تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

گوۋۇيۈەن بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش خىزمىتى كومىتېتىنىڭ تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى ئاپتونوم رايونغا بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشنى تەكشۈرۈش پىكرىنى قايتما ئىنكاس قىلدى

  مۇخبىرىمىز دۇڭ شاۋخۇا خەۋەر قىلىدۇ: گوۋۇيۈەن بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش خىزمىتى كومىتېتىنىڭ ئاپتونوم رايونغا بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش خىزمىتىنى تەكشۈرۈش ئەھۋالىنى قايتما ئىنكاس قىلىش يىغىنى 1 – ئاينىڭ 11 – كۈنى ئۈرۈمچىدە ئېچىلدى. گوۋۇيۈەن بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش خىزمىتى كومىتېتى 6 – تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسىنىڭ باشلىقى، يېزا ئىگىلىك مىنىستىرلىقىنىڭ باش چارۋىچىلىق تېخنىكى ما ئەيگو ئاپتونوم رايونغا تەكشۈرۈش پىكرىنى قايتما ئىنكاس قىلدى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى شۆھرەت زاكىر يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى ھەم سۆز قىلدى.

  تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى 1 – ئاينىڭ 4 – كۈنىدىن 11 – كۈنىگىچە دوكلات ئاڭلاش، ماتېرىياللارنى تەكشۈرۈش، نەق مەيداندا تەكشۈرۈش، ئۇنىۋېرسال نومۇر قويۇش قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق ئاپتونوم رايوننىڭ 2017 – يىللىق بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش خىزمىتىنى نەق مەيداندا تەكشۈردى، بايىنغولىن ئوبلاستى، سانجى ئوبلاستى قاتارلىق ۋىلايەت، ئوبلاست، ناھىيە، شەھەرلەرنى، شۇنداقلا بايىنغولىن ئوبلاستى ‹‹چىنخۇا›› سانائەت – سودا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى قاتارلىق ئالتە ئىشلەپچىقىرىش – تىجارەت ئورنىنى نۇقتىلىق ئارىلاپ تەكشۈردى.

  تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتى بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش خىزمىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، يۈكسەك سىياسىي ئاڭلىقلىق، كۈچلۈك بۇرچ ۋە مەسئۇلىيەتچانلىق بىلەن، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ تەدبىر – ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش قىزىل سىزىقىنى قەتئىي چىڭ ساقلاپ، بىخەتەرلىك مەسئۇلىيىتىنى كۈچەيتىپ، بىخەتەرلىك خەۋپ – خەتىرىنىڭ پۇختا ئالدىنى ئېلىپ، بۇلتۇر ئېغىر، پەۋقۇلئاددە زور ھادىسە كۆرۈلمەسلىكنى ئىشقا ئاشۇرغان، ئاپتونوم رايوننىڭ بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش ۋەزىيىتىنى ئىزچىل مۇقىم ياخشىلاپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن پائال تۆھپە قوشقان، دەپ قارىدى.

  شۇنىڭ بىلەن بىللە، تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى يەنە ئاپتونوم رايونغا كارخانىلارنىڭ بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشتىكى سۇبيېكتلىق ئېڭىنى يەنىمۇ كۈچەيتىش، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش قانۇن ئىجراسى قوشۇنى، قانۇن ئىجراسى ئىقتىدارى قۇرۇلۇشىنى يەنىمۇ كۈچەيتىش، خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش تەدبىرلىرىنى يەنىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈش، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش ئاساسىنى كاپالەتلەندۈرۈش ئىقتىدارى قۇرۇلۇشىنى يەنىمۇ كۈچەيتىش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش خىزمىتىدە ساقلانغان مەسىلىلەرنى كۆرسىتىپ بەردى ھەم ھازىرقى بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشكە كونكرېت تەلەپلەرنى قويدى.

  شۆھرەت زاكىر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتىگە ۋاكالىتەن، گوۋۇيۈەن بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش خىزمىتى كومىتېتى تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسىنىڭ ئاپتونوم رايوننىڭ بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش خىزمىتىگە يېتەكچىلىك قىلغانلىقى ۋە مەدەت بەرگەنلىكىگە رەھمەت ئېيتتى. ئۇ مۇنداق دېدى: بۇ قېتىمقى تەكشۈرۈش پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش خىزمىتىنى كۈچەيتىشتىكى تۈزۈم ۋە مېخانىزمدا يېڭىلىق يارىتىشى بولۇپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش خىزمىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىدىغانلىقىنى ھەم بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش مەسئۇلىيىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشتىكى قەتئىي ئىرادىسىنى تولۇق نامايان قىلدى. ئاپتونوم رايونىمىزدىكى جايلار، تارماقلار ‹‹تۆت ئاڭ››نى كۈچەيتىپ، تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى ئىنكاس قىلغان پىكىرلەرگە ئەستايىدىل سېلىشتۇرۇپ، بىرمۇبىر رەتلەپ، مەسئۇلىيەتنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، ئىنتىزامنى چىڭىتىپ، قەتئىي پوزىتسىيە، ئۈنۈملۈك تەدبىر، كۈچلۈك كاپالەت ئارقىلىق ئۆزگەرتىش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش خىزمىتىنى كەم – كوتسىز چىڭ تۇتۇشى كېرەك.

  شۆھرەت زاكىر مۇنداق تەكىتلىدى: جايلار، تارماقلار پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ ۋە ئىزچىللاشتۇرۇپ، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، بىخەتەر تەرەققىي قىلىش ئىدىيەسىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، خەلقنىڭ ھاياتى ۋە مال – مۈلكىنىڭ بىخەتەرلىكىنى باشتىن – ئاخىر ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇپ، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش مەسئۇلىيىتىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈشى، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تۈزۈلمە، مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، بىخەتەرلىكتىكى قوش ئالدىنى ئېلىش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش ئاساسىنى پۇختىلاشقا كۈچەپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش خىزمىتى ئومۇمىي سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈشى كېرەك. بۇ قېتىمقى تەكشۈرۈشنى پۇرسەت بىلىپ، دىققەتنى ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىغا يەنىمۇ مەركەزلەشتۈرۈپ، بۇ يىللىق بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش خىزمىتىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ياخشى ئىشلەپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتىنى پۇختا بىخەتەرلىك كاپالىتى بىلەن تەمىنلىشى كېرەك.

  ئاپتونوم رايوننىڭ مۇئاۋىن رەئىسى جاۋ چىڭ، ئاپتونوم رايونلۇق بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش خىزمىتى كومىتېتىغا ئەزا ئورۇنلارنىڭ مەسئۇللىرى يىغىنغا قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى