تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   گۈزەل يۇرت -ماكانىمىزنى ياخشى قوغدايلى

جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى پۇختا تۇرغۇزايلى

  سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستلىق مائارىپ خىزمىتى كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، ئىنتىزام تەكشۈرۈش خىزمىتى كومىتېتىنىڭ شۇجىسى، ئىنتىزام تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسىنىڭ باشلىقى، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغۇچىسى دىلمۇرات مەمەت

    كۆپ مىللەتلىك بىر دۆلەتتە مۇستەھكەم بولغان «پۇقرالىق ئېڭى» كەمچىل بولسا، «دۆلەتنى تونۇش» تۇيغۇسى كۈچلۈك بولمىسا، مىللەتلەرنىڭ ئىتتىپاقلىقىغا ۋە گۈللىنىپ تەرەققىي قىلىشىغا تەسىر يېتىدۇ. بىز ئىشنى توغرا تارىخىي قاراش تەربىيەسىدىن باشلاپ، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ئاممىنى تارىخنى توغرا چۈشىنىدىغان، تارىخنى توغرا تونۇيدىغان، تارىخقا توغرا مۇئامىلە قىلىدىغان قىلىپ، شىنجاڭنىڭ ۋەتىنىمىزنىڭ ئايرىلماس بىر قىسمى ئىكەنلىكىنى، شىنجاڭدىكى ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ جۇڭخۇا مىللىتى چوڭ ئائىلىسىنىڭ بىر ئەزاسى ئىكەنلىكىنى تولۇق تونۇشىمىز كېرەك.

  ئىدېئولوگىيە خىزمىتى پارتىيەمىزنىڭ ئىستىقبالى، تەقدىرىگە ۋە دۆلىتىمىزنىڭ ئەبەدىي ئەمىنلىكىگە، مىللەتلەرنىڭ ئۇيۇشقاقلىقى ۋە ئىنتىلىشچانلىقىغا مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، پارتىيەنىڭ بىر تۈرلۈك ئىنتايىن مۇھىم خىزمىتى. شىنجاڭ خىزمىتىدە دىققەتنى باش نىشانغا مەركەزلەشتۈرۈپ، مەنبەدىن ئايدىڭلاشتۇرۇشتا چىڭ تۇرۇشىمىز، ئىدىيەۋى تەربىيەنى مەردانە قانات يايدۇرۇپ، كىشىلەرنىڭ كاللىسىغا، قەلبىگە ھەقىقىي سىڭدۈرۈپ، ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنى ئۇلۇغ ۋەتەنگە بولغان تونۇشىنى قەلبىنىڭ چوڭقۇر قاتلىمىدىن كۈچەيتىدىغان قىلىشىمىز كېرەك.

  بىز ماركسىزملىق «بەش قاراش» ۋە «بەشنى قەلبتىن ئېتىراپ قىلىش»، «ئۈچ ئايرىلالماسلىق»، شىنجاڭنىڭ «ئۈچ تارىخ»ى توغرىسىدىكى تەربىيەنى كۈچەيتىپ، كادىرلار، ئاممىغا 56 مىللەتنىڭ بىر ئائىلە كىشىلىرى ئىكەنلىكىنى ئېنىق چۈشەندۈرۈشىمىز كېرەك. بەزى مۇناپىقلارنىڭ «ئۈچ خىل كۈچ»نىڭ گۇماشتىسىغا ئايلىنىپ قېلىشىغا «پانئىسلامىزم»، «پانتۈركىزم» ئىدىيەسىنىڭ كاللىسىنى چىرىتكەنلىكى، ئۇلارنىڭ جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭى ئاجىزلىشىپ كەتكەنلىكىگە سەۋەبچى بولغانلىقىنى ئېنىق چۈشەندۈرۈشىمىز كېرەك. ئىدىيە قاتلىمىدىكى مەسىلىلەرنى ياخشى ھەل قىلىپ، «پانئىسلامىزم»، «پانتۈركىزم»نىڭ زەھىرىنى تازىلاش ئۈچۈن جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى پۇختا تۇرغۇزۇپ، ھەقىقەت بىلەن سەپسەتىنى ھادىسە ئارقىلىق پەرقلەندۈرۈشنى كۈچەيتىپ، «ئۈچ خىل كۈچ»نىڭ سىياسىي جەھەتتىكى ئەكسىيەتچىللىكى، دىنىي جەھەتتىكى ساختىلىقى، ئۇسۇل جەھەتتىكى ئالدامچىلىقىنى چوڭقۇر تونۇشىمىز كېرەك.

  پۇتۇڭخۇا ۋە قېلىپلاشقان خەنزۇ يېزىقى دۆلىتىمىزنىڭ ئورتاق تىل- يېزىقى، ئۇ ھېسسىيات رىشتىسى، ئالاقە كۆۋرۈكى. دۆلەتنىڭ ئورتاق تىل- يېزىقىنى ئۆگىنىش ۋە قوللىنىش پۇقرالارنىڭ ۋەتەنپەرۋەرلىك پەزىلىتىنى يېتىلدۈرۈشكە، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇيۇشقاقلىقىنى كۈچەيتىشكە پايدىلىق. ئاز سانلىق مىللەتلەرگە دۆلەتنىڭ ئورتاق تىل- يېزىقىنى ئىگىلىتىش ئەمەلىيەتتە ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ تەربىيەلىنىش ھوقۇقىنى قوغداش، ھەر مىللەت ئاممىغا سىرتقا چىقىش، زامانىۋى مەدەنىيەتتىن ئورتاق بەھرىمەن بولۇش پۇرسىتى يارىتىپ بېرىش ھېسابلىنىدۇ. 2001- يىلى «دۆلەتنىڭ ئورتاق تىل- يېزىق قانۇنى» رەسمىي يولغا قويۇلۇپ، پۇتۇڭخۇا بىلەن قېلىپلاشقان خەنزۇ يېزىقىنىڭ دۆلەتنىڭ ئورتاق تىل- يېزىقىلىق قانۇنىي ئورنى يەنىمۇ ئايدىڭلاشتۇرۇلدى، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ئامما دۆلەتنىڭ ئورتاق تىل- يېزىقىنى ئۆگىنىپ، جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنى تارقىتىشى كېرەك. ئاز سانلىق مىللەت بالىلىرىنى دۆلەتنىڭ ئورتاق تىل- يېزىقىنى پىششىق بىلىدىغان، قوللىنىدىغان قىلىش، ئۇلارنىڭ كەلگۈسىدە تېخىمۇ ياخشى تەرەققىي قىلىشى، تېخىمۇ گۈزەل تۇرمۇشقا ئىنتىلىشىگە ئاساس سالىدۇ.

  شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلق جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنى، ۋەتەننى، جۇڭخۇا مىللىتى چوڭ ئائىلىسىنى قىزغىن سۆيۈش، ئىنتىزامغا رىئايە قىلىپ، قانۇنغا بويسۇنۇش، ئىلىمنى قەدىرلەش، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى كۈچەيتىش، سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشىنى ئەمەلدە كۆرسىتىش نەمۇنىچىلىرىدىن بولۇشى كېرەك. پارتىيەنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدىلا، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇرغىلى، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى ئەمەلگە ئاشۇرغىلى بولىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى