تىيانشان تورى   ›   ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرى   ›   شۇجى خاتىرىسى

شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنىڭ چوڭقۇر تەرەققىياتىنى ئىزچىل قەتئىي تەۋرەنمەي ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك

  ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېت (كېڭەيتىلگەن) يىغىنىدا مۇنداق تەكىتلەندى:

  شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنىڭ چوڭقۇر تەرەققىياتىنى ئىزچىل قەتئىي تەۋرەنمەي ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك

  چېن چۈەنگو يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى

  مۇخبىرىمىز ياۋ تۇڭ خەۋەر قىلىدۇ: ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ 1 – ئاينىڭ 11 – كۈنى چۈشتىن ئىلگىرى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 19 – نۆۋەتلىك مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ 2 – ئومۇمىي يىغىنىدا مۇھىم سۆز قىلدى. يىغىندىن كېيىن ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دەرھال دائىمىي كومىتېت (كېڭەيتىلگەن) يىغىنى ئېچىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنى ئورۇنلاشتۇردى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى چېن چۈەنگو يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى. ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر دەرىجىلىك تارماقلار باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ ۋە ئىزچىللاشتۇرۇپ، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنىڭ چوڭقۇر تەرەققىياتىنى مەڭگۈ داۋاملاشتۇرىدىغان جاسارەت بىلەن ئەستايىدىل ئىلگىرى سۈرۈپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنىڭ شىنجاڭ سەھىپىسىنى يارىتىشنى كۈچلۈك كاپالەتكە ئىگە قىلىشى كېرەك.

  چېن چۈەنگو مۇنداق كۆرسەتتى: باش شۇجى شى جىنپىڭ 19 – نۆۋەتلىك مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ 2 – ئومۇمىي يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىدە يېڭى دەۋردىكى پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىنىڭ تەرەققىيات ئومۇمىيىتى يۈكسەكلىكىدە تۇرۇپ، پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشتىكى ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىسىنى چوڭقۇر شەرھلىدى، پارتىيە 18 – قۇرۇلتىيىدىن بۇيانقى پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنىڭ مۇھىم تەجرىبىلىرىنى ئومۇميۈزلۈك يەكۈنلىدى، پارتىيەمىز دۇچ كېلىۋاتقان خەۋپ – خەتەر ۋە خىرىسنى چوڭقۇر تەھلىل قىلدى، ھازىرقى ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر مەزگىلدىكى پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنىڭ باش تەلىپى ۋە ئاساسىي ۋەزىپىسىنى ئېنىق ئوتتۇرىغا قويۇپ، مۇستەھكەم غايە – ئېتىقاد، روشەن خەلقچىل مەيدان، قەيسەر ئىرادە – پەزىلەت، كۈچلۈك تارىخىي مەسئۇلىيەتنى تولۇق نامايان قىلدى، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ سۆزى يېڭى دەۋردە پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى ئىلمىي يېتەكچى، تۈپ مىزان ۋە پىروگرامما خاراكتېرلىك ھۆججەت. ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر دەرىجىلىك تارماقلار ۋە پارتىيەلىك كادىرلار باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئۆگىنىشنى مۇھىم سىياسىي ۋەزىپە قىلىپ، ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، ئۆزلەشتۈرۈپ، روھىنى توغرا ئىگىلەپ، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مەسئۇلىيەت ئېڭى ۋە تەخىرسىزلىك ئېڭىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنى قەتئىي تەۋرەنمەي چوڭقۇرلاشتۇرۇشى كېرەك.

  بىرىنچى، ئەستايىدىل چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىدىيەۋى تونۇشنى بىرلىككە كەلتۈرۈش كېرەك. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك، ئىلمىي، سىستېمىلىق، توغرا ئۆگىنىپ ۋە ئۆزلەشتۈرۈپ، ئۇنى پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇش، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى، بولۇپمۇ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش بىلەن بىرلەشتۈرۈپ ئۆگىنىپ، تەپەككۇر قىلىپ، ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىپ، ئۆزلەشتۈرۈپ، ئەتراپلىق ئىگىلەپ، قەلبكە سىڭدۈرۈپ، ھەرىكەتكە ئايلاندۇرۇپ، ئىدىيە ۋە ھەرىكەتنى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھى، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر – ئورۇنلاشتۇرمىلىرى ئاساسىدا ھەقىقىي بىرلىككە كەلتۈرۈپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنى شىنجاڭ خىزمىتىنىڭ ھەر قايسى تەرەپلىرىدە قەتئىي تەۋرەنمەي ئىزچىللاشتۇرۇش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك.

  ئىككىنچى، ‹‹تۆت ئاڭ››نى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، سىياسىي يۈكسەكلىكنى ئۆستۈرۈش كېرەك. ‹‹تۆت ئاڭ››نى ھەقىقىي كۈچەيتىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ، پۈتۈن پارتىيەنىڭ يادروسىلىق ئورنىنى، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نوپۇزى ۋە مەركەزلىك بىر تۇتاش رەھبەرلىكىنى قەتئىي قوغداپ، سىياسىي مەيدان، سىياسىي يۆنىلىش، سىياسىي پىرىنسىپ، سىياسىي يول جەھەتتە يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن قەتئىي يۈكسەك بىردەكلىكنى ساقلاپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر – ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى كەم – كوتسىز ئىزچىللاشتۇرۇش كېرەك.

  ئۈچىنچى، قىممەتلىك تەجرىبىلەردە چىڭ تۇرۇپ، ئىستراتېگىيەلىك ئىرادىنى ساقلاش كېرەك. پارتىيە 18 – قۇرۇلتىيىدىن بۇيان پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشتا قولغا كەلتۈرۈلگەن كۆرۈنەرلىك نەتىجىلەرنى، پارتىيە دۇچ كېلىۋاتقان خەۋپ – خەتەر ۋە خىرىسنى چوڭقۇر تونۇپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنىڭ مۇھىم تەجرىبىلىرىدە ئۇزاققىچە چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇرۇش، پارتىيەنىڭ ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ ۋە ئۇنى كۈچەيتىپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنى ئۇيۇل تاشتەك چىڭ، پولاتتەك مۇستەھكەم ئىرادە بىلەن ئۇزاققىچە قەتئىي داۋاملاشتۇرۇش كېرەك. شىنجاڭ بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنىڭ ئالدىنقى سەپ بازىسى ۋە ئاساسىي جەڭگاھى، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداش ۋەزىپىسى ئېغىر بولسىمۇ، پارتىيە ئىستىلى، پاكلىق قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش ۋە چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش مەسىلىسىدە ھېچقانداق ئالاھىدە ئىمتىيازغا ئىگە ئەمەس، دەيدىغان ئىدىيەنى پۇختا تۇرغۇزۇپ، بىر قولدا بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنى، يەنە بىر قولدا پارتىيە ئىستىلى، پاكلىق قۇرۇلۇشىنى ۋە چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنى تۇتۇش كېرەك.

  تۆتىنچى، خىزمەتنىڭ مۇھىم نۇقتىسىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك. پارتىيەنىڭ سىياسىي قۇرۇلۇشىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، سىياسىي ئىنتىزام ۋە سىياسىي قائىدىنى چىڭىتىپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىغا مۇتلەق سادىق بولۇش، ھەر قانداق ۋاقىت، ھەر قانداق ئەھۋالدا تەۋرەنمەي، ئىشەنچلىك بولۇپ، ‹‹تۆت ئاڭ››نى پارتىيەنىڭ قوماندانلىقىغا بويسۇنۇش، پارتىيە ئۈچۈن مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلىشتىكى ئەمەلىي ھەرىكەتكە ئايلاندۇرۇش؛ مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنىڭ روھىنى قەتئىي بوشاشماي ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئاچقۇچلۇق ھالقىلارنى تۇتۇپ، راھەتپەرەسلىك، ھەشەمەتچىلىك خاھىشىنىڭ يېڭى يۈزلىنىشى ۋە يېڭى ئىپادىسىگە يېقىندىن دىققەت قىلىش، بىرىنچى قول ئۆزى بىۋاسىتە تۇتۇپ، باش مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئېلىپ، شەكىلۋازلىق، بىيۇروكراتلىقنى تۈزىتىپ، ئىمتىياز ئىدىيەسى، ئىمتىياز خاھىشىغا قەتئىي قارشى تۇرۇپ، چوڭقۇر تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ، ئاممىۋى خىزمەتنى چىن دىلىدىن ھەقىقىي ياخشى ئىشلەش؛ ئىنتىزام قۇرۇلۇشىنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىپ، ئىنتىزام تەربىيەسىنى كۈچەيتىپ، ئىبرەت تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇپ، ئىنتىزام، قائىدىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئىنتىزام ئىجراسىنى كۈچەيتىپ، قاتتىق ئىنتىزام ئارقىلىق پارتىيەنى باشقۇرۇش، پارتىيەنى ئىدارە قىلىش؛ چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنىڭ مۇتلەق غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈپ، ھادىسىدىنمۇ، ماھىيەتتىنمۇ تۈزەشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، چەكلەنگەن رايون بولماسلىق، ئومۇميۈزلۈك قاپلاش، قەتئىي يول قويماسلىقتا، قاتتىق توسۇش، يۇقىرى بېسىمنى كۈچەيتىش، ئۇزاققىچە چۆچۈتۈشتە چىڭ تۇرۇپ، ‹‹يولۋاس››قىمۇ، ‹‹چىۋىن››گىمۇ تەڭ زەربە بېرىپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنى ئاساسىي قاتلامغا كېڭەيتىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئاممىنىڭ ئەتراپىدا يۈز بەرگەن چىرىكلىشىش مەسىلىلىرىنى قاتتىق تۈزەش؛ ئىنتىزام تەكشۈرۈش، مەمۇرىي تەپتىش قوشۇنى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، سادىق، پاك، مەسئۇلىيەتچان ئىنتىزام تەكشۈرۈش، مەمۇرىي تەپتىش كادىرلىرى قوشۇنىنى تىرىشىپ قۇرۇش كېرەك.

  بەشىنچى، ئىككى مەسئۇلىيەتنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، سىياسىي مەسئۇلىيەتچانلىقنى كۈچەيتىش كېرەك. ھەر دەرىجىلىك پارتكوم(پارتگۇرۇپپا)لار سۇبيېكتلىق مەسئۇلىيىتىنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ھەر دەرىجىلىك پارتكوم (پارتگۇرۇپپا) شۇجىلىرى پارتىيەنى باشقۇرۇش، پارتىيەنى ئىدارە قىلىشتىكى بىرىنچى مەسئۇلىيەتنى باشتىن – ئاخىر قەلبىگە پۈكۈپ، ھەر ۋاقىت زىممىسىگە ئېلىپ، چىڭ تۇتۇشى؛ ھەر دەرىجىلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتلىرى (ئىنتىزام تەكشۈرۈش گۇرۇپپىلىرى) قاتتىق نازارەت قىلىپ، ئىنتىزامنى قاتتىق ئىجرا قىلىپ، جاۋابكارلىقنى قاتتىق سۈرۈشتۈرۈپ، پارتىيە نىزامنامىسى ۋە پارتىيە ئىچىدىكى باشقا قائىدە – بەلگىلىمىلەرنى قەتئىي قوغدىشى، پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئەھۋالىنى ئەستايىدىل تەكشۈرۈپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر – ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنىڭ تولۇق ئەمەلىيلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىستىل دۇرۇس، كەيپىيات توغرا بولغان سىياسىي مۇھىت بەرپا قىلىشى كېرەك.

  ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرىدىن شۆھرەت زاكىر، نەيىم ياسىن، نۇرلان ئەبىلمەجىن، جۇ خەيلۇن، لى پېڭشىن، شاۋكەت ئىمىن، شۈ خەيرۇڭ، لى شۆجۈن، ئەركىن تۇنىياز، ما شۆجۈن، تيەن ۋېن، سارقىت ئاقان قاتارلىقلار يىغىنغا قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى