تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەملىكەت

پويىز «ئېلېكتىرونلۇق كۆزى»نى ئاسىرىغۇچىلار

  شىنخۇا تورى مۇخبىرى لى ئەن

  11-يانۋار، ياڭ جۈن (ئوڭدىن 2-كىشى) ئىشچىلار بىلەن بىللە تازلاش، ئاسراش مەشغۇلاتى قىلماقتا.

  ياڭ جۈن ئىلگىرى جېڭجۇ ئۇچاستىكىسدىكى بىر بېكەتتە پويىز تەكشۈرگۈچى ئىدى، «ئالاقە تورى+»دىكى تۆمۈر يول «يېڭى دەۋر»ى ئۇنى بىخەتەرلىك تەكشۈرۈش ئۈسكۈنىلىرىنى رېمونت قىلىپ تەكشۈرۈشتىن ئىبارەت يېڭى ئىش ئورنىغا ئىگە قىلدى. تۆمۈر يول رېلىسىغا يوشۇرۇپ قويۇلغان «ئېلېكتىرونلۇق كۆز» قاتارلىق ئۆلچەپ تەكشۈرۈش ئۈسكۈنىلىرىنى ياخشى ئاسراش ياڭ جۈننىڭ كۈندىلىك خىزمىتى ئىدى.

   ياڭ جۈن ۋە ئۇنىڭ خىزمەتداشلىرى نۆۋەتچىلىك قىلىدىغان ئورۇن جېڭجۇ پويىز ئىستانسىسىنى مەركەز قىلىپ،شەرق، جەنۇب، غەرب، شىمال تۆت يۆنىلىشكە تارقالغان. ئۇلار جېڭجۇ پويىز ئىستانسىسى بىلەن بولغان ئارىلىقى 50 كىلومېترچە كېلىدىغان شاڭجې، جۇڭمۇ، جۇڭيى، شىنجېڭدىن ئىبارەت تۆت جايدىكى «ئېلېكتىرونلۇق كۆز» ئورۇنلاشتۇرۇلغان مۇھىم جايدا رېلىسنىڭ ئىككى يېنى ۋە رېلىس مەركىزىدىكى يۇقىرى سۈرئەتلىك ئاپرات، پەيتلىك سۈرەتكە تارتىش ئۈسكىنىسى، پويىزنىڭ يۆنىلىش ئۆزگەرتىش جازىسى، ۋاگون چاتقۇچ قۇرۇلمىسى، تورمۇز قۇرۇلمىسى ۋە تۇرۇبا سىستېمىسىدىن ئىبارەت تۆۋەن قىسىمدىكى ئۈسكۈنىلەرنىڭ تېخنىكىلىق ھالىتىگە مەسئۇل.

  چاغانلىق يولۇچى توشۇش پات ئارىدا باشلىنىش ئالدىدا تۇرماقتا، قار، تۇمان قاتارلىق ناچار ھاۋارايى كۆپ كۆرۈلگەندە، «ئېلېكتىرونلۇق كۆز» ئاسانلا «قىزىرىپ» قالىدۇ. «ئېلېكتىرونلۇق كۆز»لەردىكى كاشىلىنى تېز سۈرئەتتە بىر تەرەپ قىلىشتا، ياڭ جۈن ۋە ئۇنىڭ خىزمەتداشلىرى ھەر ۋاقىت بۇيرۇق كۈتۈش ھالىتىدە تۇرىدۇ. جىددىي رېمونت قىلىش ۋەزىپىسى چۈشكەندە، ئۇلار چاقماق سۈرئىتىدە كاشلا كۆرۈلگەن جايغا بېرىپ جىددىي رېمونت قىلىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى