تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

شىنجاڭدا قىش، ئەتىياز باش تېما قىلىنغان 50 تۈرلۈك پائالىيەت ساياھەتچىلەرنىڭ ھۇزۇرىغا سۇنىلىدۇ

   ئۆز خەۋىرىمىز: مۇخبىرنىڭ 11-يانۋار ئاپتونوم رايونلۇق ساياھەت تەرەققىيات كومىتېتىدىن ئىگىلىشىچە، 2017-~ 2018-يىللىق شىنجاڭدا قىش، ئەتىياز باش تېما قىلىنغان 50 پائالىيەت ساياھەتچىلەرگە سۇنىلىدىكەن.
  ئىگىلىنىشىچە، بۇ پائالىيەتلەر تەبىئىي مەنزىرە رايوندا سەيلى قىلىش، تەنتەربىيە، ئۆزى ئاپتوموبىل  ھەيدەپ سەيلى قىلىش، ئاتا-ئانىلار بالىلىرى بىلەن ئويۇن ئويناش، بايرام تەنتەنىسى قىلىش، ئارشاڭ، مىللىي ئۆرپ - ئادەت ساياھىتى قاتارلىق ئوخشاشمىغان تۈردىكى پائالىيەت، شەكىللەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن.
  قىش پەسلىدە سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستلىق ساياھەت ئىدارسى، قومۇل شەھەرلىك ساياھەت ئىدارىسى، ئۈرۈمچى شەھەرلىك ساياھەت ئىدارىسى، ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستلىق ساياھەت ئىدارىسى، ئالتاي  شەھەرلىك ساياھەت ئىدارىسى، بورتالا موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستلىق ساياھەت ئىدارىسى قاتارلىق ئورۇنلارمۇ قار ـ مۇز مەدەنىيەت ـ ساياھەت بايرىمىلىق پائالىيەتلەرنى ئۇيۇشتۇرغان.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى