تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   گۈزەل يۇرت -ماكانىمىزنى ياخشى قوغدايلى

مەكتەپتىن ئىبارەت بۇ پاكىز تۇپراقنى قەتئىي ياخشى قوغدايمەن

  قەشقەر ۋىلايەتلىك 2- ئوتتۇرا مەكتەپ پارتكومىنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن مەكتەپ مۇدىرى گۈلباھار مەمەت

  مەن يېڭى جۇڭگودا تۇغۇلۇپ، قىزىل بايراق ئاستىدا ئۆسۈپ يېتىلدىم، كىچىكىمدىن تارتىپ پارتىيەنىڭ غەمخورلۇقىغا ئېرىشىپ، ۋەتىنىمىزدە كۈنسېرى بارلىققا كېلىۋاتقان يېڭى ئۆزگىرىشلەرگە گۇۋاھ بولدۇم. بۇ ئۆزگىرىشلەرنىڭ ھەممىسى پارتىيەنىڭ توغرا رەھبەرلىكىدىن بولغان، مەن ۋەتەن چوڭ ئائىلىسىنىڭ ئىللىق قوينىدا ياشاۋاتقانلىقىمدىن پەخىرلىنىمەن.

  يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، «ئۈچ خىل كۈچ» قۇتراتقۇلۇق قىلىپ بىر قاتار زوراۋانلىق، تېررورلۇق دېلولىرىنى سادىر قىلىپ، ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنىڭ غەزىپىنى قوزغىدى، كۆپچىلىك زوراۋان- تېررورچىلارنىڭ ئىنسانىيەتكە، جەمئىيەتكە، مەدەنىيلىككە قارشى جىنايى قىلمىشلىرىنى بەس- بەستە ئەيىبلەپ، ئۇلارنىڭ رەزىل ئەپت- بەشىرىسىنى ئېچىپ تاشلىدى. «ئۈچ خىل كۈچ» شىنجاڭنىڭ تىنچ، مۇقىم، ئىتتىپاق ياخشى ۋەزىيىتىگە، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ بەختلىك تۇرمۇشىغا بۇزغۇنچىلىق قىلدى، ئۇلار بىز ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئورتاق دۈشمىنى، بىز ئۇلارغا قارشى جان تىكىپ كۈرەش قىلىشىمىز كېرەك.

  پارتىيەلىك ھەر مىللەت كادىرلار مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئېلىپ، دادىل ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈپ، باشلامچىلىق بىلەن رولىنى جارى قىلدۇرۇشى كېرەك. بىز چوقۇم توغرا بولغان دۆلەت قارىشى، مىللەت قارىشى، تارىخ قارىشى، مەدەنىيەت قارىشى، دىن قارىشىنى تۇرغۇزۇپ، «ئۈچ خىل كۈچ»نىڭ «مىللەت»، «دىن» بايرىقىنى كۆتۈرۈۋېلىپ بۆلگۈنچىلىك ئىدىيەسىنى تەرغىب قىلىشىغا قەتئىي يول قويماسلىقىمىز كېرەك. بۆلگۈنچىلىك ئىدىيەسىنىڭ مەكتەپلەرگە سىڭىپ كىرىشىنى قەتئىي توسۇپ، سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشىنى زور كۈچ بىلەن يېتىلدۈرۈشىمىز ۋە ئەۋج ئالدۇرۇشىمىز كېرەك.

  مائارىپ خىزمەتچىلىرىنىڭ باشلامچىلىق بىلەن مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى كۈچەيتىش مەجبۇرىيىتى ۋە مەسئۇلىيىتى بار. بىز ئوقۇتقۇچى- ئوقۇغۇچىلارنى مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى، ئىجتىمائىي مۇقىملىقنىڭ مۇھىملىقىنى تولۇق تونۇشقا يېتەكلەپ ۋە شۇ بويىچە تەربىيەلەپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قوغداشنى ئۆزىمىزدىن باشلىشىمىز، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى كۆز قارىچۇقىمىزنى ئاسرىغاندەك ئاسرىشىمىز، ھاياتىمىزنى قەدىرلىگەندەك قەدىرلىشىمىز، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا پايدىسىز گەپ- سۆزلەرنى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا پايدىسىز ئىشلارنى قەتئىي قىلماسلىقىمىز كېرەك.

  مەكتەپ ئەزەلدىن ئىدېئولوگىيە ساھەسىدىكى بۆلگۈنچىلىككە، سىڭدۈرمىچىلىككە قارشى تۇرۇشتىكى ئاساسىي بازىلارنىڭ بىرى بولۇپ كەلدى، «ئۈچ خىل كۈچ»نىڭ بىزدىن ئەلرايىنى، بازىنى، ياشلار- ئۆسمۈرلەرنى تالىشىش كۈرىشى ئەزەلدىن توختاپ قالمىدى. بىز سىياسىيدا قەيسەر بولۇش، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداش، مەسئۇلىيەتنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش جەھەتتە ئۈلگە بولۇشىمىز، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداشنى باشتىن- ئاخىر باش تارتىپ بولمايدىغان سىياسىي مەسئۇلىيەت قىلىشىمىز، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداش خىزمىتىنى ئۈستىمىزگە ئېلىپ، قول سېلىپ ئىشلەپ، ھەرىكىتىمىزدە ئەمەلىيلەشتۈرۈشىمىز كېرەك. مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ۋە ئىجتىمائىي مۇقىملىققا زىيان يەتكۈزىدىغان بارلىق قىلمىشلارغا قەتئىي قارشى تۇرۇپ، ئوقۇتقۇچى- ئوقۇغۇچىلار، ئۇرۇق- تۇغقان، دوست- يارەن ۋە ئەتراپىمىزدىكى ئاممىغا پارتىيەنىڭ لۇشيەن، فاڭجېن، سىياسەتلىرىنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن تەشۋىق قىلىپ، ئۇلارنىڭ ھەق- ناھەقنى پەرق ئېتىش ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇشىمىز كېرەك.

  تەنتەنىلىك ھالدا شۇنداق ۋەدە بېرىمەنكى: مەن جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ پۇقراسى، مەن جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكىنى قەتئىي ھىمايە قىلىمەن. ئاساسىي قانۇن ۋە قانۇن- نىزاملارغا ئاڭلىق رىئايە قىلىمەن، سىياسىيغا، قائىدىگە ئەھمىيەت بېرىمەن، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن باشتىن- ئاخىر يۈكسەك بىردەكلىكنى ساقلايمەن، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قوغدايمەن، بۆلگۈنچىلىك ئىدىيەسى ۋە دىنىي ئەسەبىي ئىدىيەنى قەتئىي توسۇپ، ئەتراپىمدىكى كىشىلەرنى تەربىيەلەيمەن ۋە يېتەكلەيمەن، بايرىقىم روشەن ھالدا «ئۈچ خىل كۈچ»كە قارشى قەتئىي كۈرەش قىلىمەن، كۆكرەك كېرىپ دادىل ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈپ، ئىسسىق قېنىم ۋە ھاياتىم بىلەن ۋەتەننىڭ بىرلىكى، جەمئىيەتنىڭ ئىناقلىقى ۋە مۇقىملىقىنى قەتئىي قوغدايمەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى