تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   جايلاردا

يايلاقتا لەپىلداۋاتقان «بايراق»

«ئۈچ ئەل» خىزمىتى كادىرى كەنت ئاھالىسىگە قۇرۇلتاي روھىنى يەتكۈزمەكتە. 

ئۆز مۇخبىرلىرىمىز جەي ۋېنجيې، فەن گوبىڭ

 4 -يانۋار، قاردىن كېيىن جايىر تاغ تىزمىلىرى ئاپئاق قارغا تولغان بولۇپ، تاغلار بىلەن ئورالغان تولى ناھىيەسىنىڭ ئۇت بازىرى ئاقچى قاينار كەنتى كەنت ئاھالىلەر كومىتېتى ئەتراپتىكى نەچچە كىلومېتىر دائىرىدە پەقەت ئۈچ، تۆت ئائىلىكلەرنىلا كۆرگىلى بولىدۇ، لېكىن قەھرىتان سوغۇقتا كۆكتە لەپىلدەپ تۇرغان دۆلەت بايرىقى ئادەمنىڭ دىققىتىنى تارتىپ، ئادەمگە بىر خىل ئىللىق تۇيغۇ ئاتا قىلىدۇ.

خەلق ئاممىسىنى ئومۇميۈزلۈك ساغلاملىق مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەش

 ــ « مەن كەنتتە دوختۇرلۇق قىلىۋاتقىلى 11 يىل بولدى، بۇ يىل 32 ياشقا كىردىم، 2008-يىلى كەنت شىپاخانىسى پۈتۈپ ئىشقا كىرىشتۈرۈلگەندىن بۇيان، مەن بۇ يەردىن ئايرىلىپ باقمىدىم.» ،-دېدى بېيسىنبېك نۇرغازى راۋان ۋە ئېنىق دۆلەت تىلى بىلەن. « 19-قۇرۇلتاي دوكلاتىدا خەلق ئاممىسىنى ئومۇميۈزلۈك، تولۇق دەۋرىيلىك ساغلاملىق مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەش دەپ كۆرسىتىلگەن بولۇپ، مەن بىر ئاساسىي قاتلامدىكى داۋالاش، سەھىيە خىزمەتچىسى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، مەن تېخىمۇ تىرىشىپ، تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەلىك داۋالاش-ساقلىق ساقلاش مۇلازىمىتى ئارقىلىق خەلق ئاممىسىنىڭ سالامەتلىكىنى قوغدايمەن.»

 ئاقچى قاينار كەنتى چارۋىچىلىقنى ئاساس قىلىدىغان كەنت بولۇپ، جەمئىي 290 ئائىلە 1109 ئادەم ئولتۇراقلاشقان، چۈنكى بىر يىلنىڭ يېرىم يىلىنى قىشلىق ئۆيدە ئۆتكۈزىدىغان بولغانلىقتىن، كەنت كومىتېتى بۇ يەرگە قۇرۇلغانىكەن.

  كەنت شىپاخانىسىنىڭ جەمئىي ئۈچ ئېغىز ئۆيى بولۇپ، ئىككى ئېغىزى كىشىلەرنىڭ كېسىلىنى كۆرۈپ دورا ئېلىشىغا ئىشلىتىپ، بىر ئېغىزىدا بېيسىنبېك تۇرىدىكەن.

  «  بىمار بار ئەھۋال ئاستىدا، مەن كەتسەم بولمايدۇ، ئەگەر بىمارلارنىڭ ئۆيىگە بېرىپ كېسەل كۆرمەكچى بولغاندا، مەيلى قانچە يىراق بولسۇن، مەن يىراق كۆرمەي ئۇلارنىڭ ئۆيىگە بارىمەن.» دېدى بېيسىنبېك.

  كەنت ئاھالىلىرىنىڭ مەدەنىيەت پائالىيەتلىرىنى موللاشتۇرۇش

  پارتىيە 19-قۇرۇلتاي دوكلاتىدا، جامائەت مەدەنىيەت مۇلازىمەت سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، مەدەنىيەت ئارقىلىق خەلققە نەپ يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشىنى چوڭقۇر يولغا قويۇپ، ئاممىۋى مەدەنىيەت پائالىيىتىنى موللاشتۇرۇش كېرەك، دەپ كۆرسىتىلگەن.

  كەنت ئىتتىپاق ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى ئامانجول ئۆز يېنىدا ئېلىپ يۈرگەن سومكىسىدىن بىر دانە رادىيو-تېلېۋىزىيە قانال كۆپەيتكۈچنى چىقىرىپ خۇشال ھالدا مۇنداق دېدى: چارۋىچىلارنىڭ قىشلىق كۆڭۈل ئېچىش مەدەنىيەت تۇرمۇشى ناھايىتى ئاددىي، كەنتنىڭ رادىيو–تېلېۋىزىيە قانال كۆپەيتكۈچىنى تېزراق رېمونت قىلىپ، چارۋىچىلارنى بالدۇر تېلېۋىزور كۆرەلەيدىغان قىلىش، چارۋىچىلارنىڭ كۆڭۈل ئېچىش مەدەنىيەت تۇرمۇشىنى موللاشتۇرۇش، بىز ئاساسىي قاتلام تەشكىلاتلىرىنىڭ قىلىشقا تېگىشلىك ئىشى.

  كەنت ئاھالىلىرىگە خەلققە نەپ يەتكۈزۈش سىياسەتلىرىنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈش

  پارتىيە 19-قۇرۇلتىيى ئېچىلغاندىن كېيىن، تولى ناھىيەسى چارۋىچىلىق رايونلىرىنىڭ ئالاھىدىلىكىنى كۆزدە تۇتۇپ، پارتىيە ئەزالىرىغا « پارتىيە ئەزالىرى كىچىك سومكىسى» نى ھەقسىز تارقاتتى. ئېرجان دائىم «پارتىيە ئەزالىرى كىچىك سومكىسى» نى ئېسىپ، يول يىراق، ھەرىكىتى قولايسىز بولغان كەنت ئاھاللىرىگە ئاممىباب، چۈشىنىشلىك تىل ئارقىلىق 19-قۇرۇلتاي روھىنى تەشۋىق قىلدى. بۈگۈن ئۇ پىشقەدەم پارتىيە ئەزاسى سادىكىننىڭ ئۆيىگە بېرىپ، بوۋاي بىلەن بىللە قانداق قىلغاندا كەنتتە پارتىيە 19 -قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى يەنىمۇ تەشۋىق قىلىش ۋە ئىزچىللاشتۇرۇش، پارتىيە 19 ـ قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ئىدىيەسىگە چوڭقۇر سىڭدۈرۈپ، ھەر بىر ئادەمنىڭ تۇرمۇشىغا ئەمەلىيلەشتۈرۈش توغرىسىدا پىكىر ئالماشتۇردى.

  مۇخبىر خاتىرىسى: بىر خىل تۆھپە قوشۇش بار، بىز ئۇنى ئاساسىي قاتلام دەپ ئاتايمىز. 

  تولى ناھىيەسىنىڭ كۆپ قىسمى چارۋىچىلىق رايونى بولۇپ، قىش پەسلىدە تەبىئىي شارائىتى بىر قەدەر ناچار، چارۋىچىلارنى مۇقىم ئولتۇراقلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى يولغا قويۇلغىنىغا كۆپ يىللار بولغان بولسىمۇ، لېكىن چارۋىچىلارنىڭ كۆچمەنلىك تۇرمۇش ئادىتىنى دەمال ئۆزگەرتىش تەس بولغانلىقتىن، يەنىلا بىر قىسىم چارۋىچىلار يايلاقتا تارقاق ئولتۇراقلاشقان، بۇ ئاساسىي قاتلام خىزمىتىگە زور قىيىنچىلىقلارنى ئېلىپ كەلدى.

   كىشىلەرنىڭ تولى ناھىيەسىنىڭ قىش پەسلىگە بولغان چۈشەنچىسى ئىلگىرى ناھايىتى ئاز، غۇۋا ئىدى. خىزمەت ئەترىتى شۇ جايغا چوڭقۇر چۆككەندىن كېيىن، كىشىلەرنىڭ بۇ ناھىيەگە بولغان چۈشەنچىسى بارا -بارا چوڭقۇرلاشتى. بىز تولى ناھىيەسىدە زىيارەتتە بولۇش جەريانىدا قاردا قاپسىلىپ قالغان ئاپتوموبىل، 12 بال بوران ئۆرۈۋەتكەن كەنت ئاھالە كومىتېتى ھويلىسىنىڭ دەرۋازىسى قاتارلىق ئىشلارنى كۆردۇق، ئاساسىي قاتلامنىڭ شارائىتىنىڭ ناھايىتى جاپالىق ئىكەنلىكىنى چوڭقۇر ھېس قىلدۇق. بىراق، ئاساسىي قاتلام كادىرلىرىنىڭ باش ئەگمەس، تىز پۈكمەس ئىرادىسى، شىجائىتى، خىزمەتتىكى دادىللىقى، ھەرۋاقىت ئاۋامنى ئويلايدىغان روھى بۇ قىيىنچىلىق ۋە جاپانى بويسۇندۇرۇپ، خەلققە يۈكسەك ئىشەنچ ئاتا قىلغانىدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى