىشىپ يېتىلىشىنىڭ بەلگىسى، «ئۈچ چوڭ جەڭ»نىڭ ئىچىدىكى بىرىنچىسى دەل زور خەۋپ- خەتەردىن مۇداپىئەلىنىش ۋە ئۇنى تۈگىتىشتىن ئىبارەت، بۇ پۇل مۇئامىلە كىرىزىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىنىڭ روھى ۋە مەركەز ئىقتىساد خىزمىتى يىغىنىنىڭ روھىغا ئاساسەن، سىستېما خاراكتېرلىك پۇل مۇئامىلە كىرىزىسى يۈز بېرىشىنىڭ قەتئىي ئالدىنى ئېلىپ، يەرلىك ھۆكۈمەتلەرنىڭ يوشۇرۇن قەرز قاتارلىق مەسىلىلىرىنى تەكشۈرۈش كېرەك.

  شەرقىي شىمالدىن كەلگەن بىر كۇرسانت مۇنداق دېدى: ئۆزىمىز تۇرۇشلۇق رايوندىكى خەۋپ- خەتەرنىڭ ئىپادىلىنىشى ۋە دەرىجىسىنى بىرمۇبىر تەتقىق قىلىپ ۋە باھالاپ، سەۋەبىنى بىرمۇبىر تەھلىل قىلىپ، يۆنىلىشىگە بىرمۇبىر ئالدىن ھۆكۈم قىلىپ، لايىھەنى بىرمۇبىر تۈزۈپ، بىرمۇبىر ھەل قىلىپ، خەۋپ- خەتەرنى بىخ ھالىتىدىلا ھەل قىلىش ياكى تەرەققىيات داۋامىدا تۈگىتىش ياكى كونترول قىلىش دائىرىسىدە كونترول قىلىپ، شارائىت يارىتىپ، پۇرسەت پىشىپ يېتىلگەندە ئاندىن ھەل قىلىشىمىز كېرەك. «قارا ئاققۇ» ۋەقەسى (مۆلچەرلەش قىيىن بولغان، بىنورمال ۋەقەلەر)دىن يۈكسەك دەرىجىدە ئېھتىيات قىلىشىمىز، «كۈلرەڭ كەركىدان» ۋەقەسى (دائىم يۈز بېرىدىغان، كىشىلەرگە ئادەت بولۇپ كەتكەن خەۋپ- خەتەرلەر)نىڭ ئالدىنى ئېلىشىمىز كېرەك.

  دەۋر سوئال چىقارغۇچى، بىز ئىمتىھان بەرگۈچى، خەلق سوئال تەكشۈرگۈچى.

  مەركىزىي كومىتېتقا يېڭىدىن كىرگەن بىر كۇرسانت مۇنداق دېدى: جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يېقىنقى زامان جۇڭگو جەمئىيىتى تەرەققىياتىنىڭ مۇقەررەر تاللىشى، جۇڭگونىڭ زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇشىنىڭ مۇقەررەر تاللىشى، خەلققە بەختىيار، گۈزەل تۇرمۇش يارىتىپ بېرىشىنىڭ مۇقەررەر تاللىشى، ئۇلۇغۋار پىلاننى ئىشقا ئاشۇرۇشتا ۋاقىت بىلەن بەسلىشىشىمىز كېرەك، دۆلەتنىڭ چوڭ ئىشلىرىدا چوقۇم ئەستايىدىل بولۇشىمىز كېرەك. ئۆزىنى بېغىشلاشتەك مەسئۇلىيەتچانلىق تۇيغۇسى بىلەن تۈرلۈك خىزمەتلەرنى چوقۇم ياخشى ئىشلىشىمىز، ۋاقىت ساقلاپ تۇرمايدۇ، ۋاقىت بىلەن بەسلىشىشىمىز كېرەك دەيدىغان روھ ئارقىلىق كەسىپكە چوقۇم ئۆزىمىزنى بېغىشلىشىمىز كېرەك.

  يېڭى دەۋرنىڭ بۇرغىسى چېلىندى، دۇمباق چېلىنىپ سەپەرگە ئاتلىنىشقا چاقىرىلدى.

  تۆت كۈن داۋاملاشقان مەخسۇس تېمىلىق مۇھاكىمە كۇرسى ئاخىرلاشتى، يېپيېڭى مۇساپە باشلاندى. كۇرسانتلار تېخىمۇ تولۇپ تاشقان قىزغىنلىق، تېخىمۇ قەتئىي ئىشەنچ بىلەن ئۆزلىرىنىڭ خىزمەت ئورنىغا قايتىپ، يېڭى نەتىجە ئارقىلىق يېڭى كەيپىياتنى نامايان قىلىپ، شى جىنپىڭنىڭ جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ۋە پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىدا كۆرسىتىلگەن يۆنىلىشكە ئاساسەن، يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىشلىرىنىڭ يېڭى ۋەزىيىتىنى ئۈزلۈكسىز يارىتىپ، پارتىيەمىز بېكىتكەن ئۇلۇغۋار نىشانغا قاراپ باتۇرلۇق بىلەن ئىلگىرىلىگۈسى.

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 9- يانۋار تېلېگراممىسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى