تەڭرىتاغ تورى   ›   تۇرمۇش   ›   ئائىلە ۋە نىكاھ

ئائىلىدە غەمخورلۇقنىڭ كەملىكىدىن جېدەل بېسىقمايدۇ

  ئەر-خوتۇن ئۆزئارا ئىنتايىن ئىناق ئۆتەتتى. بىراق، يېقىنقى بىر يىلدىن بۇيان ئۇششاق-چۈششەك جېدەل-ماجىرالار بېسىقمايدىغان بولۇپ قالدى.

      ئەسلىدە مۇقىم خىزمىتى بار ئايالى خىزمەتتىن ئىستېپا بېرىپ «بىۋاستە سېتىش» خىزمىتى بىلەن شۇغۇللىنىمەن، دەپ چىڭ تۇرۇۋالغانىدى. ئېرى بولسا بۇنىڭغا قەتئىي قارشى تۇردى. شۇ ئىش تۈپەيلى ئەر-ئايال ئىككىسى بىر يىلغا يېقىن جېدەللەشتى. ئېرى قۇرۇق قول ئىش باشلاپ، ھازىر بىر شىركەتنىڭ خوجايىنى بولۇپ قالدى. خوتۇنىنىڭ بولسا مۇقىم ئىش ئورنى بار تۇرۇقلۇق، نېمىشقا تەييار خىزمىتىنى ياخشى قىلماي، قۇرۇق خىيالغا بېرىلىدىغاندۇ؟

      پىسخولوگلارنىڭ تەھلىل قىلىشىچە: نۇرغۇن ئاياللار ماددىي جەھەتتىن تويۇنغان ئەھۋالدا، زېھنىي كۈچىنى ئەر-خوتۇنلۇق مۇناسىۋەت ئۈستىگە قويۇپ، ئېرىنىڭ ئۆزىگە بەكرەك كۆڭۈل بۆلۈشى ۋە ياخشى كۆرۈشىنى تەلەپ قىلىدىكەن. ئەگەر ئېرى بۇنى ۋاقتىدا بايقىۋالالمىسا ياكى مۇھەببىتىنى ئىپادىلىمىسە، خوتۇنى ھەر خىل ئۇسۇللار بىلەن بۇ تەلىپىنى ئىپادىلەيدىكەن، مەسىلەن: يىغلاش، مۇنازىرىلىشىش، (جېدەل-ماجىرا) ياكى ئاغرىق قىياپىتىگە كىرىۋېلىش قاتارلىقلار ئارقىلىق ئېرىنىڭ دىققىتىنى تارتماقچى بولىدىكەن.

      يۇقىرىقى ئايال بولسا ئىنتايىن سەزگۈر بىر مەسىلىنى ئوتتۇرىغا قويۇش ئارقىلىق ئۇنىڭ دىققىتىنى تارتماقچى بولغان. بۇ بىر كۆيۈنۈشنى تەلەپ قىلىش ئۇسۇلى، ھەرگىزمۇ كەسىپ ئالماشتۇرۇش مەسىلىسى ئەمەس.

      ئېرى مۇتەخەسسىسنىڭ بايانىنى ئىنتايىن توغرا دەپ قارىغان. چۈنكى، ئۇرۇش-جېدەل قىلغاندا ئەر-ئايالنىڭ بىللە بولىدىغان ۋاقتى ھەقىقەتەنمۇ كۆپرەك بولغان. نىكاھنىڭ ئۇزىرىشىغا ئەگىشىپ، نۇرغۇن ئەرلەر ۋاقتىنى كەسىپكە بېغىشلاپ، ئاياللار ئائىلە بىلەن ھەپىلىشىدىغان گەپ. ئاياللار ئەرلەرنىڭ ئۆزىگە كۆڭۈل بۆلمەيۋاتقانلىقىنى ھېس قىلغان چاغدا ئەرلەر قىلالمايدىغان بىر ئىشنى باھانە قىلىپ ئۇلار بىلەن مۇنازىرىلىشىپ، ئۇلارنىڭ دىققىتىنى تارتماقچى بولىدۇ. بۇ بىر دانا چارە. ۋاقىت ئۇزارغانسېرى ھېسسىياتقا تەسىر يېتىشى تۇرغانلا گەپ.

      شۇڭا، مۇتەخەسسىسلەر مەسلىھەت بېرىپ، ئەر بولغان كىشى خوتۇنىغا كۆپرەك كۆڭۈل بۆلۈشى، بەك كۆپ ۋاقىت چىقىرالمىغان تەقدىردىمۇ، كۆڭلىنى سۆيۈندۈرىدىغان چىرايلىق گەپ-سۆزلەر ياكى بىر دەستە گۈل دېگەندەكلەر بىلەن خوتۇنىغا بولغان مۇھەببىتىنى ئىپادىلەپ تۇرۇشى كېرەك، دەيدۇ.

«بەختلىك ئائىلىنىڭ سىرى» ناملىق كىتابتىن ئېلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تەڭرىتاغ تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • شىنجاڭ ساياھەتچىلىكى بارغانسېرى جانلاندى
  • شاللىق رەسىمى ساياھەتچىلەرنى جەلپ قىلدى
  • بۇغدا كۆلىدىكى تۇنجى قار
ئالاقىلىشىڭ ئەسەر ئەۋەتىڭ خەت قالدۇرۇڭ تورىمىز ئىختىيارى مۇخبىرلار خەت ساندۇقى